نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

6-ئاينىڭ 23-كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگەن.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىشقا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىن باشقا نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، نامايىش جەريانىدا ھەرقايسىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلغان.

بۇ نامايىش ئوسلودىكى نورۋېگىيە ئولىمپىك بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا نورۋېگىيەنىڭ يەرلىك خەلقلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

نامايىش باشلىنىش ئالدىدا نەق مەيداندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى سەمەت ئابلا ئەپەندى نامايىش توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 1894-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1987-يىلىغا كەلگەندە 23-ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر قايسى ئەللەردە ئولىمپىك كومىتېتلىرى بۇ كۈننى تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

نامايىش جەريانىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بىلەن پەرھات ياقۇپ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى ساھىبخانلىق قىلماقچى بولغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى بايقۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ئەللەردە بىر تۇتاش ۋە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.

24- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى 2021-06

Legg igjen en kommentar