ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (كورونا ۋىرۇسى) نىڭ لاگېرغا تارقىلىش خەۋپى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئادىلجان قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئوسلودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق نورۋېگىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈچلەرنى، يەنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلارنى نازارەت قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە يەرلىك خەلقلەرنىمۇ تەقىب قىلىۋاتقانلىق مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقان بولۇپ، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېراسى

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق تەقىبلىرى خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بىر چاغدا خىتاينىڭ يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قول ئۇزارتىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىقلارغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئوسلودىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا ئورنىتىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەرلىك خەلقنىڭمۇ نارازىلىقلىرىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ يىللىق دوكلاتى تەقدىم قىلىنغان ھەمدە نورۋېگىيەدىكى 102 ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېرالىرىغا قارشى ئىمزالىق خەتلىرى تاپشۇرۇلغان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ سۆھبەتتە يەنە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، شۇنداق بولغان تەقدىردە بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەر بولغان. نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرى ھەم ئۇلار تەقدىم قىلغان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ يىللىق دوكلاتى ئۈچۈن كۆپ مىننەتدار بولغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

نورۋېگىيەدىكى ABC تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى يۇقىرىقى مەسىلىلەر توغرىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلغان. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

12-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ لاگېرغا تارقىلىش خەۋپى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى 2020-2-12

Legg igjen en kommentar