ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان “ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى” نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ

ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان “ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى” نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ

نۆۋەتتە مەيلى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن، ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىمىز ئېغىر خەتەرگە دۇچ كەلدى!  بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرغا نىسبەتەن، مىللىي كىملىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئۆسۈۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلىمىزنى ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى ئۆگىتىش تەخىرسىز بىر ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، يۇقىرىقىدەك زۆرۈرىيەت ۋە نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ئۈمىدى بىلەن، 2018-يىلنى “نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر ئانا تىل يىلى” قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. ۋەدىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر ئايغا يەتمىگەن قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە،ئەسلىدە بار بولغان ئانا تىل سىنىپى، ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى. دەسلەپكى قەدەمدە ئىككى سىنىپقا ئايرىپ ئوقۇتۇش پىلان قىلىندى. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئىككىگە كۆپەيتىلدى. ئانا تىل مەكتىپى ئۈچۈن يېڭىدىن ئورۇن-سىنىپ ھازىرلاندى.

ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى،يەنى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭى مەكتەپ ئورنىدا “ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى”نىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

مۇراسىمدا، تەشكىلات رەھبەرلىرى ئانا تىل مەكتىپىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كېڭەيتىش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىلانلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ.تەجرىبىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن گۈلنار ئىمام خانىم ۋە دىلنۇر ئابدۇرەھىم خانىملار بۇنىڭدىن كېيىنكى ئانا تىل ئوقۇتۇش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپ-تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلايدۇ.

بۇ پائالىيەتكە،ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدىكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئانا تىل سىنىپىغا كېلىۋاتقان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئانا تىل مەكتىپىنى بۇندىن كېيىن باشلىماقچى بولغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، شۇنداقلا قاتنىشىشنى خالىغان بارلىق ۋەتەنداشلارنى كېلىپ قاتنىشىشقا ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-تەۋسىيەلىرنى بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز!

ئېچىلىش مۇراسىمى ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 11 دە.
Ebbells gate 1, 0183 Oslo : ئورنى

غا كېلىپ، ئوڭغا ئايلانسىڭىز سول تەرەپتىكى 2- كوچا <<gunerius shoppingsenter>> بىلەن <<brugata>> يېڭى مەكتەپ ئورنى، ئەسلىدىكى سىنىپ بىلەن پەقەت 400 مېتىر كېلىدۇ. جامىدىن چىقىپ

.

 .

 

Osloda ötküzülidighan “uyghur ana til mektipi” ning échilish murasimigha qedem teshrip qiling!

Nöwette meyli weten ichide bolsun, yaki weten sirtida bolsun, uyghur ana tilimiz we uyghur milliy kimlikimiz éghir xeterge duch keldi!  bundaq ehwal astida, biz chet’ellerde yashawatqan her bir uyghurgha nisbeten, milliy kimlik éngini kücheytish, ösüwatqan perzentlirimizge ana tilimizni we milliy kimlikimizni ögitish texirsiz bir wezipe bolup qaldi.

Norwégiye uyghur komitéti, yuqiriqidek zörüriyet we norwégiyede uyghur ana til oqutushini kücheytish ümidi bilen, 2018-yilni “norwégiyede uyghur ana til yili” qilip békitken idi. Wedini emelde körsitish üchün bir aygha yetmigen qisqighine bir waqit ichide,eslide bar bolghan ana til sinipi, uyghur ana tili mektipige özgertildi. Deslepki qedemde ikki sinipqa ayrip oqutush pilan qilindi. ana til oqutquchiliri ikkige köpeytildi. Ana til mektipi üchün yéngidin orun-sinip hazirlandi.

Aldimizdiki yekshenbe küni,yeni 1-ayning 28-küni, yéngi mektep ornida “uyghur ana tili mektipi”ning resmiy échilish murasimi ötküzülmekchi.

Murasimda, teshkilat rehberliri ana til mektipini téximu mukemmelleshtürüsh, kéngeytish we süpitini östürüsh heqqidiki pilanlirini teqdim qilidu.tejribilik ana til oqutquchiliridin gülnar imam xanim we dilnur abdurehim xanimlar buningdin kéyinki ana til oqutush pilanlirini otturigha qoyidu we ata-anilarning telep-teklip pikirlirini anglaydu.

Bu pa’aliyetke,oslo we oslo etrapidiki nechche waqittin béri ana til sinipigha kéliwatqan balilar we ularning ata-aniliri, ana til mektipini bundin kéyin bashlimaqchi bolghan balilar we ularning ata-aniliri, shundaqla qatnishishni xalighan barliq wetendashlarni kélip qatnishishqa we qimmetlik teklip-tewsiyelirni bérishke teklip qilimiz!

Pa’aliyet waqti: 1-ayning 28-küni

Orni: Ebbells gate 1, 0183 Oslo

Yéngi mektep orni, eslidiki sinip bilen peqet 400 métir kélidu. Jamidin chiqip brugata bilen gunerius shoppingsentergha kélip, onggha aylansingiz sol tereptiki 2- kocha.

Legg igjen en kommentar