سېنتەبىر دۇنيا ئاتوم قوراللىرىنى چەكلەش كۈنى

بۈگۈن يەنى 26- سېنتەبىر دۇنيا ئاتوم قوراللىرىنى چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتى ئۆز توربېتىدە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرى، ئۇنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان دەل-ئىسپانلار بىلەن نورۋېكچە ئېلان قىلدى، ھەم بۈگۈن بۇ توغرۇلۇق گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلغان پارلامېنت ئەزاسى ۋە باشقا پارتىيەلەرگە بىۋاستە خەت يازدى.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ توپلىغان بەزى مەنبەلىرىگە قارىغاندا 1996 – 1964 -يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تەكلىماكان قۇملۇقى، لوپنۇر كۆلى ، جۇڭغار ئويمانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق ئاتۇم بومبا سىنىقىدا(1986-يىلىدىن باشلاپ 4 قېتىملىقى پاكىستاننىڭ ) 194مىڭ ئۇيغۇر رادىئاتسىيەلىنىپ ئۆلگەن. 1 مىليۇن 500مىڭ ئەتىراپىدا ئۇيغۇر رادىئاتسىيەدىن زەھەرلىنىپ قان راكى، توشقان كالپۇك, پوقاق قاتارلىق ئېغىر ، ساقايماس كېسەللەرگە گىرىپتار بۇلغان.

ماقەلە تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتىنىڭ يېڭى ئېچىلغان نورۋېكچە تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ!

سۈرەتتىكى خىتاي لوپنوردا سىناق قىلغان تۇنجى ئاتوم بومبىسى.

Legg igjen en kommentar