نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلىرى پائالىيىتىنى جانلاندۇردى
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش، قىيىن – قىستاققا ئېلىش ھەرىكىتىنى تېزلىتىش بىلەن، كەڭ كۆلەمدە يېپىق تەربىيە جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ، لاگېرلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى كوللېكتىپ دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئەيىبلەش، خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلارغا زورلاپ نىكاھلاندۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىككە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋا سېپىدىكى يېڭى كۈچ بولۇپ تەشكىللەندى. بۇ ياشلار ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى پائالىيىتى ئىنتايىن تاكتىكىلىق بىلەن خىتايلارنىڭ يىلدا بىر بولىدىغان ‘يۈلىن ئىت گۆشى بايرىمىغا قارشى تۇرۇش ئىمزا توپلاش پائالىيىتى بىلەن خىتاي رېجىمى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش ۋە يېپىق تەربىيىلەش جازا لاگېرلىرىغا قارشى توغرىسىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى بولىدۇ. بۇ پائالىيەت 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ياشلار يېتەكچىسى نىجاتنىڭ باشچىلىقىدا بىر قىسىم ياشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى مەركىزى كوچىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئەلۋەتتە ئوسلودىمۇ ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقتەك ئىت ، مۈشۈك قاتارلىق ئەمەك ھايۋاناتلارغا ئىنتايىن ئامراق، ئىتنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دەپ قارايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى. ئۇلار نورۋېگچە، ئىنگلىزچە راۋان سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىپ، ياشلارنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى بىلەن خىتاي مىللىتىنىڭ رەزىللىكىنى چۈشىنىش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ۋە يېپىق تەربىيىلەش جازا لاگېرلىرىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ،ئىمزاسىنى ئېتىدۇ
ئۇيغۇر ياشلىرى گۇرۇپپىسى داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا دۇنيا ۋە نورۋېگىيە جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش مەقسىتى بىلەن يەنە بىر يۈرۈش نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قوللاپ، ئىمكانىيىتى يار بەرگەنلەرنىڭ قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
:ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا
ۋاقتى: 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى (جۈمە) سائەت 13:00 دىن 15:00 گىچە
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 13:00 دىن 15:00 گىچە
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى (سەيشەنبە) سائەت 13:00 دىن 15:00 گىچە
ئورنى : ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا
«Morgedalsvegen 36, 0378 Oslo» : كوچا ئادرىسى
:پارلامېنت بىناسى ئالدىدا
:ئورنى
Karl Johans gate 22, 0026 Oslo
ۋاقتى:
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 08:00-20:00
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى (سەيشەنبە) سائەت 08:00-20:00
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى (چارشەنبە) سائەت 08:00-20:00
Norwégiye uyghur yashliri pa’aliyitini janlandurdi
Yéqindin buyan xitay hakimiyiti sherqiy türkistandiki uyghur xelqini qanunsiz tutqun qilish, öltürüsh, qiyin – qistaqqa élish herikitini tézlitish bilen, keng kölemde yépiq terbiye jaza lagérliri qurup, lagérlardiki qérindashlirimizni kolléktip dini étiqadi we milliy kimlikini ret qilip, uni eyiblesh, xitay kimlikini qobul qilishqa mejburlawatqan, uyghur qizlirini xitaylargha zorlap nikahlandurup, assimilyatsiye qedimini tézlitiwatqan bir mezgilde, norwégiyening herqaysi jayliridiki uyghur yashliri birlikke kélip, özlirining pilan-programmilirini tüzüp chiqip, emili herikiti bilen sherqiy türkistanning dawa sépidiki yéngi küch bolup teshkillendi. Bu yashlar özlirining tunji pa’aliyiti intayin taktikiliq bilen xitaylarning yilda bir bolidighan «yülin it göshi bayrimi»gha qarshi turush imza toplash pa’aliyiti bilen xitay réjimi astidiki sherqiy türkistanni tonushturush we yépiq terbiyilesh jaza lagérlirigha qarshi toghrisida imza toplash pa’aliyiti bolidu. Bu pa’aliyet 6-ayning 21-küni yashlar yétekchisi nijatning bashchiliqida bir qisim yashlarning qatnishishi bilen norwégiyening oslo shehiridiki merkizi kochida élip bérildi. Elwette oslodimu yawropaning bashqa jayliridiki xelqtek it , müshük qatarliq emek haywanatlargha intayin amraq, itni insanlarning eng yéqin dosti dep qaraydighan nurghun kishiler bar idi. Ular norwégche, in’glizche rawan sözlewatqan uyghur yashlirining bu pa’aliyitige ishtirak qilip, yashlarning tepsiliy chüshendürüshi bilen xitay millitining rezillikini chüshinish bilen xitay hökümitining uyghur millitini yoqitish üchün sherqiy türkistanda élip bériwatqan bésim siyasetlirini we yépiq terbiyilesh jaza lagérlirini bilidu, shundaqla uyghurlargha hésdashliq qilidu we uyghur yashlirini qollaydighanliqlirini bildürüp,imzasini étidu.
Uyghur yashliri guruppisi dawamliq türde xitayning uyghurlargha élip bériwatqan irqiy qirghinchiliq siyasitige naraziliq bildürüsh shundaqla dunya we norwégiye jama’etchilikige uyghurlarning éghir weziyitini anglitish meqsiti bilen yene bir yürüsh namayish pa’aliyetlirini orunlashturdi. qérindashlirimizning bu pa’aliyetlerni aktip qollap, imkaniyiti yar bergenlerning qatniship bérishini ümid qilimiz:
Waqti: 2018-yili 6-ayning 29-küni (jüme) sa’et 13:00 din 15:00 giche
2018-yili 7-ayning 2-küni (düshenbe) sa’et 13:00 din 15:00 giche
2018-yili 7-ayning 3-küni (seyshenbe) sa’et 13:00 din 15:00 giche
Orni : oslodiki amérika elchixanisi aldida
Kocha adrési: «Morgedalsvegen 36, 0378 Oslo»
Waqti:
2018-yili 7-ayning 2-küni (düshenbe) sa’et 08:00-20:00
2018-yili 7-ayning 3-küni (seyshenbe) sa’et 08:00-20:00
2018-yili 7-ayning 4-küni (charshenbe) sa’et 08:00-20:00
