نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 2021-يىللىق سايلام ئۇقتۇرۇشى


نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۈرلۈك شەكىلدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، نورۋېگىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىش بىلەن ئۇيغۇرلارنى يەرلىك خەلققە تونۇشتۇرۇش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە دەل ۋاقتىدا ئاڭلىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋە رەئىسىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ كەلگەن. ئەپسۇس خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك جامائەتچىلىكنىڭ بىر جايغا يىغىلىش ئىمكانىيىتى بولماي، بۇ نۆۋەتلىك سايلام دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلمەي قالدى. ھېلىمۇ ھەم خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك كۆپچىلىكنىڭ بىر جايغا يىغىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك سايلامنى داۋاملىق كېچىكتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە) تور ئېكرانى ئارقىلىق بۇ يىللىق سايلامنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. سايلام كۈنىدىكى يىغىن كۈنتەرتىپى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

  1. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تۆت يىللىق خىزمەت دوكلاتى، مالىيە دوكلاتى بېرىلىدۇ ۋە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ پىكىرى ئاڭلاپ ئۆتىلىدۇ.
  2. يىغىننىڭ باشقۇرۇلۇشى سايلام كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، كومىتېت ھەيئەتلىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ ۋە يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە دېموكراتىك شەكىلدە سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ.
  3. كومىتېت خىزمەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىغان، كومىتېت ئۇيۇشتۇرغان سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ئەزالارنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
  4. سايلام ئارقىلىق كومىتېتنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدۇ ۋە يىغىن باشقۇرۇش يېڭى كومىتېت ھەيئەتلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
  5. كومىتېتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىلانىنى يەتكۈزىدۇ.
  6. جامائەتچىلىكنىڭ تەكلىپ- پىكىرلىرىگە ئالاھىدە ۋاقىت بېرىلىدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈكىستانلىقلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان “ئىرقىي قىرغىنچىلىق”ئى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق چوڭ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ داۋا يولىدىكى ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، رولى چوڭ بولۇۋاتقان مەزگىلدە، ۋەتەن، مىللەت سۆيەر، كۆپ جەھەتلەردىن يېتىشكەن، قابىلىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ، ۋەتەن داۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر! شۇ سەۋەبتىن نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلام پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىك ھەيئەتلىكىگە ئۆزىنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! رەھبەرلىك ھەيئەتلىكىگە ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر بولىدۇ.
تۆۋەندە 2021-يىللىق سايلامدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېت(نۇك)نىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ۋە رەئىسلىكىگە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلارنىڭ نامزاتلىق شەرتلىرى:
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېت(ن ئۇ ك)نىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلارنىڭ نامزاتلىق شەرتلىرى

  1. ئۇيغۇر بۇلۇشى ۋە نورۋېگىيە تىلىنى ياخشى بىلگەن بۇلۇشى .
  2. ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى كۈچلۈك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي داۋا ئىشلىرى ئۈچۈن مېھنەتسىز پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە ، ن ئۇ ك ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بولغان بولۇشى. ن ئۇ ك غا ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇۋاتقان بولۇشى.
  3. نورۋېگىيەدىكى ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىرگە، ئىناۋەتكە ئىگە بولغان بولۇشى.
  4. كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بولۇشى، ئىلتىماس قىلغان ۋەزىپىگە سايلانغان ئەھۋالدا، قانداق ئىشلەيدىغانلىقى، مىللىي داۋايىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە جامائەت ۋەكىللىرىگە دەسلەپكى پىلان، تەسەۋۋۇرلىرىنى تەقدىم قىلالايدىغان بولۇشى.
  5. ن ئۇ ك نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، قانداق سەۋەب بولۇشتىن قېتى نەزەر، ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلاشماستىن، ئىستېپا قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلمايدىغان بولۇشى كېرەك.
  6. ئۆزى ۋە چەتئەلدىكى بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرى ئالدىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە، ن ئۇ ك دا ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مۇددەت ئىچىدە ۋە ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان بولۇشى؛
  7. مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق، ئۆزىگە تەلەپچان، ھەم ئۆزىنى دائىم تەربىيەلەپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ تۇرىدىغان بولۇشى.

ن ئۇ ك رەئىسى نامزاتىغا قويۇلىدىغان شەرتلەر

ن ئۇ ك رەھبەرلىكىگە قويۇلغان شەرتلەرنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى شەرتلەرنىمۇ ئورۇندىغان بۇلۇشى:

  1. شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلگەندىن سىرت نورۋېگىيە تىلىنى ياخشى بىلگەن بولۇشى.
  2. خىزمەتلەردە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى، تۈرلۈك شەكىلدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى .
  3. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولغان بولۇشى.
  4. ن ئۇ ك دا 3 يىلدىن ئارتۇق رەھبەرلىك ھەيئىتىدە بولغان بۇلۇشى.

ن ئۇ ك كاتىپ نامزاتىغا قويۇلىدىغان شەرتلەر

ن ئۇ ك رەھبەرلىكىگە قويۇلغان شەرتلەرنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى شەرتلەرنىمۇ ئورۇندىغان بۇلۇشى

  1. ئۇيغۇر تىلىنى بىلگەندىن سىرت نورۋېگىيە تىلى، ئىنگلىز تىلىنى ياخشى بىلگەن بولۇشى، شۇ تىللاردا يېزىش ئىقتىدارى، سۆز قابىلىيىتى بولۇشى.
  2. مەلۇم دەرىجىدە دىپلوماتىيە ئىقتىدارى بولۇشى.
  3. نورۋېگىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ دىپلومى بولۇشى.

نۇك نىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرى سايلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنىدا، رەئىسنىڭ كۆرسىتىشى ۋە ھەيئەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھەيئەتلەر ھەرقايسى بۆلۈملەرگە ياكى خىزمەتكە مەسئۇل قىلىنىدۇ.
2021-يىللىق سايلامدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېت(ن ئۇ ك)نىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ۋە رەئىسلىكىگە ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ۋاقتى: 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرېسى: p.yakup@uigurene.no تېلېفون: 45414090
ئالاقىلەشكۈچى: پەرھات ياقۇپ
سايلام ۋاقتى: 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى(شەنبە) سائەت 13:00 دىن15:00 گىچە ( ئىككى سائەت)

Norwégiye Uyghur komitétining 2021-yilliq Saylam Uqturushi
Norwégiye Uyghur komitéti 2003-yili qurulghandin buyan, türlük shekildiki siyasiy we ijtima’iy pa’aliyetlerni aktip qanat yaydurup, norwégiyediki sherqiy türkistanliq qérindashlarning turmushini janlandurushqa tirishish bilen uyghurlarni yerlik xelqqe tonushturush we xitay hökümitining uyghurlar üstidin élip bériwatqan qirghinchiliqlirini norwégiye hökümiti we xelqige del waqtida anglitish arqiliq, sherqiy türkistan dawasi we norwégiyediki uyghurlarning menpe’eti üchün tégishlik töhpilerni qoshup keldi.
Norwégiye Uyghur komitéti norwégiyediki sherqiy türkistanliq qérindashlarning qatnishishi bilen her töt yilda bir qétim saylam ötküzüp, Norwégiye Uyghur komitétining rehberlik hey’iti we re’isini démokratik usulda saylap kelgen. Epsus xitay wirusi seweblik jama’etchilikning bir jaygha yighilish imkaniyiti bolmay, bu nöwetlik saylam del waqtida ötküzülmey qaldi. Hélimu hem xitay wirusi seweblik köpchilikning bir jaygha yighilish imkaniyiti bolmisimu, bu nöwetlik saylamni dawamliq kéchiktürüshni muwapiq körmey, 6-ayning 26-küni (yekshenbe) tor ékrani arqiliq bu yilliq saylamni ötküzüshni qarar qilduq. Saylam künidiki yighin küntertipi töwendikiche bolidu:

  1. Norwégiye Uyghur komitétining töt yilliq xizmet doklati, maliye doklati bérilidu we herqaysi ezalarning pikiri anglap ötilidu.
  2. Yighinning bashqurulushi saylam komitétigha ötküzülüp, komitét hey’etliri wezipisidin istépa béridu we yighin küntertipi boyiche démokratik shekilde saylam élip bérilidu.
  3. Komitét xizmetlirini maddiy we meniwi jehetlerdin qollighan, komitét uyushturghan siyasiy, ijtima’iy pa’aliyetlerge aktip ishtirak qilghan ezalarning saylash we saylinish hoquqi kapaletke ige qilinidu.
  4. Saylam arqiliq komitétning yéngi nöwetlik hey’et ezaliri saylap chiqilidu we yighin bashqurush yéngi komitét hey’etlikige ötküzüp bérilidu.
  5. Komitétning yéngi rehberlik apparati özlirining kelgüsi xizmet pilanini yetküzidu.
  6. Jama’etchilikning teklip- pikirlirige alahide waqit bérilidu.

Nöwette xitay hökümitining Uyghur qatarliq sherqiy tükistanliqlar üstidin élip bériwatqan “irqiy qirghinchiliq”i, Amérika, Kanada, En’giliye, Gollandiye qatarliq chong gherb döletliri teripidin mu’eyyenleshtürülüp, muhajirettiki Uyghur teshkilatlirining dawa yolidiki wezipiliri téximu éghirliship, roli chong boluwatqan mezgilde, weten, millet söyer, köp jehetlerdin yétishken, qabiliyetlik qérindashlirimizning Uyghur teshkilatlirigha eza bolup, weten dawasini téximu yuqiri pellige kötürüp, wetenning azadliqi üchün hesse qoshushi bash tartip bolmaydighan mejburiyettur! Shu sewebtin norwégiyening herqaysi rayonliridiki qérindashlirimizning bu nöwetlik saylam pa’aliyitige aktip ishtirak qilishini, norwégiye Uyghur komitéti rehberlik hey’etlikige özini körsitishini ümid qilimiz! Rehberlik hey’etlikige özini körsitish waqti 6-ayning 10-künige qeder bolidu.
Töwende 2021-yilliq Saylamda Norwégiye Uyghur Komitét(NUK)ning Rehberlik Hey’itige we Re’islikige özini körsitidighanlarning namzatliq shertliri:


2021-yilliq Saylamda Norwégiye Uyghur Komitét(N U K)ning Rehberlik Hey’itige özini körsitidighanlarning namzatliq Shertliri

  1. Uyghur bulushi we norwégiye tilini yaxshi bilgen bulushi .
  2. Weten, millet söygüsi küchlük, Sherqiy türkistanning milliy dawa ishliri üchün méhnetsiz pidakarliq körsitish rohigha ige , N U K orunlashturghan türlük siyasiy, ijtima’iy pa’aliyetlerde aktip bolghan bolushi. N U K gha ezaliq bedel puli tapshuruwatqan bolushi.
  3. Norwégiyediki yaki özi turushluq orunlardiki uyghurlar arisida belgilik ijabiy tesirge, inawetke ige bolghan bolushi.
  4. Küchlük mes’uliyetchanliq, jawabkarliq tuyghusi bolushi, iltimas qilghan wezipige saylan’ghan ehwalda, qandaq ishleydighanliqi, milliy dawayimiz üchün némilerni qilip béreleydighanliqi heqqide jama’et wekillirige deslepki pilan, tesewwurlirini teqdim qilalaydighan bolushi.
  5. N U K ning rehberlik qatlimida xizmet qilghan mezgilde, qandaq seweb bolushtin qéti nezer, wezipe mudditi axirlashmastin, istépa qilip, wezipisidin ayrilmaydighan bolushi kérek.
  6. Özi we Chet’eldiki biwasite a’ile ezaliri aldinqi üch yil ichide, N U K da hey’etlik wezipisini ötigen muddet ichide we wezipisi axirlashqandin kéyinki üch yil ichide Xitay we Xitay mustemlikisi astidiki rayonlargha barmighan bolushi;
  7. Muhebbet nepriti éniq, özige telepchan, hem özini da’im terbiyelep, sapasini östürüp turushqa ehmiyet bérip turidighan bolushi.

N U K Re’isi Namzatigha qoyulidighan shertler

N U K rehberlikige qoyulghan shertlerni orunlash bilen birge töwendiki shertlernimu orundighan bulushi:

  1. Sherqiy Türkistanliq Uyghur millitidin bolghan bulushi we uyghur tilini pishshiq bilgendin sirt norwégiye tilini yaxshi bilgen bolushi.
  2. Xizmetlerde küchlük mes’uliyetchanliq tuyghusi bolushi, türlük shekildiki siyasiy we ijtima’iy pa’aliyetlerge yétekchilik qilish iqtidari bolushi .
  3. Norwégiyediki uyghurlar arisida belgilik tesirge we abruygha ige bolghan bolushi.
  4. N U K da 3 yildin artuq rehberlik hey’itide bolghan bulushi.

N U K Katip Namzatigha qoyulidighan shertler

N U K rehberlikige qoyulghan shertlerni orunlash bilen birge töwendiki shertlernimu orundighan bulushi:

  1. Uyghur tilini bilgendin sirt norwégiye tili, in’gliz tilini yaxshi bilgen bolushi, shu tillarda yézish iqtidari, söz qabiliyiti bolushi.
  2. Melum derijide diplomatiye iqtidari bolushi.
  3. Norwégiyening aliy mektep diplomi bolushi.

NUK ning bu nöwetlik hey’et ezaliri saylinip bolghandin kéyinki tunji qétimliq hey’et ezaliri yighinida, re’isning körsitishi we hey’etlerning qoshulushi bilen hey’etler herqaysi bölümlerge yaki xizmetke mes’ul qilinidu.


2021-yilliq Saylamda Norwégiye Uyghur Komitét(N U K)ning Rehberlik Hey’itige we reislikige özini namzatliqqa körsitish waqti: 2021-yili 6-ayning 10-künigiche bolidu.
Tizimlitish e-mail adrési: p.yakup@uigurene.no Téléfon: 45414090
Alaqileshküchi: Perhat Yaqup
Saylam waqti: 2021-yili 6-ayning 26-küni(shenbe) sa’et 13:00 din15:00 giche ( ikki sa’et)

Legg igjen en kommentar