نورۋېگىيە نېفت فوندىغا ئوچۇق خەت

بىز، پەرقلىق بولغان ئالتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى نامىدىن نورۋىگىيە نىفىت فوندىنىڭ خىتتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك تىخنولوگىيە شىركىتى بولغان «Hikvision رەقەملىك تېخنولوگىيىسى» ۋە «جېجىياڭ Dahua تېخنولوگىيىسى» گە سالغان مەبلىغى ئۈچۈن ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز. نورۋېگىيە نىفىت فوندى دەرھال بۇ ئىككى شىركەتتىن چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى لازىم.
«Hikvision» دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈزىتىش كامىراسى ئىشلەپچىقارغۇچىسى، «Dahua» سىن كۈزىتىش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئورگىنى. بۇ ئىككى شىركەت 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى توختاملار ئۈچۈن خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر بىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەمگە ئېرىشتى.
Hikvision ۋە Dahua مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ، قازاق ۋە باشقا دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىرمىليوندىن ئارتۇق كىشى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان. بۇ مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ياۋروپا بىرلىكى، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ئىككى شىركەت 2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا تىجارەت ساھەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلىرىگە قوللىنىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك 20 دىن ئارتۇق خىتتاي جامائەت خەۋپسزلىكى ۋە باشقا ئالتە شىركەت بىلەن بىرلىكتە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
نىفىت فوندى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مەبلەش سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نىفىت فوندى كىشىلىك ھوقۇقنى شىركەت سىياسىتى ۋە ستراتىگىيىسىگە بىرلەشتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى گەۋدىلىك دوكلات قىلىش ۋە ئەرز قىلىش مىخانىزمى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇققا ماسلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى ئىتراپ قىلىدۇ. نىفىت فوندى يەنە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىتەكچى پىرىنسىپىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۆلچەم Hikvision ۋە Dahua غا قويۇلغان ئۆلچەمدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كېتەلمىدى. بۇ ئىككى شىركەت نېفت فوندنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىنىڭ 3-ماددىسىنىڭ (a) تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈزىتىش ياكى چەتكە قېقىش شەرتىگە توشىدۇ:
«ئەگەر شىركەتلەر تۆۋەندىكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا تۆھپە قوشۇۋاتقان ياكى شۇ شىركەتلەرگە مەسئۇل بولغان بولسا، بۇ شىركەتلەرنى نازارەت قىلىشقا ياكى چەتكە قېقىشقا بولىدۇ: ئېغىر دەرىجىدە ياكى سىستىمىلىق شەكىلدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلغاندا، مەسىلەن، قاتىللىق ، قىيناش ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە ئەڭ ناچار بالىلار ئەمگىكى قاتارلىق ئېغىر ياكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى.»
ئەمما نورۋېگىيە نىفىت فوندى بۇ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بىردىنبىر شىركەت ئەمەس. نۇرغۇن فوند ۋە شىركەتلەر ياكى شەخسلەر ئاللىبۇرۇن ئوچۇق ئاشكارا ھالدا بۇ شىركەتلەرگە مەبلىغ سېلىشنى داۋام قىلماقتا.
ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى دەرھال ھەل قىلالمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى توغرا تاللاش مەبلەغ سالغۇچىلارغا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر ۋە سىستىمىلىق دەخلى-تەرۇزغا قاتناشقان ياكى ئۇنى قوللىغانلارنى قوللاشقا قىززىقمايدىغانلىقى ھەققىدە بىر مەلۇمات بەرگەن بولىدۇ، شۇنداقلا نىفىت فوندىنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ خىلدىكى شىركەتلەردىن پايدا ئالماسلىقىغا كاپالەت قىلغىلى بولىدۇ.
بىز نورۋىگىيە نىفىت فوندىنىڭ ئەخلاق كېڭىشىنىڭ گەرچە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىگە قارىتا نامۇۋاپىق ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقىنىنى ئىتراپ قىلساقمۇ، ئەمما ھازىر نىفىت فوندىنىڭ Hikvision ۋە Dahua شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنى ئەستايىدىل باھالايدىغان ۋە ئەخلاقى ئۆلچەملەر ئاساسىدا مۇۋاپىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەت قىلىدىغان مۇھىم پەيتى!

:ھۆرمەت بىلەن:
نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتىتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى.
نورۋىگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى.
نورۋىگىيە خىلسىنكى كومىتىتى.
كىشىلىك ھوقۇق رافتو فوندى.

Norwégiye néfit fondining «Hikvision» we «DaHua»din ayrilishigha chaqiriq qilin’ghan ochuq xet
Biz, perqliq bolghan alte kishilik hoquq teshkilati namidin norwigiye nifit fondining xittayning uyghur rayonida kishilik hoquq depsendichilikige biwaste munasiwetlik tixnologiye shirkiti bolghan «Hikvision reqemlik téxnologiyisi» we «jéjiyang Dahua téxnologiyisi» ge salghan meblighi üchün endishilirimizni bildürimiz. Norwégiye nifit fondi derhal bu ikki shirkettin chékinip chiqish üchün heriket qilishi lazim.
«Hikvision» dunyaning eng chong küzitish kamirasi ishlepchiqarghuchisi, «Dahua» sin küzitish mehsulatliri we mulazimet orgini. Bu ikki shirket 2016-yildin bashlap uyghur rayonidiki toxtamlar üchün xittay hökümiti teripidin bir bilyon dollardin artuq yardemge érishti.
«Hikvision» we «DaHua» mehsulatliri we mulazimiti xitay hökümiti teripidin uyghur , qazaq we bashqa diniy we étnik guruppilarni nazaret qilish we basturush üchün ishlitilgen. Buning ichide birmilyondin artuq kishi jaza lagérlirida tutup turulghan. Bu mesile kishilik hoquq teshkilatliri, yawropa birliki, birleshken milletler teshkilati we norwégiye hökümiti teripidinmu tekrar-tekrar otturigha qoyulghan.
Bu ikki shirket 2019-yili öktebirde amérika tijaret sahesi teripidin uyghur we bashqa türkiy milletlirige qollinilghan kishilik hoquq depsendichilikige we xalighanche tutqun qilish heriketlirige biwaste munasiwetlik 20 din artuq xittay jama’et xewpszliki we bashqa alte shirket bilen birlikte qara tizimlikke kirgüzülgen.
Nifit fondi mes’uliyetchanliq bilen meblesh sélishqa ehmiyet béridighanliqini otturigha qoydi. Nifit fondi kishilik hoquqni shirket siyasiti we stratigiyisige birleshtürüsh, kishilik hoquq mesililirini gewdilik doklat qilish we erz qilish mixanizmi arqiliq kishilik hoquqqa maslishishni öz ichige alghan bir yürüsh xelq’araliq ölchemlerni itrap qilidu. Nifit fondi yene birleshken milletler teshkilatining soda we kishilik hoquq yitekchi pirinsipini qollaydighanliqini we uninggha emel qilidighanliqini bildürdi.
Bu ölchem «Hikvision» we «DaHua» gha qoyulghan ölchemdin téximu yiraqlap kételmidi. Bu ikki shirket néft fondning özlirining körsetmisining 3-maddisining (a) tarmiqidiki belgilime boyiche küzitish yaki chetke qéqish shertige toshidu:
«eger shirketler töwendiki qobul qilghili bolmaydighan ehwallargha töhpe qoshuwatqan yaki shu shirketlerge mes’ul bolghan bolsa, bu shirketlerni nazaret qilishqa yaki chetke qéqishqa bolidu: éghir derijide yaki sistimiliq shekilde kishilik hoquqqa dexli teruz qilghanda, mesilen, qatilliq , qiynash , erkinliktin mehrum qilish , mejburi emgek we eng nachar balilar emgiki qatarliq éghir yaki sistémiliq kishilik hoquq depsendichiliki.»
Emma norwégiye nifit fondi bu shirketler bilen hemkarliq ornatqan birdinbir shirket emes. nurghun fond we shirketler yaki shexsler alliburun ochuq ashkara halda bu shirketlerge mebligh sélishni dawam qilmaqta.
Elwette bu xildiki shirketler bilen hemkarliqni toxtitish kishilik hoquq kirizisini derhal hel qilalmisimu, emma bu xildiki toghra tallash meblegh salghuchilargha dunyadiki eng chong igilik hoquqluq bayliq fondining kishilik hoquqning éghir we sistimiliq dexli-teruzgha qatnashqan yaki uni qollighanlarni qollashqa qizziqmaydighanliqi heqqide bir melumat bergen bolidu, shundaqla nifit fondining dawamliq türde bu xildiki shirketlerdin payda almasliqigha kapalet qilghili bolidu.
Biz norwigiye nifit fondining exlaq kéngishining gerche téxnika shirketlirining eslihelirige qarita namuwapiq ishlitilish ehwalini tekshürüshke ehmiyet bériwatqinini itrap qilsaqmu, emma hazir nifit fondining «Hikvision» we «DaHua» shirketlirige salghan meblighini estayidil bahalaydighan we exlaqi ölchemler asasida muwapiq tedbirler arqiliq heqiqiy türde ijra qilinishigha kapalet qilidighan muhim peyti!

Hörmet bilen:
Norwigiye uyghur komititi.
Dunya uyghur qurultiyi
Uyghur kishilik hoquq ishxanisi.
Norwigiye qelemkeshler jem’iyiti.
Norwigiye xilsinki komititi.
Kishilik hoquq rafto fondi.

Legg igjen en kommentar