ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ 2019-يىللىق يىغىنى ئېچىلدى

يېقىندا يەنى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى يەكشەنبە نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ 2019-يىللىق يىغىنى كولبۇتون مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدىكى جامائەتچىلىك قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىن باشقا يىللاردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ھالدا، يىغىن سۈپىتىنىڭ يۇقىرى، خىزمەت دوكلاتلىرىنىڭ تەپسىلىي، پىلان-پروگرامىلارنىڭ ئېنىق بولۇشى بىلەن كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى.
يېڭىدىن ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن خەتمە قۇرئان بىلەن باشلانغان يىغىننىڭ دەسلىپىدە، ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يېڭى ھەيئەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ھەيئەتلەرنىڭ بىر قىسمى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغان، چوڭقۇر ئىسلامى بىلىمگە ئىگە، ھۆرمەتكە سازاۋەر پېشقەدەملەردىن بولسا، يەنە بىر قىسىم ھەيئەتلەر نورۋېگىيەدە ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ياكى ئوقۇۋاتقان بىلىملىك ياشلاردىن بولۇپ، قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتلەر قوشۇنى جامائەتچىلىكنى خاتىرجەم قىلدى ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشتى.
ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى فەرۇخنىڭ ئۆتكەن يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى، مالىيە مەسئۇلى قەيسەرنىڭ يىللىق مالىيە دوكلاتىنى تەپسىلىي ئاڭلىغان جامائەتچىلىك، 2018-يىلى نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.


مەركەزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىدا «جىنازا فوندى» يىغىشنى قايتىدىن يولغا قويۇش بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان نورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىردەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارىلىپ كەلگەن «ئۇيغۇر ئۆيى»يەنى مەسچىت»سېتىۋېلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مەھمۇدجان داموللامنىڭ مەخسۇس نورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەسچىت سېتىۋېلىشى ئۈچۈن سۆزلىگەن فىلىمى قويۇلدى. پېشقەدەم دىنىي زاتلاردىن ئۆمەر ھاجىم مەسچىت سېتىۋېلىشنىڭ ئىككى دۇنيالىق مۇھىملىقى توغرىسىدا، مەھمۇدجان داموللامنىڭ سۆزىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلىدى.ئارقىدىن مەسچىت سېتىۋېلىش پىلان لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى ۋە شۇ مەيداندىلا جامائەتچىلىك ئۆز ئاتىغانلىرىنى تىزىملاتتى.

يىغىن ئاخىرىدا كۆپچىلىك بۇنىڭدىن كېيىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا پىكىرلىشىش بىلەن بىرگە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلىغان ئاساستا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى. سائەت 11:00 گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىن سائەت 17:00 لەردە ئاخىرلاشتى.
ئلاقىدار ئۇلانمىلار :
Geplaatst door Uigurisk Islamsk Kultursenter op Zondag 10 maart 2019
Geplaatst door Uigurisk Islamsk Kultursenter op Zondag 10 maart 2019
