بارىن شېھىدلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئىپتىخارى، ئۇلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات
بارىن شېھىدلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئىپتىخارى، ئۇلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات
ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارن يېزىسىدىن 26 ياشلىق زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار 1990- يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، » پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش توختىتىلسۇن، خەلقىمىز ئۈستىدىكى
سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن، خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، ئېزىلىشكە، يوقىتىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز…» دېگەندەك شۇئارلار بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ، رەسمىي نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان. بارىن دېھقانلىرىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى كېيىن قوراللىق باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بەش كېچە-كۈندۈز داۋام قىلغان قانلىق جەڭگە ئايلانغان. 19 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بارىن خەلقىنى 22454 ئەسكەر مۇھاسىرىگە ئېلىپ بارىن ئىنقىلابى قانلىق باستۇرۇلغان
بارىن ئىنقىلابىنىڭ زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ سانى 5000 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلاردىن زەينىدىن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەد تۇردى، مۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىق 107 نەپىرى قارشىلىق كۆرسىتىش جېڭىدە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن
ئېتىپ تاشلانغان، تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق تىنجىتىش ھەرىكىتىدە پۈتۈن بارىن يېزىسىدىكى خەلقنىڭ مەيلى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەتتا بىگۇناھ
ئايال ۋە بالىلارنىڭمۇ ئوققا تۇتۇلغانلىقى، بارن يېزىسى ۋە باشقا يېزىلاردىنمۇ ئىككى مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن
28 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بارىن ئىنقىلابچىلىرى، شېھىتلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۈچلۈك پەخىر ۋە چوڭقۇر ئېھتىرام تۇيغۇلىرى بىلەن ئەسلىنىپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنى ئىپتىخار بىلەن ياد ئىتىش ئۈچۈن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى جامىسىدە «بارىن شېھىتلىرى كېچىسى» خەتمە قۇرئان پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. بارلىق جامائەتنىڭ پائالىيىتىمىزگە ۋاقتىدا ئىشتىراك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى جامىسىدە «بارىن شېھىتلىرى كېچىسى» خەتمە قۇرئان پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. بارلىق جامائەتنىڭ پائالىيىتىمىزگە ۋاقتىدا ئىشتىراك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى
ۋاقتى:2018-يىلى 5-ئاپرىل سائەت 18:00
خەرىتىگە قاراڭ Olafiagangen 1, 5, 0188 Oslo : ئادرېس
Barin shéhidliri millitimizning iptixari, ular qelbimizde menggü hayat
1990- yili 4 – ayning 5 – küni, aqtu nahiyisining barin yézisidin 26 yashliq zeynidin yüsüp bashchiliqidiki déhqanlar » pilanliq tughut emeldin qaldurulsun, sherqiy türkistan’gha köchmen yötkesh toxtitilsun, xelqimiz üstidiki séliq mejburiyet yenggillitilsun,. Xitay milletchiliki tügitilsun, ézishke, yoqitishqa, xorluqqa qarshi turimiz…» dégendek shu’arlar bilen yéziliq hökümetke bésip kirip, resmiy naraziliq herikitini bashlighan. Barin déhqanlirining bu naraziliq herikiti kéyin qoralliq basturushqa kelgen xitay eskerliri bilen besh kéche-kündüz dawam qilghan qanliq jengge aylan’ghan. 19 ming nopusqa ige barin xelqini 22454 esker muhasirige élip barin inqilabi qanliq basturulghan.
Barin inqilabining zeynidin yüsüp bashchiliqidiki mujahidlarning sani 5000 etrapida bolup, bulardin zeynidin yüsüp, is’haq hoshur, muhemmed turdi, muhemmed tursun qatarliq 107 nepiri qarshiliq körsitish jéngide xitay eskerliri teripidin étip tashlan’ghan, toluq bolmighan melumatlargha qarighanda xitay hökümitining barin yézisida élip barghan qoralliq tinjitish herikitide pütün barin yézisidiki xelqning meyli inqilabqa qatnashqan yaki qatnashmighan bolushidin qet’iy nezer, hetta bigunah ayal we balilarningmu oqqa tutulghanliqi, barn yézisi we bashqa yézilardinmu ikki mingdin köprek kishining tutqun qilin’ghanliqi körsitilgen.
28 yildin kéyinki bügünki kündimu barin inqilabchiliri, shéhitliri hélihem uyghurlar teripidin küchlük pexir we chongqur éhtiram tuyghuliri bilen eslinip kelmekte. Bu munasiwet bilen biz shéhitlirimizni eslesh we ularni iptixar bilen yad itish üchün, norwégiye uyghur islam mediniyet merkizi jamiside «barin shéhitliri kéchisi» xetme qur’an pa’aliyiti ötküzmekchi. Barliq jama’etning pa’aliyitimizge waqtida ishtirak qilishini tewsiye qilimiz.
Hörmet bilen:
Norwégiye uyghur komitéti
Norwégiye uyghur islam mediniyet merkizi
Waqti:2018-yili 5-april sa’et 18:00
