نورۋېگىيەدىكى كىملىك نومۇرىنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش توغۇرسىدا تەكلىپ

بۇ يازمىنى نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا يوللىغان بولۇپ، يازمىسى ئارقىلىق نورۋېگىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ دۆلەتتىكى ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز جامائەت توپىمىزنى كۈچلەندۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان

 تەھرىردىن  ——–

ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خەۋەردار ، كۈندە ۋەتەندىن چىقىۋاتقان خەۋەرلەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتىكى بىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىنى كۆرگەندە ئېچىنماي تۇرالمايدۇ ، مەيلى قايسىلا تەرەپكە قارىمايلى ئەھۋال پەرقلەنمەيدۇ شۇڭلاشقىمۇ كۆپىنچىمىز ئىشنى نەدىن ۋە قانداق باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇق . شۇڭا ئالدى بىلەن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇشبۇ تەكلىپنى سۇندۇم

كىملىك نومۇرنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش

كۆپىنچىمىزگە ئايانكى نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان خەلقلەر كىملىك نومۇرىنى ئەتراپىدىكى جامائە ۋە ياكى ئىسلام كۈلتۈر مەركەزلىرىگە بەرگەندە نورۋېگىيە دىننى ئىشلار ئىدارىسىدىن ھەر بىر كىملىك نومۇرى ئۈچۈن يىلدا 760 كىرون ھېساپلاپ بېرىلدۇ ، مەيلى سىز قېرى بۇلۇڭ ۋە ياكى يېڭى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇۋاق بۇلۇڭ كىملىك نومرىڭىز بولىسىلا بۇ پۇلنى دىنى ئىشلار ئىدارىسى سىز كىملىك نومىرى بەرگەن جامىئە ياكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە بېرىدۇ . ئەگەر سىز كىملىك نومۇرىڭىزنى ھېچ يەرگە بەرمىسىڭىز ئۇ چاغدا سىزنىڭ كىملىك نومۇرىڭىز مەلۇم بىر چېركاۋغا ئاپتوماتىك تىزىملىتىلىدۇ ۋە دىننى ئىشلار ئىدارىسىدىن بىۋاسىتە پۇلنى چېركاۋغا بېرىدۇ

نورۋېگىيەگىمۇ ئاز بولمىغان بىز بولساق كېرەك ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پايتەخت ئوسلو شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلدى، ئاللا بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلاردىن ۋە كىملىك نومۇرىنى بەرگەن ،ھەر-خىل ئىقتىسادىي ياردەمدە بولغانلاردىن رازى بولسۇن . دېمەك ئوسلودا بولسىمۇ بىر مەسچىتىمىز بار ،مەركەز يەنىلا ئوسلو. ئەمدى باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلار ئويلىشىپ باقسۇن ، بەلكىم كىملىك نومۇرىڭىزنى شۇ ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەسچىتىگە بەرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى شۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىڭىز ئۈچۈندۇر، بىراق نورۋېگىيەدە ئەڭ ئاددىي بولغان ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنى قوللاشتىن مەھرۇم قالدىڭىز. توغرا, ھەممە مەسچىت ئۆزىگە كىملىك نومۇرى يىغىدۇ ،باشقا مىللەتلەرمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ مەسچىتلىرىگە كىملىك نومۇرىنى بېرىپ، ئۆزىنى تىزىملىتىدۇ، مەيلى ئۇ قايسى رايوندا بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە قىلساق بولمايدىكەن! سىزدىن ھېچقانداق نەرسە كەتمەيدۇ ، سىز باشقا مەسچىتلەرگە بەرسىڭىزمۇ سىز ئۈچۈن بەرىبىر . كۆپنىڭ كۈچى كۆپتۇر . كىملىك نومۇرىڭىزنى ئۆز مىللىتىڭىز جامائىتىگە بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر جامائىتىڭىزنىمۇ، ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ . ئىشنى كىچىك ئاددىي بولسىمۇ ئۆزىمىزدىن باشلايلى.

تارىخ 28.06.2018

Norwégiyediki kimlik nomurini merkezge merkezleshtürüsh toghrisida teklip

Bu yazmini norwégiyede yashawatqan bir qérindishimiz norwégiye uyghur komitétigha yollighan bolup,yazmisi arqiliq norwégiyediki qérindashlirimizni bu dölettiki ewzel shara’ittin paydilinip, öz jama’et topimizni küchlendürüshke chaqiriq qilghan.                                        _______ tehrirdin

Wetinimizdiki zulumning kündin-kün’ge yamanlishiwatqanliqi toghrisida köpchilikning hemmisi xewerdar , künde wetendin chiqiwatqan xewerler ademning könglini ghesh qilsa yene bir tereptin muhajirettiki bizning bügünki halini körgende échinmay turalmaydu , meyli qaysila terepke qarimayli ehwal perqlenmeydu shunglashqimu köpinchimiz ishni nedin we qandaq bashlashni bilelmey ganggirap qalduq . Shunga aldi bilen norwégiyede yashawatqan eziz qérindashlirimizgha ushbu teklipni sundum .
Kimlik nomurni merkezge merkezleshtürüsh
Köpinchimizge ayanki norwégiyede yashawatqan xelqler kimlik nomurini etrapidiki jama’e we yaki islam kültür merkezlirige bergende norwégiye dinni ishlar idarisidin her bir kimlik nomuri üchün yilda 760 kiron hésaplap bérildu , meyli siz qéri bulung we yaki yéngi bu dunyagha köz achqan buwaq bulung kimlik nomringiz bolisila bu pulni dini ishlar idarisi siz kimlik nomiri bergen jami’e yaki islam medeniyet merkizige béridu . Eger siz kimlik nomuringizni héch yerge bermisingiz u chaghda sizning kimlik nomuringiz melum bir chérkawgha aptomatik tizimlitilidu we dinni ishlar idarisidin biwasite pulni chérkawgha béridu.
Norwégiyegimu az bolmighan biz bolsaq kérek , nechche yilning aldida paytext oslo shehiride uyghur islam medeniyet merkizi quruldi, alla bu ishni wujudqa chiqarghanlardin we kimlik nomurini bergen ,her-xil iqtisadiy yardemde bolghanlardin razi bolsun . Démek Osloda bolsimu bir meschitimiz bar ,merkez yenila Oslo.
Emdi bashqa sheherlerde yashawatqanlar oyliship baqsun , belkim kimlik nomuringizni shu etraptiki bashqa milletlerning meschitige bergen bolushingiz mumkin, chünki shu meschitte namaz oquwatqanliqingiz üchündur, biraq norwégiyede eng addiy bolghan özimizning uyghur jama’itini qollashtin mehrum qaldingiz. Toghra, hemme meschit özige kimlik nomuri yighidu ,bashqa milletlermu öz millitining meschitlirige kimlik nomurini bérip, özini tizimlitidu, meyli u qaysi rayonda bölishidin qet’iy nezer. Biz néme üchün özimizge qilsaq bolmaydiken! sizdin héchqandaq nerse ketmeydu , siz bashqa meschitlerge bersingizmu siz üchün beribir . Köpning küchi köptur . Kimlik nomuringizni öz millitingiz jama’itige bérish arqiliq, uyghur jama’itingiznimu, özingizni küchlendürüng . Ishni kichik addiy bolsimu özimizdin bashlayli.

Tarix 28.06.2018

Legg igjen en kommentar