«مەھبۇسلار ساداسى» سكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشىگە چاقىرىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار

ۋەتەندە ئەزىز مىللىتىمىز قىرغىن قىلىنماقتا! دەپسەندە بولۇۋاتقان قىزلىرىمىز، سەرسان بولىۋاتقان نارىسىدە بالىلىرىمىز، ئىز- دېرەكسىز غايىپ قىلىنىۋاتقان سەرخىللىرىمىز بىر ئاللاھتىن ۋە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بىزلەردىن ئۈمۈت كۈتمەكتە!

ئىككى يىلدىن بېرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز بىلەن دۇنيا زارىمىزنى ئاڭلىدى، بىزگە ھېسداشلىق قىلىپ خىتاينى ئەيىپلىدى، ئەمما بۇنىڭ يەتەرلىك بولمايدىغانلىغىنى كۆرمەكتىمىز، چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرنى تۇتۇش،ئۆلتۈرۈشنى ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى شىددەت بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا يەنە ھەركەت قىلىشىمىز، بوشاشماسلىغىمىز، ۋاز كەچمەسلىگىمىز كېرەك! داۋانى مۇشۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ بوشاشتۇرماسلىق ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ۋە ھەر بىرىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.

تەھلىل ۋە پەرەزلەرگە قارىغاندا مىللىتىمىزنىڭ بېشىدا بەلكىم تېخىمۇ چوڭ قاباھەت ۋە ئېغىر زۇلمەت بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيەدىكى شۇنداقلا سكاندىناۋىيە رايونىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە بولىدىغان مەخسۇس جازا لاگېرلىرىدىكى خەلقىمىزنىڭ زۇلمىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغان «مەھبۇسلار ساداسى» سكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشىگە تەكلىپ قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ ئىگىلمەس- سۇنماس روھىنى گەۋدىلەندۈرگەندىن باشقا ئۇيغۇرلاردا يېقىن دۆلەتلەر بىرلىشىپ نامايىش قىلىش سەھىپىسىنى ئېچىپ بارلىق ئاماللاردىن پايدىلنىپ ئاز كۈچىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
بۇ نامايىشقا، نامايىش ئەسلىھەلىرى ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بولۇپ ھەر بىر ئادەمگە بىردىن مەھبۇسلارنىڭ سۈرىتى ۋە ئىسمى چۈشۈرۈلگەن پلاكات ياسىلىدۇ. مەقسەت نورۋېگىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە لاگېرلاردا زۇلۇم تارتىۋاتقان شۇ گۇناھسىز خەلقىمىزنىڭ ئېنىق چىرايىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارغا شۇ زۇلۇمنى ھېس قىلدۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپ ھەقىقەتنى نامايان قىلىش.

بۇ نامايىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ ئالدىغا توغرا كۈلىدىغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلاشتا ئالاھىدە ئۈنۈم يارىتىدۇ. شۇڭا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ھەر قانداق ئىشىمىزنى تاشلاپ بۇ نامايىشقا كۈچ قوشۇشىنى ۋە شۇ مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

نامايىش ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى شەنبە. سائەت 13:00 تىن 17:00 گىچە
يىغىلىش ئورنى: ئوسلو مەركىزى پويىز ئىستانسىسى
ئالاقىلەشكۈچى: بەختىيار. 99850702

ھۆرمەت بىلەن:
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى

Legg igjen en kommentar