ن ۇ ك رەئىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ د ۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن نورۋېگىيە جامائىتىگە بەرگەن دوكلاتى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيدىن دوكلاتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار!

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە2017-يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا 19 دۆلەتتىن كەلگەن 140 ئەتراپىدا رەسمىي ۋەكىل، كۈزەتكۈچى ۋە مېھمان قاتناشتى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىگى بىلەن پەۋقۇللادە ھەم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قۇرۇلتاي بولۇپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى.

تۇنجى كۈنى قۇرۇلتاينىڭ رەسمى ئېچىلىشى جاكارلانغاندىن كېيىن شەرقى تۈركىستان ۋە گېرمانىيە دۆلەت مارشى قويۇلدى، ۋە ئارقىدىنلا دئۇ ق رەئىسى رابىيە قادېر خانىمنىڭ ۋەكىللەرگە قىلغان ئېچىلىش نۇتقى فىلىمى قويۇلدى.

شەرەپ مېھمانلىرىدىن ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگىلىيە سابىق ئىچكى ئىشلار مېنىستىرى، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى سابىق رەئىسى  ھەم ئۇنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، تىبەت سۈرگۈندىكى پارلامېنت ئەزاسى، شىددەتكە قارشى رادىكال پارتىيە ئەزاسى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، گېرمانىيە تۈرك فېدراتسىيونى رەئىسى ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر بولۇپ 15 ئادەم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ ۋە قۇرۇلتاينى تەبرىكلەپ سۆز قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنامىسى بىرگە قارشى يۈزدىن ئارتۇق ئاۋازنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن 11-نويابىر تەستىقلانغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى.

 قۇرۇلتايدا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىنائەن ئالىي رەھبەر بولۇپ سايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى ، دېموكراتىك ۋە ئادىل سايلامدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رەئىس بولۇپ سايلاندى. مۇئاۋىن رەئىسلىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىلەر بولدى. شۇنداقلا ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.  كاتىپلىق ۋە خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، ئېكولوگىيە كومىتېتىغا ئوخشاش يېڭى كومىتېتلار قۇرۇلدى.

دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئۇمۇمىي ۋەزىيەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىچكىي كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىش ئىھتىياجىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چاقىرىلغان بولۇپ، قۇرۇلتايدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق نىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىندى ۋە كېلەچەكتىكى مىللىي كۈرەش يول خەرىتىسى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

قۇرۇلتايدا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق دەۋا ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىر _ تەكلىپلىرى، تەنقىت ۋە تەۋسىيەلىرى ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىشقا ئاساس سالدى. تەشكىلات نىزامنامىسىغا زۆرۈر بولغان تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ئاساسىي قانۇن ۋە نىزامنامە ئارقىلىق د ئۇ ق نى پىرىنسىپچان، ئىنتىزامچان، تەشكىللىك، جەڭگىۋار بىر قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇلىنى قۇرۇپ چىقتى.

قۇرۇلتاي دېموكىراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىپ، مىللىي داۋايىمىزدا سىياسى  تەجرىبىگە، كەسپى ئىقتىدارغا ئىگە يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلىنىپ چىقىلدى، ۋە  ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ئورگانلارغا ئىقتىدارلىق خادىملار سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك قوشۇنى بارلىققا كەلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېڭى سايلانغان رەھبەرلەرنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىشلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۈتۈۋاتقان تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. شۇنداقلا نۇتقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن باشقۇرۇش -باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، ئەكسىچە ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىدىغانلىقىنى، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ د ئۇ ق غا ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر ئەلۋەتتە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغىمۇ بەزى تەسىرلەرنى ۋە  ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ كەلدى.

مەسىلەن: قۇرۇلتاي ئىجراھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە باش مەسلىھەتچىمىز سەمەت ئابلا ئەپەندى، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكىگە مۇئاۋېن رەئىسىمىز پەرھات ياقۇپ ئەپەندى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلانغاندىن باشقا،  بەختىيار ئۆمەرئەپەندى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرلىقىغا، خەلچەم مەمتىمىن خانىم ئاياللار كومىتېتىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. ھەم نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىمۇ ھېچ قاچان كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچلۈنۈپ 4 نەپەر ھەيئىتىمىز قۇرۇلتايدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئالدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي جەريانىدا بەزى يېڭى تەكلىپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتى، بىز، بۇ توغرۇسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا تاپشۇرۇلىدىغان بەدەل ياكى ياردەم پۇللىرىنى تەرتىپلەشتۈرۈپ سېستىمىلىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىنىشىنى، ھەر ئادەم ئۆز ئالدىغا جامائەتتىن پۇل يىغىدىغان ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىپ،  يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىگە ئېغىرچىلىق چۈشۈرگەندىن باشقا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جامائەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بۇندىن كېيىن سادىر بولماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. يەنە نىزامنامىمىزغا شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارشى، گېربى ۋە بايرىقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن نۇسقىسىنى كىرگۈزۈپ بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلدۇق.

ئىقتىساد دوكلاتى

بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا كومېتىتىمىزدىن 5 نەپەر ھەيئەت ئەزاسى قاتناشتى. بارغانلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ قاتناش چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرگەندىن باشقا قائىدە بويىچە يىغىنغا تىزىملىتىش ھەققى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز 100 ياۋرودىن تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇردۇق. كومېتىتىمىزدىن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىغا بولغان ياردىمىمىز 1000 ياۋرو بولۇپ بۇنى جامائەتنى سەپەرۋەر قىلىپ جۇغلىدۇق. خەلچەم مەمتىمىن خانىم ئىقتىساد يېتىشمىگەننى ئاڭلاپ يەنە يېنىدىن شەخسى 500 ياۋرو قۇرۇلتايغا ياردەم قىلدى. ئاخىرىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يەنىلا باشقا ئاز بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىلەن قۇرۇلتايغا ئىقتىساد ياردەم قىلالايدىغان تەشكىلات بولۇپ ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇلغانلىقىغا قارىماي ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى خىزمەت نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىكلىگى بىلەن ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە شەرەپ ئېلىپ قايتىپ كەلدى.

كەلگۈسى نىشانىمىز

ئۇيغۇرلار ھازىر ناھايىتى خەتەرلىق ئەھۋالدا تۇرماقتا. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى» نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە چەكلەپ، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى، قەغەز ئاپتونومىيە سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا ھۆكۈمەتتىن سىقىپ چىقىرىش ئويۇنلىرى، قايتا تەربىيەلەش نامىدا شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمىلەرگە سولاش، چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئاۋازىنى بۇغۇش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى گۆرۆگە ئېلىش، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كېلىشكە زورلاپ ، قايتقاندىن كېيىن ئۇدۇل تۈرمىگە تاشلاش، مەجبۇرى خىتايلار بىلەن ئۇرۇق- تۇققان بولغۇزۇش ۋە توي قىلىشقا زورلاش قاتارلىق  ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى يېڭىدىن يولغا قويۇپ، بۇنىڭغا «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئەسلى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي  ئېتىقادى ۋە ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ بۆلگۈنچى، تېرورچى نامىدا ئەيىبلەپ، باستۇرۇش قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ تارايتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددى ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ تارتىۋېلىپ زۇلۇم چەكتىن ئاشتى، ئۇيغۇرنىڭ ئاھى پەلەككە يەتتى. ھازىر خەلقنىڭ بىزگە بولغان تەقەززاسى ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىرلىشىپ، ئىتىپاقلىشىپ بىرلىكتە بىر تەن بىر جان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇندىن كېيىن كومىتېتىمىز نورۋېگىيەدە مەيلى بىزنى قوللىغانلار بولسۇن، قارشى تۇرغانلار بولسۇن ياكى بىزنى چۈشەنگەن ياكى چۈشۈنۈشنى خالىمايدىغانلار بولسۇن، ۋە ياكى ھازىرغىچە بىزگە ئاستىرىتتىن قارشى تۇرۇۋاتقانلار بولسۇن، ئۆز شەخسى مەنپەئىتىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويالايدىغان، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز شەخسى غەرىزىدىن يۇقىرى كۆرىدىغان، ھەقىقى ساپ دىل بىلەن جامائەتنىڭ ئىشىنى قىلىشنى خالايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى سېپىمىزگە قېتىلىشقا، ھەم مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ ئاۋازىمىزنى بىرلىكتە نورۋېگىيە خەلقىگە ئاڭلىتىشقا، ھەم ئۇلارنى بىزگە ياردەم قىلىشقا، كۆرەش قىلىشقا چاقىرىمىز، ھەم باغرىمىزنى ئاچىمىز. دائىم سىياسى ئىشلارغا قېتىلالمايدىغان، نىسبەتەن چەت جايلارغا ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئۆز ئانا تىلىمىزنى قوغداپ، بالىلىرىمىزغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە، مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا، مىللىي غورورىمىزنى ساقلاپ، يامانغا يانتاياق بولماي كوللېكتىپ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ بىرلىكنى ساقلاشقا، مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ھەر ساھەدە تەڭ ئىزدىنىشكە ۋە كۆرەش قىلىشقا چاقىرىمىز. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق كومىتېتىمىزنى سېستىمىلىق خىزمەت قىلىدىغان، تەشكىلى ئىنتىزامى چىڭ، پرىنسىپچان، جامائىتىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالايدىغان، جامائەت پەخىرلىنىدىغان جەڭگىۋار بىر تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ھەم بۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.

  نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتى رەئىسى بەختىيار ئۆمەر

 

20.11.2017

 

 

Norwégiye uyghur kométitining dunya uyghur qurultiyining 6 – nöwetlik wekiller qurultiydin doklati

Essalamu eleykum hörmetlik wetendashlar !

2017- yili 11 – ayning 10 – künidin 12 – künigiche gérmaniyening myunxén shehiride chaqirilghan dunya uyghur qurultiyining 6 – nöwetlik wekiller qurultiyigha 19 dölettin kelgen 140 etrapida resmiy wekil, küzetküchi we méhman qatnashti we öz alahidiligi bilen pewqullade hem tarixi ehmiyetke ige bir qurultay bolup muweppiqiyetlik échildi.
Tunji küni qurultayning resmi échilishi jakarlan’ghandin kéyin sherqi türkistan we gérmaniye dölet marshi qoyuldi, we arqidinla d’u q re’isi rabiye qadér xanimning wekillerge qilghan échilish nutqi filimi qoyuldi.
Sherep méhmanliridin yawropa parlamént ezasi, gérmaniye parlamént ezasi, en’giliye sabiq ichki ishlar ménistiri, amérika démokratiyeni ilgiri sürüsh jem’iyiti sabiq re’isi hem uning asiya ishliri mes’uli, wakaletsiz milletler teshkilati, tibet sürgündiki parlamént ezasi, shiddetke qarshi radikal partiye ezasi, xeter astidiki xelqler teshkilati, gérmaniye türk fédratsiyoni re’isi we bir qisim mutexesisler bolup 15 adem uyghurlar we uyghur dewasini qollap we qurultayni tebriklep söz qildi.
11-noyabir d u q ning yéngidin tüzitish kirgüzülgen nizamnamisi birge qarshi yüzdin artuq awazning maqulluqi bilen testiqlan’ghandin kéyin, qurultayning omumiy saylimi élip bérildi.
Qurultayda d u q ning sabiq re’isi rabiye qadir xanimning qurultay da’imiy komitétining qararigha bina’en aliy rehber bolup saylan’ghanliqi élan qilindi , démokratik we adil saylamdin kéyin dolqun eysa ependi re’is bolup saylandi. Mu’awin re’isliri doktor erkin ekrem, perhat yorungqash ependiler boldi. Shundaqla ömer qanat ependi ijra’iye komitétining re’isi bolup saylandi. Katipliq we xitay ishliri komitéti, ékologiye komitétigha oxshash yéngi komitétlar quruldi.
Dewir bölgüch ehmiyetke ige bolghan bu qétimqi qurultay sherqiy türkistanda künsiri yamanlishiwatqan umumiy weziyet we teshkilatning ichkiy kirizislirini hel qilish ihtiyajidin muddettin burun chaqirilghan bolup, qurultayda muhajirettiki sherqiy türkistan milliy herikitining wekillik orgini bolghan d u q ning teshkiliy tüzülmisi islah qilindi we kélechektiki milliy küresh yol xeritisi qaytidin közdin kechürüldi.
Qurultayda herqaysi ellerdin kelgen nopuzluq dewa ademliri özlirining qimmetlik pikir _ teklipliri, tenqit we tewsiyeliri arqiliq qurultayning hayatiy küchini yenimu zoraytishqa türtke bolush bilen birge, sherqiy türkistan dewasini yene bir baldaq yuqiri sewiyede élip bérishqa asas saldi. Teshkilat nizamnamisigha zörür bolghan tüzitishler kirgüzülüp, nisbeten mukemmel bolghan asasiy qanun we nizamname arqiliq d u q ni pirinsipchan, intizamchan, teshkillik, jenggiwar bir qoshun’gha aylandurushning ulini qurup chiqti.
Qurultay démokiratik usulda saylam élip bérip, milliy dawayimizda siyasi tejribige, kespi iqtidargha ige yéngi rehberlik hey’iti saylinip chiqildi, we ijra’iye komitéti terkibidiki organlargha iqtidarliq xadimlar saylam arqiliq wezipige teyinlinip, küchlük bir rehberlik qoshuni barliqqa keldi.
D u q re’isi dolqun eysa ependi yéngi saylan’ghan rehberlerning birlik-ittipaqliq ichide ishlep, dunya uyghur qurultiyini «sherqiy türkistan xelqi kütüwatqan teleplerni emeliyleshtüreleydighan bir teshkilatqa aylanduridighanliqi» ni bildürdi. Shundaqla nutqida dunya uyghur qurultiyi dunyaning herqaysi jayliridiki teshkilatlar bilen bashqurush -bashqurulush munasiwitide emes, eksiche hemkarlishish munasiwitide bolidighanliqini, d u q rehberlirining d u q gha eza teshkilatlarning ichki ishlirigha arilishiwalmaydighanliqini jakarlidi. Bu özgürüshler elwette norwégiye uyghur komitétighimu bezi tesirlerni we islahatlarni élip keldi.
Mesilen: qurultay ijrahiye komitétining mu’awin re’islikige bash meslihetchimiz semet abla ependi, qurultay mu’awin bash teptishlikige mu’awén re’isimiz perhat yaqup ependi yuqiri awaz bilen saylan’ghandin bashqa, bextiyar ömer’ependi tetqiqat komitétining mu’awén mudirliqigha, xelchem memtimin xanim ayallar komitétigha alahide teklip qilindi. Hem norwégiye uyghur komitétimu héch qachan körülmigen derijide küchlünüp 4 neper hey’itimiz qurultayda muhim wezipilerni aldi.
Bu qétimqi qurultay jeryanida bezi yéngi tekliplermu otturigha qoyuldi. Yeni norwégiye uyghur kométiti, biz, bu toghrusida dunya uyghur qurultiyigha tapshurulidighan bedel yaki yardem pullirini tertipleshtürüp séstimiliq haletke élip kélinishini, her adem öz aldigha jama’ettin pul yighidighan ehwallargha xatime bérip, yerlik teshkilatlarning xizmitige éghirchiliq chüshürgendin bashqa, herqaysi döletlerdiki jama’etning naraziliqini qozghaydighan ehwallarning bundin kéyin sadir bolmasliqini otturigha qoyduq. Yene nizamnamimizgha sherqi türkistan dölet marshi, gérbi we bayriqining birlikke kelgen nusqisini kirgüzüp barliq sherqi türkistan xelqining ortaqliq hasil qilishining muhimliqini teshebbus qilduq.

Iqtisad doklati
Bu nöwetlik qurultaygha kométitimizdin 5 neper hey’et ezasi qatnashti. Barghanlar hemmisi özining qatnash chiqimini özi kötürgendin bashqa qa’ide boyiche yighin’gha tizimlitish heqqi üchün her birimiz 100 yawrodin tizimlitish heqqi tapshurduq. Kométitimizdin qurultayning échilishigha bolghan yardimimiz 1000 yawro bolup buni jama’etni seperwer qilip jughliduq. Xelchem memtimin xanim iqtisad yétishmigenni anglap yene yénidin shexsi 500 yawro qurultaygha yardem qildi. Axirida norwégiye uyghur komitéti yenila bashqa az bir qisim teshkilatlar bilen qurultaygha iqtisad yardem qilalaydighan teshkilat bolup özining yéngi qurulghanliqigha qarimay ezalirining sapasining yuqiriliqi xizmet netijisining körünerlikligi bilen wekiller teripidin étirap qilindi we norwégiyediki uyghur jama’itige sherep élip qaytip keldi.

Kelgüsi nishanimiz
Uyghurlar hazir nahayiti xeterliq ehwalda turmaqta. Xitay özlirining «esebiylikni tügitish tedbirliri» ni bahane qilip uyghur milliy kimlikining jan tomuri bolghan uyghur tilini mekteplerde cheklep, uyghur tilini yoqitish istratégiyesi, qeghez aptonomiye siyasiti, uyghurlarni sistémiliq halda hökümettin siqip chiqirish oyunliri, qayta terbiyelesh namida shekli özgergen türmilerge solash, chet’eldikilerning awazini bughush üchün a’ilisidikilerni göröge élish, chet’ellerde oquwatqan uyghur oqughuchilarni qaytip kélishke zorlap , qaytqandin kéyin udul türmige tashlash, mejburi xitaylar bilen uruq- tuqqan bolghuzush we toy qilishqa zorlash qatarliq uyghurlarni xitaylashturush siyasetlirini yéngidin yolgha qoyup, buninggha «térrorizmgha qarshi turush» namida esli dawamlashturuwatqan uyghurlarning diniy étiqadi we ibadetlirige cheklime qoyup bölgünchi, térorchi namida eyiblep, basturush qoshulup uyghurlarning siyasiy, iqtisadiy, ijtima’iy we medeniyet hoquqlirini téximu taraytip uyghurlarning eng addi yashash imkaniyetlirinimu tartiwélip zulum chektin ashti, uyghurning ahi pelekke yetti. Hazir xelqning bizge bolghan teqezzasi uyghur kimlikini saqlap qélish üchün, birliship, itipaqliship birlikte bir ten bir jan bolushni telep qilidu.

Bundin kéyin komitétimiz norwégiyede meyli bizni qollighanlar bolsun, qarshi turghanlar bolsun yaki bizni chüshen’gen yaki chüshünüshni xalimaydighanlar bolsun, we yaki hazirghiche bizge astirittin qarshi turuwatqanlar bolsun, öz shexsi menpe’itini bir terepke qayrip qoyalaydighan, kolléktipning menpe’etini öz shexsi gherizidin yuqiri köridighan, heqiqi sap dil bilen jama’etning ishini qilishni xalaydighan barliq uyghurlarni sépimizge qétilishqa, hem mörini- mörige tirep awazimizni birlikte norwégiye xelqige anglitishqa, hem ularni bizge yardem qilishqa, köresh qilishqa chaqirimiz, hem baghrimizni achimiz. Da’im siyasi ishlargha qétilalmaydighan, nisbeten chet jaylargha olturaqlashqan qérindashlirimiznimu adettiki turmushta öz ana tilimizni qoghdap, balilirimizgha bolghan wetenperwerlik terbiyesini kücheytishke, millitimiz duch kéliwatqan krizisqa birlikte taqabil turushqa, milliy ghororimizni saqlap, yaman’gha yantayaq bolmay kolléktip menpe’itini birinchi orun’gha qoyup birlikni saqlashqa, millitimizning etisi üchün her sahede teng izdinishke we köresh qilishqa chaqirimiz. Shundaqla bu arqiliq komitétimizni séstimiliq xizmet qilidighan, teshkili intizami ching, prinsipchan, jama’itimizning kütken yéridin chiqalaydighan, jama’et pexirlinidighan jenggiwar bir teshkilat qilip qurup chiqishqa hem buni choqum emelge ashurushqa tirishimiz.

Norwégiye uyghur kométiti reisi : Bextiyar Ömer
20.11.2017

 

 

 

 

 

 

 

 

Legg igjen en kommentar