رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيەگە قىلغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى مۇۋاپىقيەتلىك ئاياقلاشتى

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيەگە قىلغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى مۇۋاپىقيەتلىك ئاياقلاشتى.

رابىيە خانىم زىيارىتى جەريانىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بەش ئايلىق خىزمەت دوكىلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو، يۆۋىك، بېرگىن، ستاۋاڭگىر، كرىستيانساند، شىئېن قاتارلىق چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلارغا، ۋەتەندىكى ئېغىر ۋەزىيەت ۋە بۇ ۋەزىيەتتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتپاقلىققا ھەرقاچانقىدىنمۇ بەكرەك مۇھتاج ئىكەنلىگىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك، بارچە شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارنىڭ ئىچكى ئىختىلاپلارنى تۈگۈتۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، دۇق ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا، تەشكىلاتلار ۋە دەۋا ئىشلىرىمىزنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يېقىندىن قوللاشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم، نورۋېگىيەدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرۇشۇپ، ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك سەپەر تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى، ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان ۋە ھەرجەھەتتىن قوللىغان نورۋېگىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارغا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ئۆزىنىڭ سەمىمى مىننەتدارلىقىنى بىلدۇردى.

Legg igjen en kommentar