ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (PST) خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كولبۇتن مەدەنىيەت سارىيىدا نورۋېگىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى توپلاشنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى. ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قىيىنلاشتۇردى ياكى ئائىلە ئەزالىرىنى رېجىمغا ئېلىۋېلىپ، ئۆز شەخسى ئۇچۇرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامالسىز ھالدا تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاندى. بەزى كىشىلەر بولسا خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماشقا تەھدىت سېلىنىپ، ئوچۇق- ئاشكارا ئىشپىيونلۇق قىلىش ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، داۋا ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا مەجبۇرلاندى. بۇ ئەھۋاللار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر روھى بېسىمغا ھەم ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قويدى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە ئىشپىيونلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىنىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىملىق كومىتېت ئەزالىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدىكى نورۋېگىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن بولغان بۇ قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. سۆھبەت سائەت 13:00دە يەنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا باشلاندى، بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن كەلگەن ئىككى خادىم پۈتۈن يىغىن ئەھلى بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، دەسلەپ كومىتېت سېكرېتارى ئادىلجاننىڭ كومىتېت ۋە جامائەتچىلىك نامىدىن بەرگەن سوئاللىرىنى ئاڭلىدى ۋە سوئاللارغا ناھايىتى ئەستايىدىل جاۋابلارنى بەردى. نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى، خىتايدەك دىكتاتور دۆلەتلىرىڭ نورۋېگىيە گىراژدانلىرىغا تەھدىت قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەگەر شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا دەلىل-ئىسپاتنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان خىتاي ئامىللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىمۇ بىرقانچە تەرەپلەردىن قىسقىچە چۈشەندۈرۈلدى. ئاخىرىدا جامائەت ۋەكىللىرىمۇ ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان سوئاللارنى سورىدى. بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ سوئاللارغىمۇ تەپسىلىي جاۋابلارنى بەردى. يىغىن ناھايىتى قىزغىن ھەم جىددىي كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. بىر سائەتكە بەلگىلەنگەن سۆھبەت سائەت 14:30 دا ئاخىرلاشتى. بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇزىتىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن، سۆھبەت قىسقىچە خۇلاسىلىنىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلار بۇ سۆھبەتنىڭ ئىنتايىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئېيتىشتى ۋە خىتاي تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندى.
