گېرمانىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو، شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم ۋە گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخ، برائۇنشۋېگ شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال كۈنى نامايىش ۋە تۈرلك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. 8-9-فېۋرال كۈنلىرى يەنە گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخ، برائۇنشۋېگ شەھەرلىرىدە، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە ۋە نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھەرلىرىدە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخ شەھىرىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. بۇ نامايىشقا ئالايىتەن فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان تاشمەمەت ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نامايىش قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغان.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ برائۇنشۋېگ شەھىرىدە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.

8-فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىدىمۇ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى بولۇپ ئۆتكەن. نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئادەم غالىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا كۆپلىگەن تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ كېلىپ قاتناشقان.

5-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پايتەخت ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ۋە نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى قېتىملىق نامايىش ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلگەن.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 9-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدا يەنە يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئىزاھلىشىچە، بۇ نامايىشنى ئوسلودىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە تۈركلەر بىلەن بىرگە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 23 يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو، شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم ۋە گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخ، برائۇنشۋېگ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردۇق.

Legg igjen en kommentar