ئوچۇق شەكىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى–نورۋىگىيە ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت.

ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپ: نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتىتى. نورۋىگىيە خوڭكوڭ كومىتىتى، نورۋىگىيە تىبەت كومىتىتى، تەيۋەن دوستلۇق جەمئىيىتى.
نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى خىتتاي تەرەپ بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش ھارپىسىدا. ئەمما بۇ كېلىشىم پەقەت ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىزلەر بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز. ئەمما بىزگە ئىنىق بولغان بىر مەسىلە: بۇ سودا كېلىشىمى نورۋىگىيە ۋە مۇستەبىت خىتتاي مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت!
بۇ سۆھبەت ھەم خىتتاي رىجىمى ئاستىدىكى مىللەتلەر ئۈچۈن، ھەمدە نورۋىگىيەنىڭ دىموكراتىك، بىخەتەرلىك سىياسىتى مەنپەئەتىگە ئىنتايىن ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋال ئاستىدا، نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتىتى، نورۋىگىيە خوڭكوڭ كومىتىتى، نورۋىگىيە تىبەت كومىتىتى ۋە تەيۋەن دوستلۇق جەمئىيىتى تەرىپىدىن نورۋىگىيە ھۆكۈمىتىگە شىكايەت خېتى ئەۋەتىلدى. بۇ خەت نورۋىگىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ياشلار پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ۋە 4 كومىتىت ۋە ئىككى تەشكىلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئىمزا توپلاندى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توردا، ئاممىغا ئوچۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتتاي ۋىرۇسى بىزنىڭ سىرتتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىزنى چەكلىگەن بولسا، توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنغا ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ۋاقىت: 9-فىۋرال، سەيشەنبە.
سائەت: 14:00.
يىغىن مەزمۇنى:
1.قارشى ئېلىش سۆزى
2.يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچى 4 كومىتىت تەرەپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشى
3.خىتتاي تەرەققىياتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇھاكىمە. ھەربىر پارتىيە ۋە كومىتىت ۋەكىللىرى سۆز ئالىدۇ.
4.سوئال-جاۋاپ
5.يىغىن ئاخىرلاشتۇرۇش.
يىغىن 15:30 دا ئاخىرلىشىدۇ. پۇرسىتى يار بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمىز.
نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتىتى.
