نورۋېگىيەدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

نورۇز – ئۇيغۇر تىلىدا «باش باھار»، «يېڭى كۈن»، «يېڭى يىل» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھەر يىلى (شەمسىيە) كالېندارى بويىچە 21 -.، 22- مارتقا توغرا كېلىدۇ.
نورۇز بايرىمى بىزنىڭ شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ۋە پارس تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى نورۇز بايرىمى يېڭى يىل بايرىمى دەپ قارىلىپ، كاتتا تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
نورۇز بايرىمى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تەبىئەت بايرىمى، ئۇ باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىپ، تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، قار – مۇزلار ئېرىپ، جۇتلار كېتىپ، ھاياتلىقنىڭ جانلانغانلىقى، يېشىللىق ۋە يېڭى ھاياتقا بولغان ئىنتىلىش ۋە خۇشاللىقنى تەنتەنە قىلىدىغان ئالاھىدە بىر كۈن. نورۇز بايرىمى يالغۇز تەبىئەت بايرىمى بولۇپ قالماستىن، يەنە ئەمگەك – مېھنەت بايرىمى، تېخىمۇ قىممەتلىكى ئۇ ئىناقلىق بايرىمىدۇر.
ئەمما، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدە بىزنىڭ تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چەكلەۋاتىدۇ، خەلقىمىزنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي بولۇشقا زورلاۋاتىدۇ! مىليونلاپ خەلقىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، مىللىتىمىزنى يوقىتىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىدۇ! بۇنداق ئەھۋالدا بىز چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان نورۇز ۋە باشقا مىللىي، ئەنئەنىۋى بايرام، مەرىكە ۋە يىغىلىش پائالىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.
دەرۋەقە، بۇ كۈنلەردە ۋەتەندە بولۇۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇملار تۈپەيلى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى يارا! ھەرقايسى شەھەر-رايونلىرىدىكى قېرىنداشلار، نورۇزلۇق يىغىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر جايغا جەم بولۇپ، ھال-مۇڭ ئېيتىشىپ، مىللىيچە چالغۇ ئەسۋابلاردا ئورۇندالغان ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنى ئاڭلاپ، ئازراق بولسىمۇ يارا بولغان قەلبىمىزگە مەلھەم تېپىش، شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى بەزى مۇھىم ئىشلاردا ئورتاقلىشىش زۆرۈر!
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 3-ئاينىڭ 17- كۈنى(يەكشەنبە) نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى. نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نورۇز پائالىيىتىمىزگە ئائىلىسى بويىچە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!
ئىمكانىيىتى يار بەرگەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ نورۇزلۇق ئېسىل يېمەكلىكلىرىدىن تەييارلاپ كېلىشى قارشى ئېلىنىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كېلەر يىلدىن باشلاپ، نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى يىغىلىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر، رايونلاردىمۇ نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ ھەممە يەردە جامائەت پائالىيتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، چەك تارتىش ئارقىلىق ”2020-يىللىق نورۇز ساھىبخانىلىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش“پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھەر-قايسى شەھەر-رايونلارنىڭ يىگىت بېشى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ 2019 يىللىق نورۇز پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىشىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز!

ئالاقىلاشقۈچى:

بەختىيار ئۆمەر، تېلفۇن: 99850702

نورۇز پائالىيىتى ۋاقتى: 2019-يىل، 17-مارت(يەكشەنبە)، چۈشتىن كېيىن سائەت: 13:00 دە باشلىنىدۇ

ئورنى: Strandliveien 1, 1410 Kolbotn

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىسى
2019-يىل 20-فېۋرال

Noruz – uyghur tilida «bash bahar», «yéngi kün», «yéngi yil» dégen menilerde bolup, her yili (shemsiye) kaléndari boyiche 21 -., 22- martqa toghra kélidu.
Noruz bayrimi bizning shundaqla ottura asiya rayonidiki türkiy til sistémisidiki milletler we pars tili sistémisidiki milletlerning ortaq bayrimi bolup, her yili noruz bayrimi yéngi yil bayrimi dep qarilip, katta tentene bilen ötküzidu.
Noruz bayrimi ata – bowilirimiz ewladtin – ewladqa dawamlashturup kéliwatqan en’eniwi tebi’et bayrimi, u bahar peslining yétip kélip, tebi’etning qishliq uyqudin oyghinip, qar – muzlar érip, jutlar kétip, hayatliqning janlan’ghanliqi, yéshilliq we yéngi hayatqa bolghan intilish we xushalliqni tentene qilidighan alahide bir kün. Noruz bayrimi yalghuz tebi’et bayrimi bolup qalmastin, yene emgek – méhnet bayrimi, téximu qimmetliki u inaqliq bayrimidur.
Emma, zalim xitay hökümiti wetinimizde bizning tilimizni, dinimizni, milliy örp-adetlirimizni cheklewatidu, xelqimizni uyghur milliy kimlikidin waz kéchip, xitay bolushqa zorlawatidu! milyonlap xelqimizni jaza lagérlirigha solap, millitimizni yoqitish qedimini tézlitiwatidu! bundaq ehwalda biz chet’elde yashawatqan uyghurlar, uyghur milliy kimlikining bir qismi bolghan noruz we bashqa milliy, en’eniwi bayram, merike we yighilish pa’aliyetlirimizni téximu yaxshi ötküzüshimiz, perzentlirimizge uyghur milliy örp-adetlirimizni ögitishimiz kérek.
Derweqe, bu künlerde wetende boluwatqan chidighusiz zulumlar tüpeyli hemmimizning yüriki yara! herqaysi sheher-rayonliridiki qérindashlar, noruzluq yighilish munasiwiti bilen bir jaygha jem bolup, hal-mung éytiship, milliyche chalghu eswablarda orundalghan naxsha-muzikilirimizni anglap, azraq bolsimu yara bolghan qelbimizge melhem tépish, shundaqla aldimizdiki bezi muhim ishlarda ortaqlishish zörür!
Bu munasiwet bilen norwégiye uyghur komitétining orunlashturushida, 3-ayning 17- küni(yekshenbe) noruz pa’aliyiti ötküzülmekchi. Norwégiyening herqaysi jayliridiki qérindashlirimizning noruz pa’aliyitimizge a’ilisi boyiche aktip ishtirak qilishini qarshi alimiz!
Imkaniyiti yar bergen xanim-qizlirimizning noruzluq ésil yémeklikliridin teyyarlap kélishi qarshi élinidu.

Alahide eskertish: kéler yildin bashlap, noruz pa’aliyitining uyghur jama’iti yighilip olturaqlashqan sheher, rayonlardimu ötküzülüshi üchün, chek tartish arqiliq «2020-yilliq noruz sahibxaniliqini ötküzüwélish»pa’aliyitimu élip bérilidu. Her-qaysi sheher-rayonlarning aqsaqal, yurt bashlirining bu pursetni gheniymet bilip, pa’aliyitimizge aktip ishtirak qilishini ümid qilimiz!

Alaqileshküchi:  Bextiyar ömer, télfun: 998 50 702

Noruz pa’aliyiti waqti: 2019-yil, 17-mart(yekshenbe), chüshtin kéyin sa’et: 13:00 de bashlinidu

Orni: Strandliveien 1, 1410 Kolbotn

  Norwégiye uyghur kométisi

 

Legg igjen en kommentar