نېمە ئۈچۈن ئىتالىيەدىكى خىتتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى پارتلاش خارەكتىرلىك ئېغىر بولىۋاتىدۇ؟

Dagsavisen  Publisert: 21. mars 2020

نورۋېگىيەنىڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرى. تەرجىمە قىلغۇچى: بىختاش

ئىتالىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى جۇڭگودىن ئېشىپ كەتتى، بېرگامو شەھىرىدە ھەربىيلەر ياردەمگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىتالىيەنىڭ ئەھۋالى قانداق قىلىپ بۇنداق ناچارلىشىپ كەتتى؟

جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىتالىيەدە بىركۈن ئىچىدىلا 627 ئادەمنىڭ خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قازا قىلغانلىقىدەك شۇم خەۋەر كەلدى. ئىتالىيەدە ۋىرۈس تارقىلىپ تا ھازىرغىچە جەمئىي 4032 ئادەم قازا قىلدى. جۇڭگودا بولسا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3248 ئادەم بولۇپ، جۇڭگودىكى ئۈلۈش سانى بىلەن ئىتالىيەدىكى ئۈلۈش سانىنى سېلىشتۇرغاندا ئىتالىيەدە مىڭغا يېقىن ئادەم كۆپ بولدى.

ئىتالىيەنىڭ كۈندىلىك ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى جەمئ‍ىي 47 مىڭ 21 گە يىتىپ، پەقەت بىركۈن ئىچىدىلا 6000 ئادەم يېڭىدىن يۇقۇملانغان، ئەمما جۇڭگودابولسا 81 مىڭدا تۇراقلاشقان.

ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى بېرگامودىن شەھىرىدە پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بېرىپ، دەپنە ئورۇنلىرىدا خىزمەتچى يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۈلۈكلەر ئۆز ئۆيلىرىدە تاكى دەپنە قىلىش نۆۋىتى كەلگۈچە قويۇپ قويۇلۇشقا بەجبۇر بولغان بولۇپ. ھەربىيلەر جەسەت ساندۇقىنى باشقا رايونلاردىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىغا توشۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

CFB دەپنە ئورنىدىكى ئانتونىيو رىككاردى «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» گە مۇنداق دىگەن: «ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقدىن كىشىلەر ئۈلۈپ كەتكەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ياكى دەپنە قىلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ».

نېمە ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ ئەھۋالى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتى؟

بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن.

سەۋەب 1: ۋاقتىدا بايقىماسلىق

ئىتالىيەدە تۇنجى خىتتاي ۋىرۇسى يۇقتۇرغۇچى 31-يانۋار بايقالغان. يەنى ۋۇخەندىن رىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىككى جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان. ئۇلار ئىتالىيەدە بىر ھەپتە تۇرغان بولۇپ، ساياھىتىنى شىمالدىن باشلىغان ۋە دەرھال ئايرىپ كۈزىتىلگەن. ئىككىنچى كۈنى ، باش مىنىستىر جۇسېپپې كونتې ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۇنجى خىتتاي ۋىرۇسى بايقالغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگوغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دىگەن: ۋەزىيەت كونترول ئاستىدا.

ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ۋىرۈسنىڭ 1- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىلا ئاللىبۇرۇن ئىتالىيەگە تارقىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلمەي قالغان.

بېرن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر دوختۇرى كىرىستىيان ئالتائۇس، ۋايرىد ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دىگەن: «ھازىرچە، بۇ يۇقۇم 1-ئايدىن باشلاپ باشلانغاندەك قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆلەمدە كېڭىيىشكە بىرئاز ۋقىت بار».

فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە يەرلىك خەلىقلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالغان. 38 ياشلىق ئىتالىيەلىك بىر ئەر ئىتالىيەنىڭ شىمالدىكى لومباردى ئۆلكىسىنىڭ كىچىك بازىرى كودوگنودىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىنگەن. ئەمما ئۇنىڭ ۋىرۈس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى تەكشۈرۈشىگە ۋاقىت كەتكەن، ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىمۇ يۇقۇملانغان.

فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرى لومباردىدا تېخىمۇ كۆپ ئادەم يۇقۇملىنىش بىلەن بىرگە تۇنجى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى قازا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن لومباردىدىكى ئون شەھەردە قاتتىق چەكلىمىلەر يولغا قويۇپ، مەكتەپ ۋە بەزى شىركەتلەر ئىشتىن توختىغان. ھۈكۈمئەت ئىتالىيەنىڭ شىمالى رايونىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.

ۋىرۇسنىڭ تارقىلىپ بىرقانچە ھەپتىگىچە بايقالمىغانلىقى، كەڭ كۆلەملىك يامراپ كىتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.

سەۋەب 2: ياشانغانلار

ئىتالىيە ياپونىيىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ياشانغانلار سانى كۆپ دۆلەت. ئىتالىيەدە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 23 پىرسەنتى 65 ياشتىن يۇقىرى ياپونىيىدە بولسا 28 پىرسەنت. جۇڭگودا بۇ نىسبەت ئاران% 13.

نەتىجىدە ، ئىتالىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر covid-19 نىڭ ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدۇ، ئىتالىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 79.5 ياش. دەسلەپكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ 99 پىرسەنتىدە قوشۇمچە ئەگەشمە كېسەللىكلەر بولغان. يۇقارقىدەك ئەھۋاللار يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى ياكى ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

سىملىق ژۇرنال مۇنداق دەپ يازىدۇ: ياشانغانلارنى چوقۇم يۇقۇملىنىدۇ ۋە ياكى ئۆلۈپ كىتىدۇ دەپ قاراش خاتا، پەقەت ۋاقتىدا تەدبىر ئالمىغانلىقتىن ياشانغانىلار كۆپلەپ ئۈلۈپ كىتىۋاتىدۇ. ياپونىيە ئالدىن بايقاپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانغانلىقى ئۈچۈن ئۈلۈش نىسپىتى تۆۋەن بولدى.

ئەمما ئىتالىيە مەسىلىسىدە يەنە باشقا سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن.

سەۋەب 3: ياشلار بىلەن چوڭلارنىڭ قۇيۇق ئالاقىدە بولىشى.

ئىتالىيەدىكى يېشى چوڭلارنىڭ كۆپلەپ ئۈلۈپ كىتىشىدە ياشانغانلار بىلەن ياشلارنىڭ بىر بىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، يەنى يېشى چوڭلار ياشلاردىن كۆپلەپ يۇقتۇرۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى لېۋېرخۇلمې نوپۇس ئىلمى مەركىزى ۋە نوففىلد ئىنىستىتۇتىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار يېڭى ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشانغانلارنىڭ كۆپلەپ ئۈلۈپ كىتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ياشلار ۋە ياشانغانلار ئىجتىمائىي ئالاقىدە قويۇق ئارلاشقانلىقىدىن.

تەتقىقاتچىلار OSF تەتقىقات سۇپىسىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ. ئىتالىيە ئائىلە ئالاقىسى قويۇق بىر دۆلەت بولۇپ، گەرچە بىر ئائىلىدە بىر قانچە ئەۋلاد بىللە تۇرمىسىمۇ، ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئاتا-ئانىلار بىلەن قورامىغا توشقان ئەۋلادلار دائىم دىگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپلىگەن شەھەردە ئىشلەيدىغان ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىسى شەھەرگە يېقىن كەنتلەردە ياشايدۇ، ياشلار دائىم شەھەر سىرتىدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى يوقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر سىرتىدىكى ياشانغانلارنىڭمۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىتالىيەگە ئوخشاش ياشلار بىلەن ياشانغانلار ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بار باشقا دۆلەتلەرمۇ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ يۈكنى ئېغىرلىتىدىغان ھالقىلىق ئەھۋاللارنىڭ بوسۇغىسىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

سەۋەب 4: بىر رايوندىن يەنە بىر رايۇنغا يۆتكىلىش

پروفېسسور دېللا گىيۇستا «ئى ت ۋ» غا مۇنداق دېدى: گەرچە دائىرىلەر شىمالدىكى مەكتەپ ۋە ئىش ئورۇنلىرىنى تاقاش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالدىكى كىشىلەر مەملىكەتنىڭ ھەر يەرىنى ئايلىنىپ يۈردى. ۋە دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى دەم ئېلىش ئۆيلىرىگە باردى. بۇ خىل ئەھۋال يۇقۇمنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يامراپ كىتىشىگە سەۋەب بولدى.

مانا بۇ نورۋىگىيە ھۈكۈمئىتىنىڭ نورۋىگ خەلقىنى يازلىق ئارام ئۆيلەرگە قېچىشنى چەكلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.

ئىتالىيەدە بەزى كىشىلەر يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئوخشىمىغان رايونلاردا ساياھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، جۈملىدىن شىمالدىن جەنۇبقا. جەنۇبتىكى پۇگلىيا رايونىدا، يەنى ئىتالىيەنىڭ «پاشنىسى» دا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى شىمالدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار تاقالغاندىن كېيىن جەنۇبتىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئىكەنلىكى كۆرۈلدى. ئىتالىيەنىڭ «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەقەت ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا، پۇگلىيادىكى پويىز ئىستانسىلىرىدا تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭ % 15 ى قىزىتما بىلەن تىزىمغا ئېلىنغان.

ئەمما، جۇڭگودا يۇقۇملىنىش پەيدا بولغان ۋۇخەن شەھىرى تاقىۋېتىلىپ كىرىش – چىقىش پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.

سەۋەب5: سەھىيە خەتەر چەمبىرىكى

يۇقۇملانغانلار قانچە كۆپ بولسا، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە تەسىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ سەھىيە ئىشلىرىغا تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى يۇقۇملانغۇچىلار كارانتىن قىلىنىشى ياكى ئايرىۋېتىلىشى كېرەك. شۇڭا، ھازىر ئىتالىيەدە كۆرۈلگەندەك، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ يۈكى ھەسسىلەپ ئېشىپ كىتىدۇ.

خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ، بېرگامودىكى پاپا گىئوۋاننى دوختۇرخانىسىنىڭ بىر بۆلۈم مۇدىرى لورېنزو دانتىگا مۇنداق دېدى: «بەلكىم بۇ يەردە% 20 تىن% 30 گىچە ساغلاملىق خىزمەتچىلىرى يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپەيگەنسىرى سەھىيە سىستېمىسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، داۋالاش ئاپراتلىرىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ خەتەر چەمبىرىكى پەيدا قىلىدۇ.

Néme üchün italiyediki xittay wirusining tarqilishi partlash xarektirlik éghir boliwatidu?

Norwégiyening kündilik géziti «Dagsavisen»ning 21-marttiki xewiri. Terjime qilghuchi: Bixtash

Italiyede qaza qilghanlarning sani junggodin éship ketti, bérgamo shehiride herbiyler yardemge orunlashturuldi. Italiyening ehwali qandaq qilip bundaq nacharliship ketti?

Jüme küni chüshtin kéyin italiyede birkün ichidila 627 ademning xittay wirusi seweblik qaza qilghanliqidek shum xewer keldi. Italiyede wirüs tarqilip ta hazirghiche jem’iy 4032 adem qaza qildi. Junggoda bolsa qaza qilghanlarning sani 3248 adem bolup, junggodiki ülüsh sani bilen italiyediki ülüsh sanini sélishturghanda italiyede minggha yéqin adem köp boldi.

Italiyening kündilik istatistikisigha qarighanda, yuqumlan’ghuchilarning sani jem’‍iy 47 ming 21 ge yitip, peqet birkün ichidila 6000 adem yéngidin yuqumlan’ghan, emma junggodabolsa 81 mingda turaqlashqan.

Italiyening shimalidiki bérgamodin shehiride pewqul’adde ehwal yüz bérip, depne orunlirida xizmetchi yitishmeslik sewebidin ülükler öz öyliride taki depne qilish nöwiti kelgüche qoyup qoyulushqa bejbur bolghan bolup. Herbiyler jeset sanduqini bashqa rayonlardiki jeset köydürüsh orunlirigha toshushqa orunlashturulghan.

CFB depne ornidiki antoniyo rikkardi «muhapizetchiler géziti» ge mundaq digen: «ehwalning éghirliqdin kishiler ülüp ketken uruq – tughqanlirini körüsh yaki depne qilish pursitigimu érishelmeydu».

Néme üchün italiyening ehwali shundaq éghirliship ketti?

Buningda töwendikidek sewebler bolishi mumkin.

1-Seweb: waqtida bayqimasliq

Italiyede tunji xittay wirusi yuqturghuchi 31-yanwar bayqalghan. Yeni wuxendin rimni ziyaret qilish üchün kelgen ikki junggoluq sayahetchining tekshürüsh netijisi musbet chiqqan. Ular italiyede bir hepte turghan bolup, sayahitini shimaldin bashlighan we derhal ayrip küzitilgen. ikkinchi küni , bash ministir juséppé konté italiyening yawropa ittipaqidiki tunji xittay wirusi bayqalghan dölet bolush süpiti bilen junggogha uchidighan barliq nöwetchi ayropilanlarni toxtatqanliqini élan qilip mundaq digen: weziyet kontrol astida.

Ular eyni waqitta wirüsning 1- ayning otturliridila alliburun italiyege tarqilishqa bashlighanliqini bilmey qalghan.

Bérn uniwérsitétining tarqilishchan késellikler doxturi kiristiyan alta’us, wayrid zhurnilining muxbirigha mundaq digen: «hazirche, bu yuqum 1-aydin bashlap bashlan’ghandek qilidu , shunga uning körünerlik kölemde kéngiyishke bir’az wqit bar».

2-ayning otturilirigha kelgende yerlik xeliqlerde yuqumlinish ehwali bayqalghan. 38 yashliq italiyelik bir er italiyening shimaldiki lombardi ölkisining kichik baziri kodognodiki bir doxturxanigha élip kilin’gen. Emma uning wirüs bilen yuqumlan’ghanliqini tekshürüshige waqit ketken, we tekshürüshke qatnashqan saghlamliq xizmetchilirimu yuqumlan’ghan.

2-ayning axirliri lombardida téximu köp adem yuqumlinish bilen birge tunji wirus bilen yuqumlan’ghuchi qaza qilghan. Shuningdin kéyin lombardidiki on sheherde qattiq cheklimiler yolgha qoyup, mektep we bezi shirketler ishtin toxtighan. Hüküm’et italiyening shimali rayonining ehwalining éghirliqini közde tutup pütün memliket boyiche karantin tedbirlirini yolgha qoyghan.

Wirusning tarqilip birqanche heptigiche bayqalmighanliqi, keng kölemlik yamrap kitishining sewebliridin biri bolushi mumkin.

2-Seweb: yashan’ghanlar

Italiye yaponiyidin qalsila dunyadiki ikkinchi chong yashan’ghanlar sani köp dölet. Italiyede omumiy nopusning 23 pirsenti 65 yashtin yuqiri yaponiyide bolsa 28 pirsent. Junggoda bu nisbet aran% 13.

Netijide , italiyediki nurghun kishiler covid-19 ning hujumigha asan uchraydu, italiyede qaza qilghanlarning otturiche yéshi 79.5 yash. Deslepki tetqiqatta körsitilishiche, qaza qilghanlarning 99 pirsentide qoshumche egeshme késellikler bolghan. Yuqarqidek ehwallar yuqumlan’ghuchilarning köpünchisining doxturxanida yétip dawalinishi yaki ölüshige seweb bolushi mumkin.

Simliq zhurnal mundaq dep yazidu: yashan’ghanlarni choqum yuqumlinidu we yaki ölüp kitidu dep qarash xata, peqet waqtida tedbir almighanliqtin yashan’ghanilar köplep ülüp kitiwatidu. Yaponiye aldin bayqap, ünümlük tedbir qollan’ghanliqi üchün ülüsh nispiti töwen boldi.

Emma italiye mesiliside yene bashqa sewebler bolishi mumkin.

3-Seweb: yashlar bilen chonglarning quyuq alaqide bolishi.

Italiyediki yéshi chonglarning köplep ülüp kitishide yashan’ghanlar bilen yashlarning bir biri bilen qoyuq munasiwette bolushi, yeni yéshi chonglar yashlardin köplep yuqturwalghan bolushi mumkin. Oksford unwérsititi léwérxulmé nopus ilmi merkizi we noffild inistitutidiki bir guruppa tetqiqatchilar yéngi maqalide mundaq dep körsetti: yashan’ghanlarning köplep ülüp kitishining yene bir sewebi yashlar we yashan’ghanlar ijtima’iy alaqide qoyuq arlashqanliqidin.

Tetqiqatchilar OSF tetqiqat supisidiki maqaliside mundaq dep yazidu. Italiye a’ile alaqisi qoyuq bir dölet bolup, gerche bir a’ilide bir qanche ewlad bille turmisimu, emma kündilik turmushida ata-anilar bilen qoramigha toshqan ewladlar da’im digüdek uchriship turidu.

Yene bir tereptin, köpligen sheherde ishleydighan yashlarning ata-anisi we bowa-momisi sheherge yéqin kentlerde yashaydu, yashlar da’im sheher sirtidiki uruq tuqqanlirini yoqlaydu. shuning bilen sheher sirtidiki yashan’ghanlarningmu wirustin yuqumlinish ehwali körilidu.

Tetqiqatchilar mundaq dep körsetti: italiyege oxshash yashlar bilen yashan’ghanlar otturisida qoyuq ijtima’iy munasiwiti bar bashqa döletlermu küchlük aldini élish tedbirlirini qollinip, saqliqni saqlash sistémisining yükni éghirlitidighan halqiliq ehwallarning bosughisidin yiraq turushi kérek.

4-Seweb: bir rayondin yene bir rayun’gha yötkilish

Proféssor délla giyusta ITV gha mundaq dédi: gerche da’iriler shimaldiki mektep we ish orunlirini taqash arqiliq yuqumning aldini élish tedbirlini yolgha qoyghan bolsimu, emma shimaldiki kishiler memliketning her yerini aylinip yürdi. We döletning bashqa jayliridiki dem élish öylirige bardi. Bu xil ehwal yuqumning pütün memliketke yamrap kitishige seweb boldi.

Mana bu norwigiye hüküm’itining norwig xelqini yazliq aram öylerge qéchishni cheklishining muhim seweblirining biri.

Italiyede bezi kishiler yéqinqi bir nechche hepte ichide oxshimighan rayonlarda sayahet qilishni dawamlashturdi, jümlidin shimaldin jenubqa. Jenubtiki pugliya rayonida, yeni italiyening «pashnisi» da, yuqumlan’ghuchilarning köpünchisi shimaldiki uniwérsitétlar taqalghandin kéyin jenubtiki öyige qaytip kelgen oqughuchilarning a’ile ezaliri ikenliki körüldi. Italiyening «jumhuriyet géziti» ning xewirige qarighanda, peqet aldinqi hepte axirida, pugliyadiki poyiz istansilirida tekshürülgenlerning % 15 i qizitma bilen tizimgha élin’ghan.

Emma, junggoda yuqumlinish peyda bolghan wuxen shehiri taqiwétilip kirish – chiqish pütünley cheklen’gen.

5-Seweb: sehiye xeter chembiriki

Yuqumlan’ghanlar qanche köp bolsa, uning jem’iyetke tesiri shunche köp bolidu, bolupmu sehiye ishlirigha tesiri küchlük bolidu. Chünki yuqumlan’ghuchilar karantin qilinishi yaki ayriwétilishi kérek. Shunga, hazir italiyede körülgendek, sehiye, saqliqni saqlash orunlirining yüki hessilep éship kitidu.

NBC xewerlirige qarighanda , bérgamodiki papa gi’owanni XXIII doxturxanisining bir bölüm mudiri lorénzo dantiga mundaq dédi: «belkim bu yerde% 20 tin% 30 giche saghlamliq xizmetchiliri yuqumlan’ghan bolushi mumkin.

Yuqumlan’ghuchilar sani köpeygensiri sehiye sistémisigha éghir tesir körsitip, dawalash apratlirining yükini ashurup xeter chembiriki peyda qilidu.

Bixtash terjimisi

Legg igjen en kommentar