ئىككىنجى دەرىس (1): بوۋاقلار تىلنى قانداق ئۈگىنىدۇ؟ 0 ئايلىقتىن 3 ئايلىققىچە

( بۇ مەزمۇن مەن ئۆزۈم مۇشۇ ھەقتە ئوقۇغان كىتاپلارنى، تور دۇنياسىدا كۆرۈپ پايدىلانغان ماتىرىياللارنى مەنبە قىلىدۇ. تەبىيكى ئۆزۈمنىڭ ئىككى بالامدىن ئېرىشكەن تەجىربىلىرىمنىمۇ قوشىمەن.)

ھامىلە تەربىيىسى دىگەن ئۇقۇم بىز ئۈچۈن ئانچە ناتونۇش ئەمەس ھازىر. يەنى بىر بالىنىڭ، بىر جاننىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى بۇ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى ھامىلە ۋاقتىدىلا يېتىلىشكە ۋە تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. يەنى بالا قورساقتىكى ۋاقىتتىمۇ ئاڭلاش، ھېس قىلىش، ئەستە تۇتۇش ئېقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئاپىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سالامەتلىكى، روھىي كەيپىياتى بالىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالا بىلەن ئانىنىڭ باغلىنىشى بالا تۇغۇلمىغان ئاشۇ چاغلاردىن باشلاپلا باشلىنىدۇ. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بالا ئاپىسى بىلەن تونۇشىدۇ، ھىس-تۇيغۇ ئالماشتۇرىدۇ دېگەندەك. مۇشۇلارنى ئاساس قىلغىنىمىزدا ئانىلار ھامىلدار چاغلىرىدا بالا بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلاشسا، كىتاب ئوقۇپ بەرسە، ناخشا، قوشاقلارنى ئېيتىپ بەرسە ھەرگىز بالدۇرلۇق قىلمايدۇ. بۇ ئانا-بالىنىڭ تونۇشۇشى ۋە بالىغا ئىللىق بىر مۇھەببەتنى ھىس قىلدۇرۇش بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ناھايىتى ۋاقتىدا باشلانغان،يەنى ئەڭ دەسلەپكى تىل ئۈگىنىش پائالىيىتىدۇر.
بىر بوۋاق دۇنياغا كەلگەندە ئۇنىڭدا ئاللىقاچان نۇرغۇنلىغان تۇغما سەزگۈلەر ۋە ئېقتىدارلار بولىدىكەن. مەسلەن: ئۇلار تۇغۇلۇپلا ئاپىسىنى ياكى سۈت بوتۇلكىسىدىن سۈت ئىمىشنى بىلىدۇ. ئاپىسى ئۇلارنى باغرىغا باسسا ياكى ئاغزىنىڭ ئەتراپىنى، مەڭزىنى يەڭگىل سىلىسا، ئۇلار دەرھاللا ئاغزىنى ئېچىپ، بېشىنى بۇراپ سۈت ئىمىدىغان يەرنى ئىزدەيدۇ. بىر بارمىقىڭىزنى ئەللەينىڭ ئالقىنىغا قويسىڭىز، ئۇلار دەرھال چىڭ سىقىمدىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاق قارا رەڭلەرنى كۆرەلەيدۇ. ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا جىق ئاڭلىغانلىقتىن تۇغۇلۇپلا تونۇيدۇ. ئىللىقلىقنى، مۇھەببەتنى ھىس قىلالايدۇ دېگەندەك.
بالىنىڭ تۇغۇلۇشى بىر ئالاھىدە يېڭىلىق بولۇشى بىلەن، ئائىلىۋى ھاياتىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ دۇنيامۇ بوۋاق ئۈچۈن بەك يېپيىڭى بولۇپ، بوۋاقلارمۇ ھەر بىر شەيئىگە ۋە ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا بەكمۇ سەزگۈر بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دىگەن: 0 ئايدىن 3 ئايغىچە بولغان بوۋاقلار ئەگەر ئەتراپىدا يۇقىرى ئاۋازلارنى ۋە جىددىي بىر كەيپىياتنى سەزسە، بۇنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ مەزگىلدە ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىسى يەنىلا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئاپىسىنىڭ سۈتى ۋە باغرى، تىنىچ ئىللىق بولغان دەم ئېلىش مۇھىتى ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئېرىشىدىغان قىزغىن مۇھەببەت ئىكەن. شۇڭا بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقلارنى ئارامىغا قويۇش، ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئاپىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا ھوزۇرلانغىلى قويۇش كېرەك، شەيئىلەرنى تونۇشتۇرۇشمۇ ئۇنداق تېز بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك دىيىلگەن.
بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلىشىدىلا بولىدىغان سەزگۈلىرى قاتارىدا ئاۋازلارغا بولغان سەزگۈسى تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان ئەڭ روشەن ئېقتىدارلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىكەن. بارلىق نورمال، ساغلام تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئاڭلىيالايدىكەن. لېكىن ئۇلار يۇقىرى ئاۋازلارنى ئاڭلىسا بەك چۆچۈپ، قورقۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئەتراپىدا يۇقىرى ئاۋازلارنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دىيىلگەن. مۇشۇ يەردە بىر نەرسىنى قوشۇپ قويماقچىمەن. مەن بەزى ئانىلارنىڭ بالىلار بەك جىمجىت مۇھىتتا ئۇخلاپ ئۈگەنسە يامان ئۈگىنىپ قالىدۇ، دائىم ئۇنداق شارائىتنى يارىتىپ بېرەلمەي كېيىن قېينىلىپ قالىمىز دەپ، بالىنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ مېھمانخانا ئۆيدە ئۇخلىتىدىغان ياكى قەستەن مۇزىكا قويۇپ، كۆندۈرىمەن دەپ ئۇرۇنغىنىنى كۆردۈم. بۇ توغرا ئەمەس بولۇپ، ئىلمى نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا بوۋاقلار بولۇپمۇ يېڭىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇخلىشى ئۈچۈن ئامال بار تېنىچ مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن.
بوۋاقلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئاۋازلارغا بولغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار بەزى قىزىقارلىق ئىشلارنىمۇ بايقىغان. مەسلەن بوۋاقلار توك سۈپۈرگىنىڭ ياكى بىر چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئاۋازى دېگەندەك رېتىملىق داۋاملىشىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرۈپ، ھوزۇر ئالغان، تىنىچلانغان. تەتقىقاتچىلار بۇنى بەلكىم بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئاپىسىنىڭ يۈرەك سوقۇشىدەك رېتىملىق داۋاملىشىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، شۇ ئاۋازلار ئىچىدە ئۆزىنى بىخەتەر ھىس قىلغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئاۋازلارنى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ياخشى كۆرۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان.
ئەللەيلەر تۇغۇلۇپلا ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى تونۇۋالالايدۇ دېدۇق. ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەتراپىدىكى ئاپىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، پەرقلەندۈرۈشكە باشلايدىكەن. بۇنىڭ ئىنكاسى مەسلەن بوۋاق كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتتا تازا تىپچەكلەپ ئوماق قىلىقلارنى قىلىۋاتقاندا ئاپىسىدىن باشقا بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا جىم بولۇپ قالىدىكەن ۋە تىڭشايدىكەن.
يېڭى تۇغۇلغان ئەللەيلەر ئاۋازلارغا شۇ قەدەر سەزگۈرگەنكى ئۇلار شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۆزى ئاڭلاۋاتقان ئاشۇ تىلدىكى رېتىملارنى، مىلودىيەنى، ئاشۇ ئاۋازلاردىكى يۇقىرى-تۆۋەن ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق ئالاھىدىكلەرنى ئۈگىنىشكە باشلايدىكەن. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا بەك يۇقىرى ئاۋاز بولمىسىلا، ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسى قانغان، قورسىقى توق، زاكىسى قۇرۇق، كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتلىرىدا ئائىلىدىكى باشقىلار ھەممىسى ئۆز پاراڭلىرىنى قىلىشىپ، ئۆز ئىشلىرىنى قىلىشىپ يۈرگەن مېھمانخانا ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويساق، ئۇلار شۇ پاراڭلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن ھەم بۇ بوۋاق ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك تىل ئۈگىنىش مۇھىتى بولالايدىكەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلىپ بېرىشىمىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلارغا تاتلىق بىر ئاۋازدا يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ، باشلىرىمىزنى مىدىرلىتىپ ياكى قوللىرىمىزنى، ياكى بىر قونچاقلىرىنى بېشىمىزنىڭ ئەتراپىدا مىدىرلىتىش ئارقىلىق دېققىتىنى بىزنىڭ يۈزىمىزگە جەلىپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئەركىلەتكەن ئاۋازدا گەپ قىلىپ بېرىشىمىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلار قورساقتىكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلاپ كۆنگەچكە، ئۇلارنى تېپتىنىچ قويۇپ قويساق ئۇلار كۆنەلمەيدىكەن، ياخشى كۆرمەيدىكەن. يەنى يېڭى تۇغۇلغان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ بىز بىلەن تىل ئارقىلىق ئالاقە ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجى كۈچلۈك بولىدىكەن. ئۇلار گەرچە دەۋاتقانلىرىمىزنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك شۇ ئاۋازلارنى خاتىرىسىگە ئېلىشقا ۋە ئۇنىڭدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئىگەللەشكە باشلايدىكەن. ئاندىن بىزنىڭ تاتلىق ، سىلىق، مۇھەببەتلىك تۇيغۇلارغا باي بۇ ئاۋازىمىزدىن ئۇلار ئىللىقلىق ھىس قىلىپ بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا بارغانسىرى ئامراق بولۇپ قالىدىكەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاۋازلارغا بولغان سەزگۈرلىكى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئاۋازىغا قارىتا بولغان ئىنكاسى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئۇلار گەرچە بۇ مەزگىلدە ئاق-قارا رەڭلەردىن باشقا رەڭلەرنى كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنى مۇمكىن بولسا تالاغا كۆپرەك ئەچىقىش، ئامال بار قۇچاققا ئېلىپ، ئەتراپنى كۆرسىتىش ۋە ئەتراپنى تەسۋىرلەپ بايان قىلىپ سۆزلەپ بېرىش ھەرگىز بالدۇرلۇق قىلمايدىكەن.
0 ئايلىقتىن 3 ئايلىققىچە بوۋاقلارنىڭ تىل ئۈگىنىشى ھەققىدە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئەڭ تەكىتلەيدىغىنى : بوۋاقلارغا گەپ قىلىپ بېرىش ناھايىتى مۇھىم. ئۇلار كۆرۈۋاتقان نەرسىلەرنى بىز دەپ بېرىمىز. خۇددى گېپىمىزنى چۈشىنىدىغان بىر تەرزدە سىلىق، تۆۋەن، يېنىك ئاۋازدا دەپ بېرىمىز. ئۇلار بۇنىڭدىن باشقىچە ھوزۇر ئالىدۇ ۋە بۇ ئۇلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تىل ئۈگىنىش پائالىيىتى.
ئەمدى تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: بالىنىڭ مۇشۇنداق كىچىك ۋاقتى ئانىنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئۆزىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر مەزگىلى. شۇڭا ئانا بولغۇچى ئۆي ئىشلىرىغا بەك بېرىلمەڭ. ئامال بار بالا ئۇخلىغاندا دەم ئېلىپ، بالا ئويغاندا بالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، زاكىسىنى قۇرۇقداپلا بولدى قىلماي، ئۇندىن باشقا بالا بىلەن بىللە بولۇپ، پاراڭلىشىپ، ھىسسيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. بالا ئويغاق چاغداچوقۇم قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىن بولسا بالىنى ئۆزىڭىزگە يېقىن يەرگە ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئەگەر بالا بەك يىغلاپ كەتمىسىلا، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ بەرگەچ قىلىڭ . زاكا ئالماشتۇرغان، يۇيۇندۇرغان، كىيمىنى ئالماشتۇرغان، ئۇخلىتىشقا تەييارلاۋاتقاندا، بىللە ئوينىغاچ دەم ئالغان ۋاقىتلاردا، يەنى بالا بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتتا گەپ قىلىپ تۇرۇڭ. يەنى قىلىۋاتقان ئىشلارنى بايان قىلىپ تۇرۇپ قىلىڭ. دەۋاتقان گېپىڭىزدىكى كونكىرىت نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى شۇ نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇرغۇلۇق دەپ بېرىڭ. مەسلەن: ئەمدى زاكا ئالماشتۇرۇيلى دەپ زاكىنى كۆرسىتىڭ، زاكا دېگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق، ئاستا دەپ بېرىڭ. بالىغا زاكىنى تۇتقۇزۇپ قويۇڭ، تۇتالمىسىمۇ بىردەم زاكا بىلەن تېگىشىپ ھىس قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىڭ دېگەندەك. بۇ جەرياندا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بايان قىلىپ تۇرۇڭ. ئۇلار بۇ چاغدا دەۋاتقانلىرىمىزنى چۈشەنمىگەن بىلەن ئاڭلايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۈگىنىدۇ. ھەرگىز بۇ ئەللەي بالام گەپ قىلساممۇ چۈشىنەمتى دىمەڭ. بالىنىڭ تىل ئۈگىنىش پائالىيىتى بالا ئاڭلاپ، چۈشىنىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولىدىغان ۋاقىتلىرىدىن بۇرۇن، ئۇ ۋاقىتلىرىدىن بەكمۇ بۇرۇن، يەنى ئاشۇ قورساقتىكى ۋاقىتلىرىدىن، يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتلىرىدا باشلىنىپ بولىدۇ. بىز شۇنچە گەپلەرنى قىلىپ بەرسەكمۇ، بالىدىن ھىچقانداق ئىنكاسنى سەزمىسەكمۇ گەپ قىلىپ بېرىمىز. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالام قارىماققا ھىچ نىمىنى سەزمىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھىس قىلىۋاتىدۇ، بىلىۋاتىدۇ، يەنى ئۇ ھازىردىن باشلاپ تىل ئۈگىنىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇنداق گەپ قىلىپ بەرمىسەم ئۇ ئۈگىنەلمەيدۇ دەپ تونۇشى كېرەك.
داۋامى يوللىنىدۇ

Legg igjen en kommentar