2- دەرىس (2) 0 ئايدىن 3 ئايلىققىچە دېگەن مەزمۇننىڭ داۋامى

2- دەرىس (2)
0 ئايدىن 3 ئايلىققىچە دېگەن مەزمۇننىڭ داۋامى

يېڭى تۇغۇلغان ئەللەيلەر ئاپىسىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يۈزىنى كۆرۈشنى ۋە تەتقىق قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ بايقىشىچە مۇشۇ ئايلىرىدا تۇرىۋاتقان ئەللەيلەرنىڭ مېڭىسىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى پەقەتلا يۈزلەرنى كۆرىدىكەن ۋە تەتقىق قىلىدىكەن. ئەللەيلەر مېڭىسىنىڭ مۇشۇ قىسىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە باشتا يۈزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى، يەنى كۆز، بۇرۇن ئاندىن ئېغىز جايلاشقان ئاشۇ دائىرىنى كۆرىدىكەن ۋە تونۇيدىكەن. ئاندىن ھەپتىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بۇ ئۆزلىرى كۆرۈۋاتقان يۈزلەردىكى ھەر بىر يۈزگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئىگەللەشكە باشلايدىكەن. ئاندىن بۇ ئېقتىدارى بارغانسىرى تەرەققىي قىلىپ، بۇ يۈزلەردىكى ھەر خىل كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھىس قىلىپ بىلەلەيدىغان بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بوۋاقلارنىڭ بۇ ئېقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئۇلارنىڭ تىل ئۈگىنىش پائالىيىتىنىڭ جانلىق بولۇش بولماسلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىكەن. چۈنكى بوۋاقلار يۈزلەرنى كۆرۈپ، تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلارغا شۇنداق يۈزلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە كۈزىتىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلسە، بوۋاقلار ئەڭ بالدۇر ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئەڭ مىدىراپ تۇرىدىغان بىر ئەزا، يەنى ئېغىز ئۇلارنىڭ بەك دېققىتىنى تارتىدىكەن. ئۇلار يۈزلەرنى كۆرۈپ ئوينىغاچ، ئېغىزنىڭ گەپ قىلىۋاتقان چاغدىكى ھەر خىل شەكىل ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرىدىكەن، ئاندىن يەنى ئۇلارنىڭ بۇ يۈزنى كۈزىتىپ ئويناش پائالىيىتى بىلەن تىلنى ئاڭلىشى بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ شۇ تىلدىكى ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ھىس قىلىشى تېخىمۇ جانلىق بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بوۋاقلارغا ئۆزىنىڭ يۈزىنى كۆرىدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەرسىمۇ، بۇنى ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا بالىنىڭ كارىۋىتىنىڭ، ياكى يېتىپ ئوينايدىغان يېرىنىڭ يېقىن ئارىلىقىدىكى بىر تامغا بىر يوغان ئەينەك (مۇمكىن بولسا بوۋاقلار ئۈچۈن ياسالغان چېقىلمايدىغان پىلاستىك ئەينەك) ئورنىتىپ بەرسىڭىز بالا ئۆزىنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ، كۈزىتىپ، تەتقىق قىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا بوۋاق بىلەن يۈزىمىزنى بىر-بىرىمىزگە قارىتىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىش، بوۋاقنى يۈزىنى ئەينەككە قارىتىپ تۇرۇپ كۆتۈرۈپ، بوۋاقمۇ بىزمۇ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلىپ ئويناش قاتارلىقلارمۇ بوۋاقلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغان ۋە يۇقىرىقى ئېقتىدارىنى جانلىق تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئۈگىنىش پائالىيىتى بولالايدىكەن.

بىر بوۋاق تۇغۇلۇپ، ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ، ئۇ ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ دېدۇق ھەم بوۋاقلارنىڭ تۇغما سەزگۈلىرىنىڭ ئىچىدە ئاۋازلارغا بولغان ئىنكاسى بەك كۈچلۈك بولىدىكەن دېدۇق. ئاۋازلارغا بولغان ئىنكاسىنى تەتقىق قىلغاندا بايقىلىشىچە بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناخشا-مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلار تۇغۇلۇپلا ئاپىسى ھامىلدار ۋاقتىدا دائىم ئاڭلايدىغان بىر ناخشىنى ياكى دائىم كۆرىدىغان بىر تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ناخشىسىنى تونۇۋالىدىكەن. ئاندىن يېقىملىق ناخشىلارنى ئاڭلىسا ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلايدىكەن. كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغلىرىدا ئاستا، يېقىملىق ناخشىلارنى قويۇپ بەرسە تەسەللىي ھىس قىلىدىكەن. ئەگەر ئۇلارغا بىر نەچچە ناخشىلارنى دائىم ئېيتىپ بەرسىڭىز ئۇلار ئۇ ناخشىلاردىن بىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرۈپ تاللىۋالىدىكەن. ئەگەر سىز ئەللىيىڭىزنىڭ مەلۇم بىر ناخشىنى باشقا ناخشىلارغا قارىغاندا جىم بولۇپ، ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ھىس قىلسىڭىز، ئاشۇ ناخشىسىنى قايتا -قايتا ئېيتىپ بېرىڭ، ھەرگىز زېرىكىش ھىس قىلماڭ. دەل شۇنداق تەكرارلىنىشتىن بوۋاقلار شۇ ناخشىدىكى ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ھىس قىلىپ ئۈگىنەلەيدۇ. بۇ بوۋاقلارنىڭ ئەللەي ناخشىلىرىنى نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، يېقىملىق، سىلىق ئەللەي ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرسەك قۇچاقلىرىمىزدا تىنىچلىنىپ، تېزلا پۇشۇلداپ، يېقىملىق ئۇخلاپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن.
0 ئايدىن 3 ئايغىچە بولغان مۇشۇ مەزگىلدە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە ئەڭ دەسلەپكى قوشاقلار، شېئىرلار، بالىلار ناخشىلىرى كىرسە بولىدىكەن. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان ئەللەيلەردە تۇراق ۋە قاپىيەغا قارىتا روشەن بىلىش ۋە ھىس قىلىش بولىدىغان بولغاچقا، ( بەلكىم ئاپىسىنىڭ يۈرىكىنىڭ رېتىملىق سوقۇشىنى ئاڭلاپ كۆنگىنى ئۈچۈن ) ئۇلارغا بىز نورمال پاراڭ قىلىپ بەرگەندىن سىرت، ئاشۇ رېتىملىق، ئوخشاش ئۇداردا چۈشىدىغان قوشاقلارنى، شېئىرلارنى تەكرارلاپ بەرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار ئانا تىلىدىكى ئاۋازلار، تاۋۇشلار، ئۇرغۇلار، بۇ تىلنىڭ ئاۋاز تۈسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تېخىمۇ روشەن تونۇشىدۇ دىيىلگەن. ئاددى، قىسقا قوشاقلارنى بالىنى يەڭگىل پەپىلەش ئارقىلىق رېتىمىنى ھىس قىلدۇرغان ھالدا ئېيتىپ بەرسىڭىز ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىكەن.

Legg igjen en kommentar