Bergen we Rogaland rayonidiki qérindashlargha alahide rehmet!

!ئەسسالامۇئەلەيكۇم نورۋېگىيەدىكى بارلىق ئەزىز ۋەتەنداشلار
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى داۋانىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا زىچ ھەمكارلىشىشى ۋە كومىتېتىمىزنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسى داۋاملىق يېڭىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنى پۈتۈن نورۋېگىيەدىكى كومىتېتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان بارلىق ۋەتەن سۆيەر جامائەتچىلىكىمىزنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بېرگىن ۋە روگۇلاند رايونىدىكى خىزمەت ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى يوقلاش زىيارىتى جەريانىدا، بۇ رايوندىكى دوست ۋە قېرىنداشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلىرى ۋە ئۇ يەرلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرى، زىيارەتكە بارغان رەھبەرلەرنى ھەم جامائەت ئەربابلىرىنى سۆيۈندۈردى ھەم چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. دېمەك نورۋېگىيەدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا نورۋېگىيە يەنىلا داۋانىڭ ئالدىنقى سېپىدە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر داۋاسىدىكى چوڭ بىر بوشلۇق ئىقتىساد مەسىلىسى بولۇپ، نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن ۋە روگۇلاند رايونىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاشلا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نامىدىن بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىزمىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئۇيغۇر داۋاسى ھازىر ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقىتتا ئېلىپ بارىدىغان داۋا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن كۈن سىستېمىلىق ھالدا بارلىق ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىز بىلەن ئېلىپ بارىدىغان يۇقىرى باسقۇچقا كىردى. بىز ھازىر داۋادا ئومۇمىي يۈزلۈك خەلقئارانىڭ سىجىللىقىغا يېتىشەلمەيۋاتىمىز، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى «ئىشنىڭ سىرتىدا» قىلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئېچىنارلىق ئەھۋال، ھەم بۇنى ئەڭ جىددىي شەكىلدە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى پۈتۈن نورۋېگىيەدىكى بارلىق ۋەتەن سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ بىزنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ يېقىندىن قوللىشىغا موھتاج بولۇۋاتىمىز. شۇڭا بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېرگىن ۋە روگۇلاند رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىشىنى ۋە خىزمەتلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

:ھۆرمەت بىلەن
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
03.10.2018

  Essalamu’eleykum norwégiyediki barliq eziz wetendashlar
Dunya uyghur qurultiyi we نorwégiye uyghur komitéti dawaning herqaysi tarmaqlirida zich hemkarlishishi we komitétimizning izchil tirishchanliqi arqisida norwégiyediki uyghur dawasi dawamliq yéngiliqlarni qolgha keltürüp zor ilgirileshlerni hasil qiliwatidu, elwette buni pütün norwégiyediki komitétimizni yéqindin qollap – quwwetlep kéliwatqan barliq weten söyer jama’etchilikimizning yardimidin ayrip qarighili bolmaydu.
Aldinqi hepte dunya uyghur qurultiyining re’isi dolqun eysa ependi bilen norwégiye uyghur komitétining Bergen we Rogaland rayonidiki xizmet we uyghur jama’etchilikini yoqlash ziyariti jeryanida, bu rayondiki dost we qérindashlarning orunlashturghan pa’aliyetliri we u yerlerde élip bériliwatqan uyghur ana tili oqutushi, uyghur medeniyitini tonushturush xizmetliri, ziyaretke barghan rehberlerni hem jama’et erbablirini söyündürdi hem chongqur tesir qaldurdi. Démek norwégiyediki barliq qérindashlarning tirishchanliqi arqisida norwégiye yenila dawaning aldinqi sépide muhim rol oynawatidu.
Buningdin bashqa uyghur dawasidiki chong bir boshluq iqtisad mesilisi bolup, norwégiyening Bergen we Rogaland rayonidiki uyghur jama’iti Oslo we Oslo etrapidiki qérindashlirimizgha oxshashla norwégiye uyghur komitétining xizmetlirini maddiy we meniwi jehettin qollap kéliwatqan bolup, dunya uyghur qurultiyi we norwégiye uyghur komitéti namidin bu qérindashlirimizning xizmitimizni yéqindin qollap bergenliki üchün köptin köp rehmet éytimiz.
Uyghur dawasi hazir ishtin sirtqi bosh waqitta élip baridighan dawa emes, belki pütün kün sistémiliq halda barliq waqtimiz we zéhnimiz bilen élip baridighan yuqiri basquchqa kirdi. biz hazir dawada omumiy yüzlük xelq’araning sijilliqigha yétishelmeywatimiz, chünki biz özimizning ishini «ishning sirtida» qiliwatimiz. Elwette bu bir échinarliq ehwal hem buni eng jiddiy shekilde özgertishke tirishishimizgha toghra kélidu. Buning üchün norwégiye uyghur komitéti pütün norwégiyediki barliq weten söyer qérindashlarning bizni herqandaq waqittikidinmu yéqindin qollishigha mohtaj boluwatimiz. Shunga barliq qérindashlirimizning Bergen we Rogaland rayonidiki qérindashlirimizdin ülge élishini we xizmetlirimizni qollap quwwetlishini ümid qilimiz.

Hörmet bilen:
Norwégiye uyghur komitéti
03.10.2018

 

Legg igjen en kommentar