يەكەن ئىلىشقۇ قەتلىئامىنى ئۇنتۇمايمىز!

سوت مەھكىمىسىنىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى «تېررورلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 13-ئۆكتەبىر، قەشقەر.

 

بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن ،  يەنى 2014-يىلدىكى 28-ئىيۇل يەكەن ئىلىشقۇ قەتلىئامى ھەققىدە ئاز كۆپ پەرقلىق ھىكايىلەر مەۋجۇتتۇر، ئۇنداقتا 4 يىلدىن بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارا چۈشىگە ئايلانغان  يەكەن ئىلىشقۇ يىزىسىدا بۇ كۈن زادى نىمە ئىشلار بولغان؟

تۆت يىل ئاۋۋالقى بۇ كۈن، يەنى رامزان ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر يىرىگە ئوخشاشلا ئەتراپى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بىلەن قورشالغان يەكەن ئىلىشقۇ يىزىسىدا بىر ھەمشىرىسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ خۇپتەندىن كىيىنكى ئىبادىتىنى قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان خانىم قىزلىرىمىز ئىسلام دۈشمىنى خىتتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلگەن. قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر ئائىلى بويىچە شۇ يەردىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئانىلىرىمىز ۋە قىزلىرىمىزنى ئۆز نومۇسى ئورنىدا قوغداپ كىلىۋاتقان ئىلىشقۇ ئەركەكلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىپ، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئايال قىزلىرىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ، بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان ئاياللىرىنىڭ سورىقىنى قىلىش ئۈچۈن، ئۆز نومۇسىغا ھاقارەت قىلغان خىتتايلاردىن ھىساپ ئېلىش ئۈچۈن كوچىلارغا توپلانغان، بىرلىكتە ساقچى پونكىتلىرىغا بېرىپ ئۆز ئىنسانىي ھوقۇقى بويىچە خانىم قىزلارنى قويۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ ئورۇنلۇق ھەق ھوقۇقلىرى خىتتايلارنىڭ قوپاللىق بىلەن قارشىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ۋە خىتتاي خادىملار ئارىسىدا جىسمانى توقۇنۇش يۈز بەرگەن

بۇ ۋەقەلەر ئۈچۈن خىتتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەربىي كۈچ، تانكا قاتارلىقلار ئەۋەتىلىپ، شۇ ۋەقە يۈز بەرگەن يەردىكى ھەممە كىشىنى تەڭلا يوق قىلىش بۇيرۇقى كەلگەن.  ئەلۋەتتە يوق قىلىنىش تىزىملىكى ئارىسىدا خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر خادىملارمۇ بار. 28 -ئىيۇل كىچىسى ئىلىشقۇ يىزىسىدىكى ئۈچ كەنت—15،16،17-كەنتتىكى پۈتۈن خەلق (بۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋەقە بىلەن ھىچقانداق باغلىنىشى بولمىغان كۆپ ساندا ئۇيغۇر خەلقىمۇ بار) تىك ئۇچار،تانكا ۋە ھەربىي كۈچلەر تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىغان خىتتاي ھۆكۈمىتى، قەتلىئام يۈز بەرگەن مەيداننى 15 نەپەر سەھىيە خادىمى ئىلىپ كىلىپ تازىلاتقان، ۋە ھەممە كىشىنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدىلا نەۋرىسىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ كەلگەن 80 ياشلاردىكى بىر چوڭ ئانىمىزنىمۇ ئېتىپ تاشلىغان

1514-يىلى يەكەن خانلىقى دەل مۇشۇ يەكەننى پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغان. يەكەن ئىلىشقۇ قەتلىئامى تۈرك دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا گۈزەل نامى بىلەن تونۇلغان بۇ تارىخى تۇپراقلاردا يۈز بىرىپ ئۆتكەن قەتلىئاملاردىن پەقەتلا بىرى. خىتتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ خىلدىكى قەتلىئام، ۋەقەلەردىن كىيىن پۈتۈن تاراتقۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن يالغان ساختا خەۋەرلەرنى يىزىشقا مەجبۇرلاپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنى بىر بىرىدىن خەۋەرسىز ياشايدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئەمما بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسىى جايلىرىدىكى تاراتقۇ ئەركىنلىكى، يىزىش ئەركىنلىكى، كۆپ تىللىق ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ بۇ قەتلىئاملارنى، بۇ زۇلۇملارنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتالايمىز

داۋانى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دىپلوم ياكى گۇۋاھنامىگە كېرەك يوق، ھەقىقەتنى ئۆز ھالىتى بويىچە ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاڭلىتىش، دۇنيانى بۇ ئىنسانلىققا قارشى قىلىنغان زۇلۇمغا قارشى چىقىشقا دەۋەت قىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ قولىدىن كۈلىدىغان ئىش. پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بۇ قەتلىئامنى، قەتلىئامدا شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ

:ئەسكەرتىش
بىز پەقەت شۇ قەتلىئامغا شاھىت بولغان، ۋەقە ھەققىدە ئازدۇر كۆپتۇر بىلگەنلىرىنى ئاڭلاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بايانى بويىچە بۇ ئىلتىماسنى يېزىپ چىقتۇق، ئۇ كېچە يەنە نېمىلەر يۈز بەردى، زادى قانچىلىك قېرىندىشىمىز شېھىت، بۇ بىز ئۈچۈن ھازىرچە بىر سىر، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ھەقىقەتلەر، بىزگە قىلىنغان زۇلۇملارنىڭ بىزدىن  يوشۇرۇنغان قىسمى بىر كۈنى چوقۇم ئاشكارا بولىدۇ

.نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى

2014-yildiki 28-iyul Yeken ilishqu qetli’ami heqqide az köp perqliq hikayiler mewjuttur,undaqta 4 yildin biri uyghur xelqining qara chüshige aylan’ghan Yeken ilishqu yizisida bu kün zadi nime ishlar bolghan?

2014-yil ramzan aylirining axirqi künliri, sherqi türkistanning her yirige oxshashla etrapi tekshürüsh ponkitliri bilen qorshalghan Yeken ilishqu yizisida bir hemshirisining öyige yighilip xuptendin kiyinki ibaditini qilish bilen meshghul boluwatqan xanim qizlirimiz islam düshmini xittay saqchiliri teripidin tutup kitilgen. Qarshiliq körsetkenler a’ili boyiche shu yerdila étip öltürülgen. Anilirimiz we qizlirimizni öz nomusi ornida qoghdap kiliwatqan ilishqu erkekliri bu ehwaldin xewer tipip,beziliri öltürülgen ayal qizlirining jesitini kötürüp, beziliri qolgha élin’ghan ayallirining soriqini qilish üchün, öz nomusigha haqaret qilghan xittaylardin hisap élish üchün kochilargha toplan’ghan, birlikte saqchi ponkitlirigha bérip öz insaniy hoquqi boyiche xanim qizlarni qoyup birishni telep qilghan, emma bu orunluq heq hoquqliri xittaylarning qopalliq bilen qarshilishigha uchrighandin kiyin, uyghur erkekliri we xittay xadimlar arisida jismani toqunush yüz bergen.

Bu weqeler üchün xittay hökümitidin herbiy küch, tanka qatarliqlar ewetilip, shu weqe yüz bergen yerdiki hemme kishini tengla yoq qilish buyruqi kelgen. Elwette yoq qilinish tizimliki arisida xittay hökümiti üchün pidakarliq bilen ishlewatqan uyghur xadimlarmu bar. 28 -iyul kichisi ilishqu yizisidiki üch kent—15,16,17-kenttiki pütün xelq (bularning arisida weqe bilen hichqandaq baghlinishi bolmighan köp sanda uyghur xelqimu bar) tik uchar,tanka we herbiy küchler teripidin qirip tashlan’ghan. Buning bilenla toxtap qalmighan xittay hökümiti, qetli’am yüz bergen meydanni 15 neper sehiye xadimi ilip kilip tazilatqan,we hemme kishining közining aldidila newrisining iz dérikini qilip kelgen 80 yashlardiki bir chong animiznimu étip tashlighan…

1514-yili Yeken xanliqi del mushu Yekeni paytext qilip qurulghan. Yeken ilishqu qetli’ami türk dunyasi we ottura asiyagha güzel nami bilen tonulghan bu tarixi tupraqlarda yüz birip ötken qetli’amlardin peqetla biri. Xittay hökümiti sherqiy türkistandiki bu xildiki qetli’am,weqelerdin kiyin pütün taratqularni özliri üchün yalghan saxta xewerlerni yizishqa mejburlap,wetinimizdiki uyghurlirimizni bir biridin xewersiz yashaydighan bir haletni shekillendürgen.emma biz dunyaning herqaysii jayliridiki taratqu erkinliki,yizish erkinliki, köp tilliq alahidiliklirimizni jari qildurup bu qetli’amlarni, bu zulumlarni pütün dunyagha anglital
Dawani anglitish üchün diplom yaki guwahnamige kérek yoq, heqiqetni öz haliti boyiche etrapimizdikilerge anglitish, dunyani bu insanliqqa qarshi qilin’ghan zulumgha qarshi chiqishqa dewet qilish her birimizning qolidin külidighan ish. Pütün dunyadiki sherqiy türkistanliq qérindashlirimiz bu qetli’amni, qetli’amda shéhit qilin’ghan qérindashlirimizni menggü yad étidu!

Eskertish
Biz peqet shu qetli’amgha shahit bolghan, weqe heqqide azdur köptur bilgenlirini anglatqan qérindashlirimizning bayani boyiche bu iltimasni yézip chiqtuq, u kéche yene némiler yüz berdi, zadi qanchilik qérindishimiz shéhit, bu biz üchün hazirche bir sir, emma shuninggha ishinimiz, bizge qilin’ghan zulumlarning bizdin yoshurun’ghan heqiqi qismi bir küni choqum ashkara bolidu.

Norwégiye uyghur komitéti.

Legg igjen en kommentar