Doktur Erkin Ekrem ependim liksiyesi heqqide

 

 

 

Yiqinqi waqitlardin biri ewjip qéliwatqan amirika -türkiye -xittay arisidiki iqtisad jidili yalghuz bu üch dölet xelqiningla emes , bu jidel seweplik wastilik yaki biwaste halda payda ziyan borinigha egiship qalidighan, arqisida ige chiqqudek musteqil döliti bolmighan uyghur xelqimiz arisidimu ghulghula qozghap , tebi’i halda oxshashmighan pikirlerning chiqishigha sewep bolup qéliwatidu . Elwette tarixning achchiq qismetke toshup ketken betlirige qarap baqsaq , bügün’ge qeder yüz bergen herbir inqilap yaki küreshning eng köp tesirige uchraydighanlar tebi’iyla shu milletning yashlar we ziyaliylar guruppisi bolup qalidu . Elwette uyghur yashlirimiz we ziyaliylirimizmu bu ehwaldin mustesna emes .

Norwigiye uyghur komititimu bu ehwalni közde tutup , milli mewjudiyetni saqlap qalghan asasta sherqiy türkistan dawasini hem öz milliy roh tereqqiyatini bille élip mingish yollirini keng jama’etchilik bilen bolupmu dawaning kiyinki igiliri bolghan yashlirimiz bilen ortaqlishish üchün türkiye hajitepe uniwiristiti proféssori we istiratigiye mutexessi , dunya uyghur qurultiy mu’awin re’isi erkin ekrem ependimni liksiye sözlep birishi üchün norwigiyege teklip qildi .

Liksiyege ishtirak qilghan jama’etning köpinchisi yashlardin terkip tapqan bolup , erkin ependim teyyarlap kelgen liksiye ayaqlishishi bilen yashlirimiz sherqi türkistan dawasigha munasiwetlik tarixi mesililer , bügünki dunya weziyiti we siyasiti , bu weziyetlerning sherqi türkistan dawasigha bolghan tesiri we dawayimizning kelgüsi pilanliri heqqide so’allar sorap , erkin ekrem ependimning taki yashlirimiz qayil bolghangha qeder érinmey chüshendürüshige muyesser boldi .

Biz uyghurlar ezeldin chonglargha , ustazlargha alahide hörmet körsitidighan millet , bir künlük liksiye jeryanida erkin ekrem ependim yashlirimiz bilen dunya uyghur qurultiy mu’awin re’isi salahiti bilen emes belki bir ustazliq salahiyiti bilen dostane ochuq pikir almashturushqimu alahide ehmiyet birip , yashlirimizning tiximu hörmitige irishti .

Yashlar we ziyaliylar bir milletning teqdirini belgileshte achquchluq rol oynaydighan tereplerdur , yalghuz bilim jehettinla emes ang we sapa jehettinmu yitishken yash we ziyaliylarni yitishtürüp chiqish dawa sipidiki ustaz , rehberlerning bash tartip bolmaydighan muhim wezipisidur . Biz norwigiye yashliri üchün mushundaq bir pursetni yaritip bergen norwigiye uyghur komititi we ustazimiz erkin ekrem ependimge alahide rehmitimizni bildürimiz .

 

يىقىنقى ۋاقىتلاردىن بىرى كۈچىيىشكە باشلىغان  ئامېرىكا -تۈركىيە -ختتاي ئارىسىدىكى ئىقتىساد جىدىلى يالغۇز بۇ ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭلا ئەمەس ، بۇ جېدەل سەۋەپلىك ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا پايدا زىيان بورىنىغا ئەگىشىپ قالىدىغان، ئارقىسىدا ئىگە چىققۇدەك مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغاپ ، تەبىئى ھالدا ئوخشاشمىغان پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە تارىخنىڭ ئاچچىق قىسمەتكە توشۇپ كەتكەن بەتلىرىگە قاراپ باقساق ، بۈگۈنگە قەدەر يۈز بەرگەن ھەربىر ئىنقىلاب ياكى كۈرەشنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلار تەبىئىيلا شۇ مىللەتنىڭ ياشلار ۋە زىيالىيلار گۇرۇپپىسى بولۇپ قالىدۇ . ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىزمۇ بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا ئەمەس .

نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىمۇ بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ، مىللى مەۋجۇدىيەتنى ساقلاپ قالغان ئاساستا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھەم ئۆز مىللىي روھ تەرەققىياتىنى بىللە ئېلىپ مېڭىش يوللىرىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن بولۇپمۇ داۋانىڭ كىيىنكى ئىگىلىرى بولغان ياشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرىستىتى پروفېسسورى ۋە ئىستىراتىگىيە مۇتەخەسسى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمنى لىكسىيە سۆزلەپ بىرىشى ئۈچۈن نورۋىگىيەگە تەكلىپ قىلدى .

لىكسىيىگە ئىشتىراك قىلغان جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى ياشلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئەركىن ئەپەندىم تەييارلاپ كەلگەن لىكسىيە ئاياقلىشىشى بىلەن ياشلىرىمىز شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى مەسىلىلەر ، بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە سىياسىتى ، بۇ ۋەزىيەتلەرنىڭ شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا بولغان تەسىرى ۋە داۋايىمىزنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە سوئاللار سوراپ ، ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمنىڭ تاكى ياشلىرىمىز قايىل بولغانغا قەدەر ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى .

بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن چوڭلارغا ، ئۇستازلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان مىللەت ، بىر كۈنلۈك لىكسىيە جەريانىدا ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىم ياشلىرىمىز بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي مۇئاۋىن رەئىسى سالاھىتى بىلەن ئەمەس بەلكى بىر ئۇستازلىق سالاھىيىتى بىلەن دوستانە ئوچۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ ، ياشلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ ھۆرمىتىگە ئىرىشتى .

ياشلار ۋە زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان تەرەپلەردۇر ، يالغۇز بىلىم جەھەتتىنلا ئەمەس ئاڭ ۋە ساپا جەھەتتىنمۇ يىتىشكەن ياش ۋە زىيالىيلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش داۋا سىپىدىكى ئۇستاز ، رەھبەرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر . بىز نورۋىگىيە ياشلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتىتى ۋە ئۇستازىمىز ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .

Legg igjen en kommentar