ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى: توقۇلما پاكىتلار، مەجبۇرلانغان گۇۋاھچىلار ئارخىپىمىزنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرەلمەيدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 2-فېۋرال كۈنى بېيجىڭدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنى «يالغانچىلىق ئارخىپى» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. مەزكۇر خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئالاقىدار پائالىيەتچى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى، خىتاي تەرەپنىڭ گۈلنار ئوبۇل قاتارلىق مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان كىشىلەرنى ئۆز كەچمىشى ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا؛ گۇۋاھچى ئەنۋەر غوجى خىتاي تەرەپنىڭ غايىب ئاكىسى ئەخەت غوجىغا تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پروفېسسور گۈلنار ئوبۇلنى سۆزلىتىپ، ئۆزىنىڭ تۇتقۇندا ئەمەسلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن؛ ئەمما ئالدىنقى يىلى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەمۇرىيەت خادىمى گۈلنار ئوبۇل قاتارلىق 4 پروفېسسور ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالغان بۇ خادىم، بۇ 4 پروفېسسورنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئۆز كەچمىشى ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەختىيار ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، گۈلنار ئوبۇل مەجبۇرلانغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى بىر قېتىم تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىدا يەنە پۇتبولچى ئىرپان ھېزىمنىڭ نۆۋەتتە پۇتبول مەيدانلىرىدا توپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنى «يالغانچىلىق ئارخىپى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمەلىيەتتە، ئىرپان ھېزىم 2018-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە پۇتبول مەيدانى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن غايىب بولغان؛ شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، دۆربىلجىن ساقچىلىرى ئىرپان ھېزىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بولغانىدى. ھەتتا مەسئۇل خادىملار، ئىرپان ھېزىمنىڭ دۆربىلجىننىڭ تۈرگۈن تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكى ۋە چەتئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2018-يىلى 13-ئىيۇن كۈنى ئىرپان ھېزىم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنى بۇ ياش ئىستىقباللىق پۇتبولچىنى لاگېردىن قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانلىقى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ شۇ چاغدا ئىرپان لاگېردا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ چاقىرىققا ئىنكاس قايتۇرالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئىرپان ھېزىمنىڭ بىر يىلغا يېقىن لاگېردا ياتقاندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇۋېتىلگەنلىكى ۋە سۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبى بىلەن توختاملاشقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. گۈلنار ئوبۇلنىڭمۇ بولسا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنىپ 2-3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئۈرۈمچىگە خىزمىتى يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىدا، كۇچادىكى دوختۇر تاھىر ھەسەننىڭمۇ نورمال خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلىنغان؛ ئەينى چاغدا كۇچا ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ ئامانلىقى خادىمى تاھىر ھەسەننىڭ «خەتەرلىك كىشىلەر» بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

بەختىيار ئەپەندى باياناتىدا، «ئىرپان ھېزىم، گۈلنار ئوبۇل ۋە تاھىر ھەسەنلەرنىڭ نۆۋەتتە سىرتتا ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئىلگىرى بىر مەزگىل تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدۇ»، دېدى.

مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىدا ئىسىملىرى قەيت قىلىنغان تاھىر تالىپ، ئەنۋەر داۋۇت، ئىساق پەيزۇللا ۋە زۆرەم تالىپلارنىڭمۇ تۇتقۇندا ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان. بەختىيار ئەپەندى، خىتاي تەرەپ ئىسمىنى تىلغا بىر قانچە كىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدا تېخى يېقىندىلا پەقەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن توپلىغان 5مىڭدىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ ئارخىپى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، جۈملىدىن، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئائىلە نۆۋەتچىلىكى» نامىدا ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشچىلار گۇرۇپپىسىدىن توپلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىدا، مەھبۇس ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر ئىمىننىڭ 25 يىللىق، ئاقسۇ بايدىكى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئەخەت ھاجىنىڭ 20 يىللىق، مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى سەمى بارىنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەكبەر ئىمىننىڭ قارا جەمئىيەت قۇرغانلىقى، ئەخەت ھاجىنىڭ قاتىللىققا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكى ئەدلىيە ئارخىپىدىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەھبۇس ئەخەت غوجىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىنىسى ئەنۋەر غوجى بۇ ھەقتە ئەدلىيە ئارخىپىغا تولۇقلىما ئۇچۇر يوللاپ، ئاكىسىنىڭ بىر ھاشارەتكىمۇ زىيىنى تەگمەيدىغان كىشى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئەدلىيە ئارخىپىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئاكىسىغا قارا چاپلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىدىن بىر ئاكىسىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلىگەن بولسىمۇ، يەنە ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20گە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. بەختىيار ئەپەندى خىتاي تەرەپنىڭ پۇت-قوللىرى كويزىلانغان كىشىلەرگە، ئۇلارنىڭ ھەقنى سۆزلەش ئىمكانى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا خالىغانچە قارا چاپلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بەختىيار ئەپەندى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئەدلىيە ئارخىپىغا تۇتقۇن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئۇچۇر توپلاۋاتقانلىقى ھەم ئۇچۇرلار ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ توقۇلما پاكىتلار ۋە مەجبۇرلانغان گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

09- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى 2021-02

Legg igjen en kommentar