نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ «يىللىق يىغىن» ئۇقتۇرۇش

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ «يىللىق يىغىن» ئۇقتۇرۇش
بۇ يىل يەنى 2017-يىلى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. 4-ئايدىكى جىددىي سايلامدىن كېيىن، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان يېڭى ھەيئەتلەر زىچ ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە بىرلىك ئىتتىپاقلىقنى ئاساس قىلغان، بىر نىيەتتە خىزمەت قىلىدىغان سىستېمىلىق بىر كوللېكتىپنى قۇرۇپ چىقىپ، جامائەتنىڭ ئېتىراپىغا ۋە تېخىمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى
ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلەر، جامائەت ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداقلا تەشكىلاتىمىزغا تاپشۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىشى …قاتارلىق ئەمىلى خىزمەت نەتىجىلىرىنى جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈش ۋە دوكلات قىلىش، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەشكىلاتنىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىللىق يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.بۇ يىغىندا كومىتېتىنىڭ يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىلىدۇ ۋە كومىتېت نىزامنامىسىگە قاراپ چىقىلىدۇ.
نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللاۋاتقان، ئايلىق ئۇيغۇرلۇق بەدەل ھەققىنى تۆلەپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يىللىق يىغىنغا ۋاقتىدا قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
يىغىن ۋاقتى: 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 13:00 دىن 15:00 كېچە
يىغىن ئورنى: كولبوتون جامائەت پائالىيەت زالى. 3- قەۋەت
<Strandliveien 1, 1410 Kolbotn> : ئادرېسى
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
2017- يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

Norwégiye uyghur komitétining «yilliq yighin» uqturush

Bu yil yeni 2017-yili norwégiye uyghur komitéti üchün alahide bir yil boldi. 4-aydiki jiddiy saylamdin kéyin, wezipe tapshurup alghan yéngi hey’etler zich hemkarlishish netijiside az bolmighan netijilerni qolgha keltürdi we birlik ittipaqliqni asas qilghan, bir niyette xizmet qilidighan sistémiliq bir kolléktipni qurup chiqip, jama’etning étirapigha we téximu qollishigha érishti.
Elwette, sherqiy türkistanning nöwettiki jiddiy weziyitini norwégiye hökümitige anglitish, xitay hakimiyitige qarshi türlük siyasiy pa’aliyetler, jama’et arisidiki ijtima’iy pa’aliyetlerni orunlashturush shundaqla teshkilatimizgha tapshuriliwatqan uyghurluq bedel pulining ishlitilishi …qatarliq emili xizmet netijilirini jama’etchilikke bildürüsh we doklat qilish, buningdin kéyinki teshkilatning xizmetlirini téximu yaxshi ishleshning asasi.
Shu munasiwet bilen norwégiye uyghur komitéti 12-ayning 25-küni komitétining kéngeytilgen yilliq yighini échishni qarar qildi.bu yighinda komitétining yilliq xizmetliridin doklat bérilidu we komitét nizamnamisige qarap chiqilidu.
Norwégiyening herqaysi jayliridiki teshkilatimizni maddiy we meniwi jehetlerdin qollawatqan, ayliq uyghurluq bedel heqqini tölep kéliwatqan qérindashlirimizning bu yilliq yighin’gha waqtida qatniship bérishini ümid qilimiz!

Yighin waqti: 2017-yili 12-ayning 25-küni sa’et 13:00 din 15:00 kéche
Yighin orni: kolboton jama’et pa’aliyet zali. 3- qewet
Adrési: <Strandliveien 1, 1410 Kolbotn>

Norwégiye uyghur komitéti
2017- yili 12-ayning 10-küni

Legg igjen en kommentar