نورۋېگىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى تاقالغان

نورۋېگىيەدىكى مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان بېرگىن ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ خىتاينىڭ نورۋېگىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق توختامىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغان. 5 – فېۋرالدىن بۇيان نورۋېگىيە گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان خەۋەرلەر بۇنى ئىسپاتلاپ «تالاش – تارتىش ئىچىدە قالغان بېرگىن بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا تولۇق خاتىمە بېرىلگەن» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەتتەر ئىلقۇت خانىمنىڭ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە بايان قىلىشىچە، بېرگىن ئۇنىۋېرسىتېتى 2007 – يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىق توختامى تۈزگەن بولۇپ، بۇ توختام ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نورۋېگىيەدە تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن.

بېرگىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن غەربىي نورۋېگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 2007 – يىلى بىرلەشكەن. بۇ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن كۇڭزى ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ نورۋېگىيەدە قۇرالىغان بىردىنبىر كۇڭزى ئىنستىتۇتى بولۇپ، بىرقانچە كۈندىن بۇيان نورۋېگىيەدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار بۇ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ 2020-2021 – يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمى ئۈچۈن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيەدىكى خىتاي كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ تاقىلىشى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى، نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ خىتايغا قارشى 2018 – يىلىدىن بۇيان بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنى غەرب قىممەت قارىشى ئۈستىگە دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ بىر تەشۋىقات ئاپپاراتى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ نورۋېگىيەدە زور زىلزىلە قوزغىغان. نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئىنگرىد ب. روسلاند بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەمدى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلالايدىغان بىر پۇرسەتنى ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقىغانلىقىدىن خۇشال بولدۇق. كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا كۆپلەپ تاقالماقتا. بۇ خىل ھەمكارلىق مەۋجۇت بولغان ئەھۋال ئاستىدا خىتاينى تەنقىدلەش تەسكە توختايتتى. خىتاي قانچە قېتىملاپ خىتايغا تەنقىدىي باھا بەرگەن تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىدى. بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقىشى ئۇلارنىڭ ئەمدى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدلەشكە جورئەت قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، نورۋېگىيەدىكى خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ تاقىلىشىنىڭ نورۋېگىيە جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى بىر ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

17- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى 2021-02

Legg igjen en kommentar