1-ئۆكتەبىر نامايىش ئۇقتۇرۇشى
ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار!
بۇ يىل 1- ئۆكتەبىر، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى. لېكىن بۇ كۈن بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنىدۇر! چۈنكى بۇ كۈن، زالىم كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغىنىغا 68 يىل تولغان كۈن!
مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان 68 يىلدىن بېرى، خەلقىمىزگە قارىتا ئىزچىل كەمسىتىش، باستۇرۇش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى.
بولۇپمۇ، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتتى. ئانا تىلىمىز ۋە دىنىمىز چەكلىنىپ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى! تۈرمىلەر ۋە ئاتالمىش» يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تولدى!
ئەزىز ۋەتىنىمىز، چارىسىز قالغان بەختسىز خەلقىمىز، خىتاي زالىملىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر، مۇسىبەتلىك كۈنلەردە، خەلقىمىز تارتىۋاتقان بۇ قەدەر زۇلۇمنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش، بىزدەك ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مىللىي،ۋىجدانى ۋە ئىمانى بۇرچىدۇر!
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن،نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان،تومۇرىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقنى، 1-ئۆكتەبىر، ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشىغا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىدۇ!
نامايىش ۋاقتى:
2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى،
سائەت 13:30 -15:30
نامايىش ئورنى :
Tuengen allé 2B, 0374 Oslo (خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا)
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
2017.9.9
