دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش سۆھبەت يىغىنى
جامائەت سۆھبىتىمىزگە مەرھەمەت
ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار
بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا 19 دۆلەتتىن كەلگەن 140 ئەتراپىدا رەسمىي ۋەكىل، كۈزەتكۈچى ۋە مېھمان قاتناشتى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىگى بىلەن پەۋقۇللادە ھەم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قۇرۇلتاي بولۇپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى.
11-نويابىر د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنامىسى بىرگە قارشى يۈزدىن ئارتۇق ئاۋازنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن تەستىقلانغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى.
قۇرۇلتايدا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىنائەن ئالىي رەھبەر بولۇپ سايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رەئىس بولۇپ سايلاندى. مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەركىن ئەكرەم، پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىلەر بولدى. شۇنداقلا ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يېڭىدىن قۇرۇلدى.
ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى قۇرۇلتاي ئىچىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئىتىپاقلىققا چاقىرىش ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىدا ئالىي رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئورنۇتۇپ قۇرۇلتاينى ئىسلاھات قىلىپ يېڭىچە، تېخىمۇ كۈچلەنگەن شەكىلدە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئېچىلدى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر ئەلۋەتتە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغىمۇ بەزى تەسىرلەرنى ۋە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ كەلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتى19- نويابىر، يەنى ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە جامائەتچىلىكىمىزگە قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يەتكۈزۈش شۇنداقلا كومىتېتىمىزدىكى يېڭىلىقلارنى تەڭ ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزىمىزدە سۆھبەت ئورۇنلاشتۇردۇق. ئوسلو ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشكە مۇراجەت قىلىمىز!
پائالىيىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئۆز-ئارا دىدارلىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەيسىز
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
ۋاقتى: 2017- يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى. سائەت 13:00 -15:30
ئورنى: ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى جامەسى
