شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

 ( يىلى1945-، 8-ئاپرىلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان مىللىي ئارمىيە 1949-يىلى، 12-ئايدا   ئەمەلدىن قېلىپ، « ئاتالمىش جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ  5-كورپۇسى»غا ئايلاندۇرۇلدى ۋە 1962 – يىلىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىلدى) .

  يىلى1945 4-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى.مىللىي ئارمىينىڭ فورمىللىرىنى سوۋىت ئارمىيسىنڭكىگە تەقلىد قىلپ تىكتۈردى ،ئارمىيەنىڭ پا گون ،كاكار ،بايراقلىرىنى بىكىتىپ چىقتى ،مىدال ۋە ئوردىنلارنى تارقاتتى . 

مىللي ئارمىيە باش شىتاۋى قارمىقىدا ،ھەربى تەمىنات باشقارمىسى ،سىياسى باشقارما،ئىجرائىيە باشقارمىسى ،ھەربى سوت ،ئۇرۇش تەتقىقات باشقارمىسى ،قاتارلىق ئورگانلار تەسس قىلندى .پا لنوف باش قوماندانلىققا ،زۇنۇن تىيپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا ،موتىگوروف باش شىتاب باشلىقلىقىغا ،غېنى ھەربى سوتنىڭ باش سودىيەلىكىگە ،ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى ،ئومۇمىي ئەسكىرى كۈچى 40000دىن ئاشتى ھەمدە پۈتۈن ئارمىيە تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلۈندى : 

ئۇلاستاي ئاتلىق1- پولىكى. 

ئۇلاستاي ئاتلىق 2- پولىكى. 

سۈيدۆڭ ئاتلىق 3- پولكى. 

مۇڭغۇل ئاتلىق باتالىيونى. 

لوبا ئاتلىق روتىسى. 

ئاتلىق زاپاس پولىك 

تۇڭگان ئاتلىق باتالىيونى. 

سۈيدۆڭ ئاتقۇچى پىيادە 1-پولىكى. 

غۇلجا ئاتقۇچى پىيادە 2- پولكى. 

غۇلجا ۋاقىتلىق پىيادە 4- پولكى. 

قوماندانلىق شتابقا بىۋاستە قاراشلق قىسىملار : 

توپچىلار باتالىيونى. 

مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونى قاتارلىقلار . 

پىيادە قىسىملار :ھەربىر پولىك 2 باتالىيون ،بىر باتالىيون 3روتا ،بىر روتا 3ئىزىۋوت ،بىر ئىزىۋوت 4ئۇدۇلىنىيە بولۇ پ، تەخمىنە ن 2500جەڭچىدىن تەركىب تاپقان . 

ئاتلىق قىسىملار : ھەربىر پولىك 4ئاتلىق روتا ۋە بىر پىىلىموتچىلار روتىسدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تەخمىنەن 1000نەپەر جەڭچىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . 

ھەربىر پولىك قارمىقىدا :ئارقاسەپ باشقارمىسى ، سىياسى باشقارمسى تەھسس قىلىنغان بولۇپ ،پولك كوماندىرى ،ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندىر ، ئارقاسەپ تەمىناتىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولىك كوماندىر ۋە دىننى ئىشلار غا مەسئۇل مۇئاۋىن پولىك كوماندىر تەئىنلەنگەن . 

مىللي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كىيىن دەرھال شىمال ،جەنۇپ ،شەرىق قاتارلىق ئۈچ يۆلىنىش جەڭ پىلانى تۇزۈپ چىقتى . 

شىمالىي سەپ : ئالتاي ۋە چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىش. 

شەرقى سەپ : شەرققە يۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئازاد قىلىپ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىنى ئېلىش. 

جەنۇبىي سەپ : مۇزارت داۋىندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ،ئاندىن تاشقورغان پارتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ پۈتكۈل جەنۇبى ئۇيغۇرىستاننى ئازاد قىلىش.1945-يىلنىڭ ئاخىردا بايراقنى ئارا يۇلتۇزغا ( شىڭ شىڭ شا غا ) قاداپ بولۇش. 

شىمالى سەپتە : 1945-يىلى 9-ئا ينىڭ 9-كۈنى مىللي ئارمىيەئالتايدا گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ 1130نەپەر ئەسكىرنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ئالتاي پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ شىمالىي سەپنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىدى . 

شەرقى سەپتە :مىللي ئارمىيە 4-ئايىدىن باشلاپ داۋاملىق شەرىققەيۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئاراد قىلىپ ،9-ئايدا ئۈرۈمچىگە 150 كىلومىتىر كىلدىغان ماناس دەرياسى بويغا كەلدى .ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە پەقەت 3000ئەسكەرگە يەتمەيدىغان 6باتالىيون ئەسكىرى قالغان بولۇپ شەرقى سەپنىڭ جەڭ ۋەزىپىسمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئوروندىلىپ بولغاندى . 

جەنۇبىي سەپتە :سوپاخۇن پولكوۋنىك ئاقسۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ بولغان بولۇپ، تاشقورغان پارتىزانلىرىمۇ ،كۇچا ،يېڭسار ،قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ھەتتا قەشقەرنىمۇ بىر مەزگىلك ئىگەللىگەندى . 

1946-يىلى جاڭ كەيشى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن سۈلھىلىشىپ ،تاشقى مۇڭغۇلىيىنى ئېتراپ قىلش، لۈشۈن ،دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپاقىغا ئىجارىگە بىرىش ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش ،شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقوقىنى بىرىش قاتارلىق ئىمتىيازنى بىرىش ئارقىلىق، سىتالىنىڭ مىللي ئىنقىلابقا بولغان پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتتى، سوۋىت ئىتتپاقى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋە ھەربىي خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ھەمدە مىللى ھۆكۈمەتتىن گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى . 

1946-يىلى 4-ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، ئۇيغۇرىستان قىسقا مۇددەتلىك تىنىچلىقنى كۈتىۋالدى ،بۇۋاقىتتا مىللي ئارمىينىڭ سانى 30مىڭغا يەتكەن بولۇپ ،جەمى 17پولىك ،ئككى مۇستەققىل دىۋىزىيە ،بەش بېرگادا تەشكىلەنگەن بولۇپ ،13 ئاتلىق پولىك بارئىدى . 

قىسىملار تۆۋەنىدىكىچە : 

باش شىتابقا قاراشلىق قىسملار (غۇلجىدا تۇرىدۇ ) 

1.ئاتلىق ئەسكەرلەر باتالىيونى ، 700ئەسكەر. 

2.مۇھاپىزەتچىلەر ئىسكانىدىرونى ، 500ئەسكەر. 

3.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 1-پولكى ،1500ئەسكەر . 

4.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 2-پولكى،1500ئەسكەر . 

5.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 4-پولكى، سانى ئىنىق ئەمەس. 

6. ئاتلىق 3- پولىك (كوماندىرى لېسكىن) 

ئوتتۇرا يۆلىنىش قىسىملار (باش قوماندان پالىنوف قوشۇمچە ئوتتۇرا يۆلىنىش ئارمىيسىنىڭ قوماندنلىقىنى ئۈستىگەئالغان) 

1. پىيادە ئەسكەرلەر 1- بېرگادىسى . 

2. پىيادە ئەسكەرلەر 2- بېرگادىسى. 

3.مىنامىيوتچىلار باتالىيونى . 

4. تاشقورغان ئاتلىق 6- پولكى. 

5. نىلقا ئاتلىق 5- پولكى. 

6. نىلقا ئاتلىق7- پولكى،1200ئەسكەر. 

7.ئاتلىق ئەسكەر لەر مۇستەققىل بېرىگادىسى. 

8. تۇڭگان ئاتلىق 10- پولىك ، 600ئەسكەر (شىخەنزە) 

9.مۇڭغۇل ئاتلىق 8- پولكى، 870 ئەسكەر. 

10.پىيادە ئەسكەرلەر 4- پولكى. 

11. ئالاقىچىلا روتىسى (شىخەنزە ) 

12. لوبا ئاتلىق ئىسكاندىرونى. 

جەنۇبىي يۆلىنىش قىسملار (مۇئاۋىن باش قوماندان ئىسساقبك جەنۇبى يۆلىنىش قىسملار نىڭ باش قومادانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان). 

1.ئاتلىق ئەسكەر لەر 1- بېر ىگادىسى. 

2.ئاتلىق ئەسكەر لەر 2- بېر ىگادىسى . 

3.تىكەس ئاتلىق 1- پولىك . 

4.تىكەس ئاتلىق 2- پولىك . 

5.تىكەس ئاتلىق 3- پولىك . 

ئالتاي رايونىدىكى قىسىملار : 

ئاتلىق ئەسكەر مۇستەقىل پولكى (دەلىلقان سۇگۇربايىف) 

ئەينى ۋاقىتتىكى مىللي ئارمىيە كادىرلا باشقارمىسنىڭ باشلىقى يۈسۈپخاننىڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغاندا << پۈتۈن ئارمىيەدە جەمئى 29856نەپەر جەڭچى بار >> بولۇ پ مىللي ئارمىيە ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتقا قەدەم قويغان . 

بىتىم ئىمزالانغاندىن كىيىن مىللي ھوكۈمەت مىللي ئارمينى قىسقارتىپ،6پولىك قىلىپ تەشكىللدى. لىكىن گومىنداڭ بىتىمگە ئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا، مىللي ھۆكۈمەت 1947-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭنىڭ چەكلىمسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىللي ئارمىيەنى كېڭەيتىپ ،5ئاتلىق پولىك ، 3پىيادە پولىك ۋە بىر مۇستەققل ئاتلىق باتالىيون قىلىپ تەشكىللدى ،بۇ ۋاقىتتا مىللي ئارمىيەنىڭ ئومومى ئەسكەر سانى 14200دىن ئاشقان بولۇپ، قورال- ياراق ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە : 

ھەر-خىل مىلتىق 9088 دانە ، تاپانچا 184 دانە ، يىنىك پىلموت 405 دانە ، ئېغىر پىلىموت 68 دانە ، مىنامىيۇت 66 دانە ،زنىت توپ 7 دانە،گىرانامىيوت 55 دانە ، گىرانات 14480 دانە ،زەمبىرەك 12دانە ، جەڭ ئېتى 5522 دانە ، تىرانسپورىتا ئىشلتىلدىغان ئات 521دانە ، ئات ھارۋىسى 311 دانە ،تانكا 2 دانە، بىروۋنىۋىك1دانە،ئايروپىلان 49 دانە ( ئىشىلتىشكە بولدىغنى 14 دانە بولۇ پ ،قىرغۇچى ئايروپىلان 8 دانە ، بومبار دىمانچى ئايروپىلان 6 دانە ) ، ھەربى ئىشلاردا ئىشىلتىلدىغان ماشىنا 30 دانە . مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئىسساقبك مونونوۋ ئۆز ئۈستىگە ئالغان . 

ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدىكېرىم ئابباسوف ، ئىسسابىك مونونوف ، دەلىلقان سۇگۇربايىف قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرى1949-يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى «ئايروپىلان ۋەقەسىدە» بەخىتكە قارشى قۇربان بولدى ( ئەخمەتجان قاسىمى تېخى ئەمىدىلا 34 ياش ئىدى ،ئابدىكېرىم ئابباسوف بولسا تېخى ئەمدىلا 28 ياشتا ئىدى ).

Ehmetjan Qasim

يىلى1949 12- ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنىپ بولدى.1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 -كۈنى مىللي ئارمىيە 5- كورپۇس قىلپ ئۆزگەرتىلىپ، جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ شىتاتىغا قوشۇۋىتىلدى .

5- كورپۇسنىڭ تەركىۋى قىسىملىرى : 13-14- دىۋىزىيەلەر 

كورپۇس كومانىدىرى لېسكىن . 

سىياسى كومىسارى دۈۋەن شىڭ يۈن. 

13- دىۋىزىيە قەشقەردە تۇرىدۇ . قارمىقىدا : 

37- پولك ئاقسۇدا 

38- پولك قەشقەردە 

39- پولك خوتەندە 

14- دىۋىزىيە دىۋىزىيە كوماندىرى ئىبراھىم باي. قارمىقىدا : 

40-پولك ئۈرۈمچىدە 

41-پولك 

42-پولك غۇلجىدا 

كورپۇس شىتاۋىغا قاراشلىق قىسملار: 

43-پولىك پولىك كوماندىر بەدەرخان سۇگۈربايىف 

44-پولىك. پولىك كومانىدىر سوپاخۇن 

ئومۇمى ئەسكەر سانى 14840 نەپەر. 

50 – يىللاردا ،5- كورپۇسنىڭ 13- دىۋىزىينىڭ 38–پولكى، 14- دىۋىزىنىڭ 40- پولكى ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا قالغان قىسىملىرى ئۆز ئورنىدا كەسىپ ئۆزگەرتتى ، ساقلاپ قېلىنغان ئىككى پولىكمۇ 1969-يىلى يەنە شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيسىگە قوشۇۋىتىلدى،ئازادلىق ئارمىيە كەڭ كۆلەمدە قىسقار تىلغاندىن كىيىن بۇ ئىككى پولىك ھازىر بار-يوقلىقى نامەلۇم . 

شۇنداق قىلپ مىللتىمزنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭىدىكى ئېزىلگۈچى مىلللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بۇ ئىنقىلاب ، بۇ ئارمىيە ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈن جوڭگۇ ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە غەلبە قىلغان بولدى . 

قوشۇمچە : 1955- ئازادلىق ئارمىيە ئۇنۋان بېرىش مۇراسمى ئۆتكۈزدى ،مىللي ئارمىيدىن 5 نەپەر كىشى گېنراللق ئۇنۋانىغا ئىېرشتى . ئۇلار : 

1.سەيپىدىىن ئەزىزى- مىللي ئىنقىلاپ مەزگىلدە ھەربى سوتنىڭ كاتىۋى ، ئۆلكىلك بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ مائارىپ نازىرى ، ئالغا گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى ، دىمكۇراتتىيە ۋە خەلق چىللىقنى ھېمايە قىلىش ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1955-يىلى گېنىرال لېتىناتلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 

2.مارگوف ئىسساقوف- شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ،1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . جوڭگو ، سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ، 1962- يىلى سوۋىت ئىتتپاقىغا چىقىپ كەتكەن . 

3.مەمىتىمىن ئىمىنوف- مىللي ئارمىيدە ئىزۋوت كوماندىرى ، مىللي ئارمىيە قوماندانلىق شىتا ۋىدا بۆلۈم باشلىقى ، ئاتلىق پولكنىڭ كوماندىر بولغان ، دۆلەت قۇرلغاندى كىيىن دىۋىزىيە كوماندىر قوشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ، 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 

4.زۇنۇن تىيپوف- مىللي ئارمىينىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. جوڭگو- سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكگە ئىگە،.1962-يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا چىقىپ كەتكەن . 

5.ساۋدانوف زايىر- مىللي ئارمىيدە ئاتلىق باتالىيونىڭ شىتاب باشلىقى ، پىيادە 4- پولىكنىڭ شىتاب باشلىقى ، مىللي ئارمىيە سىياسى بۆلمىنىڭ مۇدىر بولغان ،دۆلەت قۇرلغانىدىن كىيىن 5-كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسارى،ھەربى رايون سياسى بۆلمىنىڭ ئىككنچى مۇئاۋىن مۇدىر ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسارى ، ئۈرۈمچى ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن سىياسى كومسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

:ئىزاھات 

ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن ئېلىندى.

Sherqi türkistan milliy armiysi qurulghanliqining 74 yilliqini qizghin tebrikleymiz.

( 1945-Yili, 8-aprilda sherqiy türkistan jumhuriyiti qurghan milliy armiye 1949-yili, 12-ayda emeldin qélip, « atalmish junggo xelq azadliq armiyisining 5-korpusi»gha aylanduruldi we 1962 – yilidin kéyin tarqitiwétildi) .

1945-Yili 4-ayning 8- küni ghuljida sherqi türkistan jumhuriyiti milliy armiyege bayraq tapshurush murasimi ötküzüp milliy armiyening qurulghanliqi resmiy jakarlandi.milliy armiyning formillirini sowit armiysinngkige teqlid qilp tiktürdi ,armiyening pa gon ,kakar ,bayraqlirini bikitip chiqti ,midal we ordinlarni tarqatti .

Milly armiye bash shitawi qarmiqida ,herbiy teminat bashqarmisi ,siyasi bashqarma,ijra’iye bashqarmisi ,herbiy sot ,urush tetqiqat bashqarmisi ,qatarliq organlar tess qilndi .pa lnof bash qomandanliqqa ,zunun tiypof mu’awin bash qomandanliqqa ,motigorof bash shitab bashliqliqigha ,ghéni herbiy sotning bash sodiyelikige ,abbasof siyasi bashqarmining bashliqliqigha teyinlendi ,omumiy eskiri küchi 40000din ashti hemde pütün armiye töwendiki qisimlargha bölündi :
Ulastay atliq1- poliki.
Ulastay atliq 2- poliki.
Süydöng atliq 3- polki.
Mungghul atliq bataliyoni.
Loba atliq rotisi.
Atliq zapas polik
Tunggan atliq bataliyoni.
Süydöng atquchi piyade 1-poliki.
Ghulja atquchi piyade 2- polki.
Ghulja waqitliq piyade 4- polki.

Qomandanliq shtabqa biwaste qarashlq qisimlar :
Topchilar bataliyoni.
Muhapizetchiler bataliyoni qatarliqlar .
Piyade qisimlar :herbir polik 2 bataliyon ,bir bataliyon 3rota ,bir rota 3iziwot ,bir iziwot 4uduliniye bolu p, texmine n 2500jengchidin terkib tapqan .
Atliq qisimlar : herbir polik 4atliq rota we bir piilimotchilar rotisdin teshkillen’gen bolup, texminen 1000neper jengchini öz ichige alatti .
Herbir polik qarmiqida :arqasep bashqarmisi , siyasi bashqarmsi tehss qilin’ghan bolup ,polk komandiri ,herbiy ishlargha mes’ul mu’awin polk komandir , arqasep teminatigha mes’ul mu’awin polik komandir we dinni ishlar gha mes’ul mu’awin polik komandir te’inlen’gen .
Milly armiye qurulghandin kiyin derhal shimal ,jenup ,sheriq qatarliq üch yölinish jeng pilani tuzüp chiqti .

Shimaliy sep : altay we chöcheklerni azad qilish.

Sherqi sep : sherqqe yürüsh qilip ,jing ,shixolarni azad qilip manas deryasidin ötüp ürümchini élish.

Jenubiy sep : muzart dawindin ötüp aqsuni azad qilish ,andin tashqorghan partizanliri bilen masliship pütkül jenubi uyghuristanni azad qilish.1945-yilning axirda bayraqni ara yultuzgha ( shing shing sha gha ) qadap bolush.

Shimali septe : 1945-yili 9-a yning 9-küni milly armiye’altayda gomindang armiysining 1130neper eskirni esirge aldi we altay partizanliri bilen uchriship shimaliy sepning urush wezipisini ghelbilik tamamlidi .

Sherqi septe :milly armiye 4-ayidin bashlap dawamliq sheriqqe yürüsh qilip ,jing ,shixolarni azad qilip ,9-ayda ürümchige 150 kilomitir kildighan Manas deryasi boygha keldi .eyni waqitta gomindangning ürümchide peqet 3000eskerge yetmeydighan alte bataliyon eskiri qalghan bolup, sherqi sepning jeng wezipismu asasi jehettin orondilip bolghandi .

Jenubiy septe :sopaxun polkownik aqsuning yérimini igellep bolghan bolup, tashqorghan partizanlirimu ,kucha ,yéngsar ,qatarliq jaylargha hujum qilip hetta qeshqernimu bir mezgilk igelligendi .

1946-yili Jang keyshi sowit ittipaqi bilen sülhiliship ,tashqi mungghuliyini étrap qilsh, lüshün ,daliyen portlirini sowit itpaqigha ijarige birish hemde esker turghushigha ruxiset qilish ,sherqi shimalda tömüryol yasash hoqoqini birish qatarliq imtiyazni birish arqiliq, sitalining milly inqilabqa bolghan pozitsiysini özgertti, sowit ittpaqi barliq herbiy meslehetchilliri we herbiy xadimlirni élip chiqip ketti, hemde milli hökümettin gomindang bilen söhbet ötküzüshni telep qildi .

1946-Yili 4-ayda tinichliq bitimi imzalinip, sherqiy türkistan qisqa muddetlik tinichliqni kütiwaldi ,buwaqitta milly armiyning sani 30minggha yetken bolup ,jemi 17polik ,kki musteqqil diwiziye ,besh bérgada teshkilen’gen bolup ,13 atliq polik bar’idi .

Qisimlar töwenidikiche :
Bash shitabqa qarashliq qismlar (ghuljida turidu )
1.Atliq eskerler bataliyoni , 700esker.
2.Muhapizetchiler iskanidironi , 500esker.
3.Ghulja muhapizetchiler 1-polki ,1500esker .
4.Ghulja muhapizetchiler 2-polki,1500esker .
5.Ghulja muhapizetchiler 4-polki, sani iniq emes.

  1. Atliq 3- polik (komandiri léskin)

Ottura yölinish qisimlar (bash qomandan Palinof qoshumche ottura yölinish armiysining qomandnliqini üstige’alghan)

  1. Piyade eskerler 1- bérgadisi .
  2. Piyade eskerler 2- bérgadisi.
    3.Minamiyotchilar bataliyoni .
  3. Tashqorghan atliq 6- polki.
  4. Nilqa atliq 5- polki.
  5. Nilqa atliq7- polki,1200esker.
    7.Atliq esker ler musteqqil bérigadisi.
  6. Tunggan atliq 10- polik , 600esker (shixenze)
    9.Mungghul atliq 8- polki, 870 esker.
    10.Piyade eskerler 4- polki.
  7. Alaqichila rotisi (shixenze )
  8. Loba atliq iskandironi.

Jenubiy yölinish qismlar (mu’awin bash qomandan Issaqbek jenubi yölinish qismlar ning bash qomadanliqini üstige alghan).
1.Atliq esker ler 1- bér igadisi.
2.Atliq esker ler 2- bér igadisi .
3.Tikes atliq 1- polik .
4.Tikes atliq 2- polik .
5.Tikes atliq 3- polik .

Altay rayonidiki qisimlar :
Atliq esker musteqil polki (Delilqan Sugurbayif)

Eyni waqittiki milly armiye kadirla bashqarmisning bashliqi yüsüpxanning xatirsige asaslan’ghanda << pütün armiyede jem’i 29856neper jengchi bar >> bolu p milly armiye eng kücheygen waqitqa qedem qoyghan .
Bitim imzalan’ghandin kiyin milly hokümet milly armyni qisqartip,6polik qilip teshkilldi. Likin gomindang bitimge arqa-arqidin buzghunchiliq qilghachqa, milly hökümet 1947-yili 8-ayda gomindangning cheklimsini buzup tashlap, milly armiyeni kéngeytip ,5atliq polik , 3piyade polik we bir musteqql atliq bataliyon qilip teshkilldi ,bu waqitta milly armiyening omomi esker sani 14200din ashqan bolup, qoral- yaraq ehwali töwendikiche :

Her-xil miltiq 9088 dane , tapancha 184 dane , yinik pilmot 405 dane , éghir pilimot 68 dane , minamiyut 66 dane ,znit top 7 dane,giranamiyot 55 dane , giranat 14480 dane ,zembirek 12dane , jeng éti 5522 dane , tiransporita ishltildighan at 521dane , at harwisi 311 dane ,tanka 2 dane, birowniwik1dane,ayropilan 49 dane ( ishiltishke boldighni 14 dane bolu p ,qirghuchi ayropilan 8 dane , bombar dimanchi ayropilan 6 dane ) , herbiy ishlarda ishiltildighan mashina 30 dane . Milli armiyening bash qomandanliqini issaqbk mononow öz üstige alghan .

Exmetjan Qasimi, Abdikérim Abbasof , Issabik Mononof , Delilqan Sugurbayif qatarliq sherqiy türkistan rehberliri 1949-yili 8- ayning 27- küni «ayropilan weqeside» bexitke qarshi qurban boldi ( exmetjan qasimi téxi emidila 34 yash idi ,abdikérim abbasof bolsa téxi emdila 28 yashta idi ).

1949-Yili 12- ayda sherqiy türkistan ishghal qilinip boldi.1950-yili 1-ayning 20 -küni milly armiye 5- korpus qilp özgertilip, jonggo xelq azadliq armiysining shitatigha qoshuwitildi .

5- Korpusning terkiwi qisimliri : 13-14- diwiziyeler
Korpus komanidiri léskin .
Siyasi komisari düwen shing yün.

13- Diwiziye qeshqerde turidu . Qarmiqida :
37- Polk aqsuda
38- Polk qeshqerde
39- Polk xotende

14- Diwiziye diwiziye komandiri ibrahim bay. Qarmiqida :
40-Polk ürümchide
41-Polk
42-Polk ghuljida
Korpus shitawigha qarashliq qismlar:
43-Polik polik komandir bederxan sugürbayif
44-Polik. Polik komanidir sopaxun
Omumi esker sani 14840 neper.

50 – Yillarda ,5- korpusning 13- diwiziyning 38–polki, 14- diwizining 40- polki saqlap qélin’ghandin bashqa qalghan qisimliri öz ornida kesip özgertti , saqlap qélin’ghan ikki polikmu 1969-yili yene shimaliy shinjang dala armiysige qoshuwitildi,azadliq armiye keng kölemde qisqar tilghandin kiyin bu ikki polik hazir bar-yoqliqi namelum .

Shundaq qilp milltimzning jümlidin pütün shinjangidiki ézilgüchi millletlerning yüksek ghururini namayen qilghan , millitmiz qelbide menggü öchmes iz qaldurghan bu inqilab , bu armiye axirqi hésapta pütün jonggu inqilabi bilen birlikte ghelbe qilghan boldi .

Qoshumche : 1955- azadliq armiye unwan bérish murasmi ötküzdi ,milly armiydin 5 neper kishi génrallq unwanigha iérshti . Ular :

1.Seypidiin ezizi- milly inqilap mezgilde herbiy sotning katiwi , ölkilk birleshme hökimetning ma’arip naziri , algha gézitining bash muheriri , dimkurattiye we xelq chilliqni hémaye qilish ittpaqining re’isi, qatarliq wezipilerni ötigen, 1955-yili géniral létinatliq herbiy unwan’gha érishken.

2.Margof issaqof- shinjang herbiy rayonining mu’awin qomandanliq wezipisni ötigen ,1955- yili géniral mayorluq herbiy unwanigha érishken . Jonggo , sowit qosh dölet tewelikige ige , 1962- yili sowit ittpaqigha chiqip ketken .

3.Memitimin iminof- milly armiyde izwot komandiri , milly armiye qomandanliq shita wida bölüm bashliqi , atliq polkning komandir bolghan , dölet qurlghandi kiyin diwiziye komandir qoshumche jenubi shinjang herbiy rayoninng mu’awiin qomandani qatarliq wezipilerni ötigen , 1955- yili géniral mayorluq herbiy unwanigha érishken .

4.Zunun tiypof- milly armiyning mu’awin bash qomandani, shinjang herbiy rayoninng mu’awin bash shitab bashliqi qatarliq wezipilerni ötigen 1955- yili géniral mayorluq unwanigha érshken. Jonggo- sowit qosh dölet tewelikge ige,.1962-yili sowit itpaqigha chiqip ketken .

5.Sawdanof zayir- milly armiyde atliq bataliyoning shitab bashliqi , piyade 4- polikning shitab bashliqi , milly armiye siyasi bölmining mudir bolghan ,dölet qurlghanidin kiyin 5-korpusning mu’awin siyasi komisari,herbiy rayon syasi bölmining ikknchi mu’awin mudir , shinjang herbiy rayoninng mu’awin siyasi komisari , ürümchi herbiy rayoninng mu’awin siyasi komsari qatarliq wezipilerni ötigen . 1955- Yili géniral mayorluq herbiy unwanigha érishken.

Izahat:
Arxip matériyalliridin élindi.

Legg igjen en kommentar