د ۇ ق ئاخباراتى : بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 – يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز !

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئېغىر زۇلۇمى، سىياسىي بېسىمى، ئىرقىي كەمسىتىشى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىپ، كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تىز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايان قىلغان ئىدى.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلغان زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەيمىز!

مىللىتىمىزنىڭ شەرىپىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغان، خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە جازا لاگېرلىرىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان، ئەمما باش ئەگمىگەن قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىزغا ئاللادىن غەيرەت ۋە سەبىر تىلەيمىز!

بارىن ئىنقىلابى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ فاشىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شانلىق بىر ئىنقىلاب ئىدى. شۇندىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ سۇنمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.

بىز ھەر يىلى بۇ شانلىق ئىنقىلابىمىزنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇ – ئارمانى يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغان مىڭلىغان ئاتا – ئانىلار ۋە نارەسىدە بالىلارغا جانابى ئاللاھتىن ئۇ دۇنيالىق رەھمەت تىلەيمىز. خىتاي زىندانلىرىدا ۋە جازا لاگېرلىرىدا ھېلىمۇ ئەزىيەت چېكىۋاتقان پىداكار ئەزىمەتلەرگە ئەرك تىلەيمىز!

بارىن ئىنقىلابى، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ شانلىق كۈرەش داستانىنى ئەبەدىيەت ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدۇ ۋە زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىدۇ !

ھۆرمەت بىلەن : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019_يىلى 3_ئاپرېل

Legg igjen en kommentar