نورۇز پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى
نورۇز پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى
!ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار
بۇ يىللىق يەنى 2018-يىللىق نورۇز بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 3-ئاينىڭ ئاينىڭ 18- كۈنى، يەكشەنبە ئوسلو شەھىرىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى
! دەرۋەقە، بۇ كۈنلەردە ۋەتەندە بولۇۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇملار تۈپەيلى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى يارا! ئويۇن-كۈلكىگە رايىمىز يوق ئىدى
ئەمما، زالىم خىتاي ھۆكۈمنى ۋەتەندە بىزنىڭ تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چەكلەۋاتىدۇ، خەلقىمىزنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي بولۇشقا زورلاۋاتىدۇ! بۇنداق ئەھۋالدا بىز چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان نورۇز ۋە باشقا مىللىي، ئەنئەنىۋى بايرام، مەرىكە ۋە يىغىلىش پائالىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىدە ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوماق پەرزەنتلىرىمىز ۋە ئەتراپتىكى باشقا شەھەرلەردىن كېلىدىغان بالىلارغا، شۇنىڭدەك ئۇلار تەييارلىغان نومۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بەرمەكچىمىز. بىز مۇشۇ قېتىمدىن باشلاپ، نورۇزنى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بايرىمىغا، بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىنىش بايرىمىغا ئايلاندۇرماقچىمىز
ۋەتەنداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، كېلەر ئاينىڭ 16-17-18 – كۈنلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرغان،ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش يىغىنى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مېھمانلار ئىشتىراك قىلىدۇ. بىز، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان تېخىمۇ كۆپ ۋەتەنداشلىرىمىزغا، بۇ قىممەتلىك مېھمانلار بىلەن بىر سورۇندا جەم بولۇش ۋە كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە، نورۇز پائالىيىتىنى ئۈچ كۈنلۈك يىغىننىڭ ئاخىرلىشىش كۈنىدە شۇ مېھمانلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشنى ئۇيغۇن كۆردۇق
بىز بۇ قېتىم، نورۇز پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار، كۆڭۈللۈك ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتۈشى ئۈچۈن، نورۇزدا ماھارەت كۆرسەتكەن ئەڭ ياخشى ماھىرلارنى ۋە ئەڭ نادىر نومۇرلارنى باھالاپ چىقىش ۋە ئۇلارنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن:
1).نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر-رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇرچە شېئىر-قوشاق، ناخشا ئېيتالايدىغان بالىلىرىنى نورۇزدا نومۇر ئورۇنلاشقا قاتناشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز
2) ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش ، يۇمۇر ئېيتىش ۋە باشقا بىرەر ماھارىتى بار ھەرقانداق كىشىنى نورۇزدا ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.
3) مەيلى بالىلار بولسۇن، ياكى چوڭلار بولسۇن، نورۇزدا نومۇر ئورۇنلىماقچى بولغانلار ھازىردىن باشلاپ 12-مارت (دۈشەنبە)گىچە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. بولمىسا نورۇز پائالىيەت كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلمەي قالىدۇ. پۇرسەت غەنىيمەت، تالانت ۋە ماھارىتىڭىزنى !ئۆز خەلقىڭىزدىن ئايىمىغايسىز
!نورۇزدا ھەر- خىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن بەھىرلەنگەندىن سىرت يەنە، داڭلىق ئۇستىلار ئەتكەن تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىسىز
ئالاقىلاشقۇچىلار:
بەھتىيار ئۆمەر، تېلفۇن: 99850702
پەرھات ياقۇپ، تېلفۇن :45414090
نورۇز پائالىيىتى ۋاقتى: 2018-يىل، 18-مارت، يەكشەنبە، چۈشتىن كېيىن سائەت: 15:30 – 19:30
Strandliveien 1, 1410 Kolbotn : ئورنى
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىسى
2018-يىل، 20-فېۋرال
Noruz pa’aliyiti uqturushi
Hörmetlik wetendashlar!
Bu yilliq yeni 2018-yilliq noruz bayrimi yétip kélish aldida turidu. Bu munasiwet bilen norwégiye uyghur komitétining orunlashturushida, 3-ayning ayning 18- küni, yekshenbe oslo shehiride noruz pa’aliyiti ötküzülmekchi.
Derweqe, bu künlerde wetende boluwatqan chidighusiz zulumlar tüpeyli hemmimizning yüriki yara! oyun-külkige rayimiz yoq idi!
Emma, zalim xitay hökümni wetende bizning tilimizni, dinimizni, milliy örp-adetlirimizni cheklewatidu, xelqimizni uyghur milliy kimlikidin waz kéchip, xitay bolushqa zorlawatidu! bundaq ehwalda biz chet’elde yashawatqan uyghurlar, uyghur milliy kimlikining bir qismi bolghan noruz we bashqa milliy, en’eniwi bayram, merike we yighilish pa’aliyetlirimizni téximu yaxshi ötküzüshimiz, perzentlirimizge uyghur milliy örp-adetlirimizni ögitishimiz kérek.
Shuning üchünmu bu qétimqi noruz pa’aliyitide oslodiki uyghur ana til mektipide oquwatqan omaq perzentlirimiz we etraptiki bashqa sheherlerdin kélidighan balilargha, shuningdek ular teyyarlighan nomurlargha alahide orun bermekchimiz. Biz mushu qétimdin bashlap, noruzni, uyghur balilirining bayrimigha, balilirimizning ana tilimizni, dinimizni, milliy örp-adetlirimizni öginish bayrimigha aylandurmaqchimiz!
Wetendashlarning xewiride bolghinidek, kéler ayning 16-17-18 – künliri dunya uyghur qurultiyi orunlashturghan,uyghur yashlirini démokratiye we kishilik hoquq boyiche terbiyilesh yighini osloda ötküzülidu. Bu yighin’gha dunyaning herqaysi jayliridin kélidighan uyghur we chet’ellik méhmanlar ishtirak qilidu. Biz, norwégiyede yashawatqan téximu köp wetendashlirimizgha, bu qimmetlik méhmanlar bilen bir sorunda jem bolush we köprek pikir almashturush pursiti hazirlap bérish meqsitide, noruz pa’aliyitini üch künlük yighinning axirlishish künide shu méhmanlar bilen birge ötküzüshni uyghun körduq.
Biz bu qétim, noruz pa’aliyitining téximu rengdar, köngüllük we jushqun keypiyatta ötüshi üchün, noruzda maharet körsetken eng yaxshi mahirlarni we eng nadir nomurlarni bahalap chiqish we ularni mukapatlashni qarar qilduq. Bu munasiwet bilen:
1) norwégiyening herqaysi sheher-rayonlirida yashawatqan ata-anilarning uyghurche shé’ir-qoshaq, naxsha éytalaydighan balilirini noruzda nomur orunlashqa qatnashturushini tewsiye qilimiz.
2) uyghurche naxsha éytish, usul oynash , yumur éytish we bashqa birer mahariti bar herqandaq kishini noruzda öz maharitini namayan qilishqa teklip qilimiz.
3) meyli balilar bolsun, yaki chonglar bolsun, noruzda nomur orunlimaqchi bolghanlar hazirdin bashlap 12-mart (düshenbe) giche özini melum qilishi kérek. Bolmisa noruz pa’aliyet kün tertipige kirgüzülmey qalidu. Purset gheniymet, talant we maharitingizni öz xelqingizdin ayimighaysiz!
Noruzda her-xil sen’et nomurliridin behirlen’gendin sirt yene, dangliq ustilar etken ta’amlardin huzurlinisiz!
Alaqilashquchilar:
Behtiyar Ömer, tlf: 998 50 702
Perhat Yaqup, tlf: 454 14 090
Noruz pa’aliyiti waqti: 2018-yil, 18-mart, yekshenbe, chüshtin kéyin sa’et: 15:30 – 19:30
Orni: Strandliveien 1, 1410 Kolbotn
Norwégiye uyghur kométisi
2018-yil 21-féwral
