« ئانا تىل دەرىسخانىسى»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق ۋەتەنداشلار!

بۈگۈندىن باشلاپ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتى ئۆزىنىڭ توربېتى ۋە سوتسىيال بەتلىرىدە گۈلنار خانىم بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزى بارلىق ئۆسمۈرلەرگە ئاتاپ تۈزگەن « ئانا تىل دەرىسخانىسى» دەرسلىكلىرى ۋە ماقالىلىرىنى قەرەللىك ھالدا كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمىز. شۇنداقلا گۈلنار خانىمنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداش يولىدا قوشقان تۆھپىسىگە چوڭقۇر تەشەككۈرۈمىزنى بىلدۈرىمىز!

تۆۋەندە بالىلارنىڭ تىلىنى چىقىرىش، جانلاندۇرۇش ۋە تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت مەزمۇننى دىققىتىڭلاغا سۇندۇق.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئانا تىل دەرىسخانىسى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلدى. لېكىن نىمە ئۈچۈن ساۋات چىقىرىش دەرىسىدىن بۇرۇن بالىلارنىڭ تىلىنى چىقىرىش ۋە جانلاندۇرۇش ۋە تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ؟ بۈگۈن مۇشۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشايلى.
0 ياشتىن مەكتەپ يېشىغىچە بالىلارنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە بالىلارغا ياردەمچى بولۇش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى دەسلەپكى يىللار ئائىلە مائارىپىمىزنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولۇشى كېرەك.چۈنكى بالىنىڭ تىلىنىڭ تەرەققىياتى بالىنىڭ شۇ رېئال يېشىدىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجدىمائى ئالاقە ۋە ئۈگىنىش پائالىيىتى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىمدۇر. تىلىنىڭ قانچىلىك چىقىشى بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى چوڭلار ۋە ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا بەلگىلەيدۇ. يەنى بالىنىڭ مەقسەتلىرىنى، ئىستەكلىرىنى ئىپادىلىشى، ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر ئىشنى بايان قىلىشى، بىرەر ئىش ھەققىدە پاراڭلىشىشى دىگەندەك تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىق بولۇش بولماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىككى ئەللەي ياكى بىر ياشلاردىكى بالىنى بىر يەرگە قويۇپ ئويناتسىڭىز ئۇلارنىڭ بىللە مەلۇم بىر ئويۇنچۇقنى ئوينىشى ياكى ئويۇنغا بىللە مەشغۇل بولىشى تىلسىزمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. لېكىن بالىلارنىڭ تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تىل تەدرىجىي ھالدا ئۇلارنىڭ ئالاقە ۋە ئويۇن پائالىيىتىدە مۇھىم رول ئويناشقا باشلايدۇ. ئۈچ، تۆت ياشلىرىدا تىلى رەسمى چىقىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە تىل بالىلارنىڭ شۇ يېشىدىكى بىلىش ۋە ئۈگىنىش پائالىيىتىگە، ئىجدىمائىي ئالاقىسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسلەن: تىلى تولۇق چىقىپ بولالمىغان ياكى تەڭتۇشلىرىدەك گەپ قىلالمايدىغان بىر بالا ئاسانلا ئويۇننىڭ سىرتىدا قىلىپ قالىدۇ ۋە ياكى باشقىلار بىلەن مەقسەتلىرىنى ئۇقتۇرۇپ پاراڭلىشالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىچى سىقىلىدۇ، ئۆزىنى يالغۇز، قارشى ئېلىنمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن كۆرۈپ ھېس قىلغىنىمىز شۇكى بالىنىڭ تىلىنىڭ ياخشى چىقماسلىقى، كېچىكىپ چىقىشى بالىنىڭ كەيپىياتىغا، پىسخىكىسىغا بەزى سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بالىنىڭ غەمكىن، جۈرئەتسىز، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ كۆرىمىز.
بىزنىڭ بالىلىرىمىز قوش تىللىق بىر مۇھىتتا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولىۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار بالدۇر بولغاندا بىر يېشىدا، كېچىككەندىمۇ 3، 4 يېشىدىن باشلاپلا ئائىلىدىكى ئانا تىل مۇھىتىدىن چىقىپ يەسلىدىكى قوش تىللىق ئۈگىنىشىنى باشلايدۇ. ئانا تىلىدىكى ھازىرلىقىنىڭ ياخشى بولىشى بالىنىڭ ئىككىنجى بىر تىلنى ياخشى ئۈگىنىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بىز ئىلمى ئاساسلىرى بىلەن بىلدۇق، چۈشەندۇق. ئەمدىكى مۇھىم مەسىلە بالىنىڭ ئانا تىلىنى ئۈگىنىشىگە دەسلەپتە، تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز، بالىنىڭ تىلىنىڭ تازا ياخشى چىقمىغىنى 3 ياشتىن ئاشقاندىن باشلاپ ئايدىڭ بولىدۇ. بالىنى ئانا تىل مۇھىتىدا جىقراق تۇرغۇزىمىز دەپ بالىلارنى ئەگەر 3، 4 يېشىدا يەسلىگە بەردۇقمۇ دەيلى. مۇشۇ ياشلىرىدا تىلدا باشقا بالىلاردەك بولىشى ئۈچۈن بالىمۇ، سىزمۇ تازا كۈچەۋاتقان ۋاقىتتا بالىنىڭ يەنە بىر يېڭى تىل مۇھىتىغا كىرىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالىدۇ. يەنى يەسلى باشلىنىدۇ. مېنىڭچە بالىلارنى ئەگەر 3، 4 يېشىدا يەسلىگە بەرسەك، شۇ يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئانا تىلىنى ياخشى چىقىرىۋالساق بۇ بالىنىڭ يەسلى تىلىنى ئاسانراق ئۈگىنىشى ئۈچۈن بىر ئاسانلىق يارىتىدۇ. چۈنكى بىرىنجى تىلنى باشتا ياخشى ئۈگىنەلمەي، كېيىن ئۈگىنىش پائالىيىتى ئەمدى جانلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئىككىنجى تىلنىڭ مۇھىتىغا كىرسە، بۇ ئىككى تىلنى ئۈگىنىش پائالىيىتى بالىدىن كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ.
بىز بالىلار تىلنى چوڭلارغا قارىغاندا تېز، ئاسان ئۈگىنىدۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلايمىز. بۇ بالىلار تىلنى قوللانغاندا بىزدەك رامكىلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالماي، خالىغانچە دىيەلىسە، دىيەلمىسە ئەركىن پاراڭ قىلىپ ئۈگىنىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. لېكىن بۇ دىگەنلىك بالىلارنىڭ تىل ئۈگىنىشى ئاسان دىگەنلىك ئەمەس. بالىلارمۇ نۇرغۇن قېيىنچىلىقلار بىلەن ئۈگىنىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممە بالىلار ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر تېزراق، بەزىلەر ئاستىراق ئۈگىنىشى مۇمكىن. يەسلىنى بىر يېشىدىلا باشلىغان بالىلارنىڭ تىل ئۈگىنىشى ئىككىلا تىلدا پاراللىل ماڭىدۇ. بالىلار يەسلىنى قانچە يېشىدا باشلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلارنىڭ ئانا تىل مۇھىتى بەك تار. تېشىدىكى چوڭ تىل بىر چوڭ دېڭىزدەك ئانا تىلنى يۇتىۋىتىمەن دەپ خىرىس قىلىپ تۇرىدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچى بالا ئەللەي ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ ۋە كىيىنكى ياشلىرىدا ئانا تىلنىڭ مۇستەھكەم ئۇلىنى قۇرمىغاندا، پەيتى ئۆتۈپ كېتىپ قالسا، كىيىن بالىمۇ، ئاتا- ئانىمۇ بەك قېينىلىدۇ. ( ئاتا- ئانىلار قانداق قىلىمىز دېگەن مەزمۇنلار كېيىنكى بۆلەكلەردە ھەر بىر ياش باسقۇچى بويىچە ئايرىم يوللىنىدۇ)
تىلىمىز بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇشنىڭ ۋاستىسى. بۇ تىل ئۇلارنى ئاتا- ئانىلىرى بىلەن، مىللىتى بىلەن، مەدەنىيىتى بىلەن باغلايدىغان باغ. تىلنى يوقىتىپ قويساق، ئارىمىزدىكى بۇ باغمۇ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ… بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئانچە بىلىنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار دائىم يېنىمىزدا، بىزگە تايىنىدۇ، بىزگە باغلانغان. بالىلار سەل چوڭ بولغاندا، تاشقى دۇنيادا بارغانسىرى مۇستەقىل بولۇشقا باشلىغاندا، ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان، كىملىكىنى مەنىسىدىن چۈشەنمىگەن بالا تىلنى ياخشى سۆزلىيەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئالاقە راۋان بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆز مەدەنىيىتى ئىچىگە كىرگەندە قورۇنىدۇ. ئۆزىنى ئازادە ھىس قىلالمايدۇ. تېشىدىكى ئۆزى ياخشى بىلىدىغان شۇ تىل، شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان دوستلىرى، شۇ تىل بىلەن بولىدىغان پائالىيەتلەر، شۇ تىل بىلەن باغلانغان مەدەنىيەت بالىنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىدۇ. توغرا، بالا تاشقى دۇنيادىمۇ ياشىشى كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى. لېكىن شۇ چوڭ دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائى توپنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلالماسلىقى بۇ دىققەتنى چېكىشى كېرەك. بۇ بىر ئەۋلاتنىڭ ئۆزلىكىنى يوقىتىشىغا، مىللى كىملىكىنى يوقىتىشىغا قاراپ ئېلىنغان قەدەمدۇر. مەن دائىم ئۆزۈمگە مۇنداق دەيمەن: مەن 1- ئەۋلات. مەن بالامنى قانچىلىك ئۇيغۇر قىلالىسام، ئۇ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنى شۇنچە ئۇيغۇر قىلالايدۇ. شۇڭا بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇقەددەس بىر خىزمىتىمىز بار. يەنى بالىلارغا ئانا تىلنى ئۈگىتىش ۋە كىملىكىنى تونۇتۇش. بىزنىڭ تەربىيلەۋاتقىنىمىز ئالدىمىزدىكى بالىمىز يەنى مۇشۇ بىرلا ئەۋلات ئەمەس، ئۇندىن كېيىنكى نەچچە ئەۋلاتنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنىڭ ئۇلىنى سېلىۋاتىمىز.
خوش… بۈگۈن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تىل ئۈگىنىش شارائىتى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. گەرچە بالىلار ھەممە دەۋىردە بۇرۇنقى بىز ياكى ھازىرقى بالىلار، ئەللەي ۋاقتىدا، بىر ئىككى ياش ۋاقىتلىرىدا ئەڭ كۆپ ۋاقىتلىرى ئاتا- ئانىسى بىلەن ئۆتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كىيىنكى ياشلىرىدىمۇ بالىلىرىمىزنىڭ تىل مۇھىتى بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا تىلنى تەبىئى بىر يوسۇندا ئۈگەنگەن مۇھىتقا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ.
بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەپ باقايلى. بىز كىچىك چاغلاردا مەھەللىلەردە توپ، توپ بولۇپ ئاجايىپ كۆڭۈللۈك ئوينايىتتۇق. ئويۇنلار ئەتىگىنى باشلانسا، كۈن پېتىپ، پادا قايىتقاندا ئاران تۈگەيىتتتى. زوق- شۇق بىلەن چۇۋۇلدىشىپ سۆزلەپ، تەبىئەتنىڭ قوينىدا يەتكۈچە يايراپ ئويناپ، تىلىمىز ئاجايىپ جانلىق چىقاتتى. مەكتەپتە ئۇيغۇرچە ئوقۇيتتۇق. بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل مۇھىتى ئاساسەن ئۆيدە، تېشىغا چىقسىمۇ ئاپا دادىسى بىلەن بىللە بولسا ئۇيغۇرچە ئاڭلايدۇ، سۆزلەيدۇ. دادا، ئاپىسى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇپ ئەڭ كۆپ بىللە ئوينىيالايدىغان دوستلىرى. بالىلارنىڭ تەبىئەتنىڭ قوينىدا بىللە ئويناپ تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان جىق ئۇيغۇر دوستلىرى بولمىغاندىن سىرىت، تىل تەرەققىياتىغا ناھايىتى زىيانلىق بولغان ئېكرانلارغا باغلىنىشى ئېغىر. ھەر ئۆيدە 24 سائەت رەڭدار قونچاقلار چىقىدىغان تېلىۋىزور تەييار. نۇرغۇن ئۆيلەردە تېلىۋىزور بالا باققۇچى. يەنى بىز بالىلارنى تېلىۋىزورغا، تېلىفۇنغا، ئايپەدلەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ غەلۋە قىلمىغىنىدىن، بىزگە ئېسىلىۋالمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆي ئىشى قىلىمىز، تاماق ئېتىمىز. تېخى ئۇلار بىلەن تەڭ ئېكرانغا باغلىنىپ، تېلىفۇن ئوينايمىز. ئەلۋەتتە بالىلار تېلىۋىزور كۆرسە بولىدۇ. لېكىن نىمە كۆرۈش، قانچىلىك كۆرۈشكە چەكلىمە قويۇلىشى كېرەك. بالىلار تېلىۋىزور كۆرگەندە ئاڭلاش، تىلنىڭ ئاھاڭدارلىقى، مىلودىيەسى، تەلەپپۇز قىلىنىشى دىگەن جەھەتلەردە بالىلار تىل ئۈگىنىدۇ دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، لېكىن تېلىۋىزور كۆرۈۋاتقان بالىلارنىڭ سۆزلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئاڭلاپ چۈشىنىشكىلا ئېھتىياجى بار. بۇ بىر يەككە يۆلىنىشلىك ئالاقە پائالىيىتى. لېكىن سۇ ئۈزۈشنى ئۈگەنمەكچى بولغان ئادەم سۇنى ئۈزمەي تۇرۇپ ئۈگىنەلمىگەندەك، دەرەخكە يامىشىشنى ئۈگەنمەكچى بولغان بالا دەرەخكە چىقىپ، ياماشماي تۇرۇپ ئۈگىنەلمىگەندەك، تىلنىمۇ بالىلار سۆزلىمەي تۇرۇپ ياخشى ئۈگىنەلمەيدۇ. تېلىۋىزوردا، ئېكرانلاردا نەق سۆزلەشتىن ئېبارەت مۇشۇ تەلەپ قويۇلمايدۇ، بۇ ئېھتىياج تۇغۇلمايدۇ. شۇڭا ئېكرانلار بالىلارنىڭ تىلىغا زىيانلىق دېگىنىمىز شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار تېلىۋىزورنى ئانا تىلدىن بەكرەك، تېشىدىكى تىلدا كۆرىدۇ.
بىز كۆپىنچە ھاللاردا بالىلارنىڭ تىلىنىڭ چىقىشىنى بىر تەبىئىي جەريان سۈپىتىدە باشتىن كەچۈرىمىز. بالىلار سەككىز، توققۇز ئايلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ ئەڭ دەسلەپكى سۆزلىرىنى دىيىشكە باشلاپ، تونۇغان نەرسىلەرنى تاۋۇش چىقىرىش ئېقتىدارىنىڭ يېتىشىچە ئاتاشقا باشلايدۇ. بەزى بالىلارنىڭ تىلى 2 ياشتىلا ئالاقە قىلالىغۇدەك چىقىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ تىلى 3 ياش، 4 ياشلاردا ئاندىن چىقىدۇ.
بىز تىلى جانلىق، كىچىككىنە تۇرۇپ ئۇزۇن ئۇزۇن شېئىرلارنى يادلىغان، قوشاقلارنى چاڭ كەلتۈرۈپ ئېيىتقان، چوڭ ئادەمنى كىچىكلىتىپ قويغاندەك كىتابى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ مەنىلىك گەپلەرنى قىلىدىغان، تىلدا ئىپادىلەش ئېقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بالىلارنى كۆرسەك مەسلىكىمىز كېلىدۇ، ھەۋەس قىلىپ قالىمىز. بۇ بالىلار تەبىئىيكى باشقا بالىلاردىن بەك پەرقلىق تۇرغاچقا، بىزگە ھەتتا باشقا بالىلاردىن ئەقىللىق، ئالاھىدە ئېقتىدارلىقتەك تەسىرمۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممە بالىلار تۇغۇلىشىدىن ئەقىللىق. ھەممە بالىدا، ئەگەر بۇ بالا ساغلام تۇغۇلغان بىر بوۋاق بولسا، بىرەر ئېقتىدارى تۇغما باشقا بالىلاردىن سەل ئارقىدا تۇرىدىغان ئالامەتلەر بولمىسا، ھەممە بالىلاردا تۇغۇلىشىدىن مۇشۇنداق تىلنى جانلىق ئۈگىنەلەيدىغان ئېقتىدار ھازىرلانغان بولىدۇ. ئەمىسە نىمە ئۈچۈن بۇنداق پەرقلەر بولىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بەزى بالىلارنىڭ تىلى بالدۇر، جانلىق چىقىدۇ؟ بەزى بالىلارنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقىدۇ؟
بالىلارنىڭ دەسلەپكى يىللاردا يېتىلىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان نۇرغۇن ئېقتىدارلىرىغا ئوخشاشلا تىل چىقىشمۇ نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەنى ئىللىق بىر ئائىلە مۇھىتى، ئېناق ئاتا- ئانا، ساغلام، خوشاللىققا تولغان بېقىلىش، ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ بالىغا قانچىلىك قەدىرلىنىش تۇيغۇسى بىرەلىشى، بالىنىڭ ئاتا- ئانا بىلەن باغلىنىشى، مۇناسىۋىتى، ئاتا- ئانا بالىغا قانچىلىك ۋاقىت ئاجرىتىدۇ، بىللە بولغاندا بۇ ۋاقىت قانچىلىك سۈپەتلىك بىللە بولىدۇ، قانچىلىك بىللە ئوينايدۇ، كىتاپ ئوقۇمدۇ دىگەندەك، ئۇنىڭدىن باشقا بالىنىڭ مىجەز خارەكتىرى، روھى ساغلاملىقى قاتارلىق ئامىللار. ئەمەلىيەتتە بىر بالىنىڭ ھاياتىدا مۇشۇنداق شارائىتلار بولسا بۇ بالىنىڭ تىلىنىڭ چىقىشىنىڭ ئاساسىي شارائىتلىرى ھازىرلانغان بولىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق ئاساسەن ئوخشاش شارائىتتا چوڭ بولغان ئەھۋالدىمۇ نىمە ئۈچۈن تىل تەرەققىياتىدا پەرقلەر بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى بىز تولىمۇ سەل قاراۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، يەنى بالىنىڭ تىلىنى بىز ئەللەي ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ توغرا ۋە ئىلمى ئۇسۇلدا جانلاندۇرالىدۇقمۇ يوق؟
تىلى چىقمىغان بالىلارنى دوختۇرغا، ئالاھىدە پىداگوگلارغا، پىسخىلوگلارغا ئاپارسىڭىز سورىلىدىغان بىرىنجى سوئال : بالا ئەللەي ۋاقىتلىرىدا گۇڭرامتى؟ بۇ بالىنىڭ تىل ئۈگىنىش ئېقتىدارى ۋە بىر تىلنى ئۈگىنىش پائالىيىتى ئەللەي ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا مەۋجۈت ھەم شۇ چاغلاردىن باشلاپلا تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ دىگەن نەزىرىيەنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بىر ئاددى مىسال. يەنى بالىنىڭ شۇ چاغلاردا ئەھۋالى قانداقتى دەپ ئىزدىنىشنى باشلايدۇ كەسپ ئەھلىلىرى. لېكىن مەن ئۆزىمىزدىن سوراپ باقسام بىزنىڭ ئارىمىزدا قانچىمىز بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، ياكى بوۋىقىمىز تۇغۇلغان چاغدا ئەللەيلەرنىڭ تىلغا مۇناسىۋەتلىك ئۈگىنىشى قانداق بولىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ باقىمىز؟ شەخسەن مەن چوڭ ئوغلۇمدا بۇ مەسىلىلەرنى ئويلاپ باقمىغان. كۆپىنچىمىز بۇ چاغدا بوۋاقنى ساغلام بېقىش، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، چاقىرساق ئىنكاس قايتۇرىۋاتامدۇ يوق، جىسمانىي جەھەتتە ھەر ئايلاردىكى تەرەققىياتى قانداق بولىۋاتىدۇ دىگەنلەرنى ئويلايمىز ھەم دىققىتىمىزنى بېرىمىز. كۆپىنچىمىز دەرھاللا يۈز بەرمەيدىغان تىلدىن يەنى گەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئېقتىدارىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ 0 ئايلىقتىن 12 ئايلىققچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يېتىلىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئويلىمايمىز ياكى بىلمەيمىز ۋە ياكى بىلسەكمۇ مەن قانداق قىلىپ بۇ ئەللەي بالامغا ياردەمچى بولىشىم كېرەك دەپ ئىزدىنىپ كەتمەيمىز. ئەسلىدە مۇشۇ بىر يىل بالىنىڭ تىل ئۈگىنىشى ئېقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشىدا بەكمۇ مۇھىمكەن. ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ بىز بەزىلىرىمىز كىچىك بالىلار بىلەن ئوينىساق زېرىكمەيدىغان، ئۇلار بىلەن بىللە كۆڭۈللۈك ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئانا بولساق بۇنىڭ ئەلۋەتتە بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا بەك پايدىسى بولىدۇ. لېكىن ھەممىمىز ئۇنداق قىلىپمۇ بولالمايمىز. بىز ئالدىراش ئىشلەيمىز، ئۆيگە كېلىپ يەنە ئىشلەيمىز، چارچاپ قالىمىز، بىز بالىلارغا سەۋىرچان بولالماي قالىمىز، كىتاپلارنى ئوقۇپ بېرەلمەيمىز ياكى ئوقۇساقمۇ توغرا ئۇسۇلدا ئەمەس دېگەندەك… بىز ئۇلارغا قانداق گەپ قىلساق، ئۇلار بىلەن قانداق پاراڭلاشساق، ئۇلارنىڭ تىلى جانلىق بولىدىغاندۇ ھە دەپ ناھايىتى ئاز ئويلايمىز. تىلنى تەبىئىي چىقىشىغا قويۇپ بېرىمىز. بۇ ھەقتىكى تونۇشىمىز، بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ ئاز كۆپلىكى، بالىلارنىڭ تىلىغا مەقسەتلىك ھالدا بىر توغرا بولغان ئۇسۇلدا ياردەمچى بولالىدۇقمۇ يوق، ئىنچىكە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بېرەلىدۇقمۇ يوق دىگەن تەرەپلەر دەل بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەن باشقا ئەللەردە ھەممە ئانىلار دېگۈدەك بىلىدىغان نۇرغۇن ساۋاتلارنىڭ بىز ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ كۆپىنچىمىزگە تېخى ناتونۇش ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، بۇ بىلىملەرنى ئۇيغۇر ئانىلىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ تەخىرسىز زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلىمەن. شۇڭا گەرچە كەسىپ ئەھلى بولمىساممۇ بۇ ھەقتە ئۈگەنگەنلىرىمدىن توپلاپ، دەرس قىلىپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئانىلارغا يەتكۈزۈش نىيىتىگە كەلدىم. مەن ئالدىنقى ئىككى قارار دەرىسخانىدىكى ئەللەي بالىسى بار ئانىلارغا، بالىسى تېخى تۇغۇلمىغان ھامىلدار ئانىلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار بۇ دەرسلەردە ئاڭلىغانلىرىنى بالىلىرى ئەللەي ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ قوللىنىپ، بالىلىرىنىڭ تىلىنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن بىزگە قارىغاندا ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ. مەن شەخسەم ئوغۇللىرىم ئەللەي ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە، يەنى بۇ دەرىستە سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيىتتىم. بىزگە ھەم ھېچكىم بۇنداق سۆزلەپ بەرمىگەن. نورۋىگىيەدە بوۋاقلار ۋە بالىلار ساغلاملىقىغا يىتەكچىلىك قىلىپ كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ساغلاملىق پونكىتلىرى بار. مەن ئۆزۈم ئۇچراتقان شۇ يەرنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تەكلىپ بەردىم ھەم بۇ تەكلىپىمنى ئۇلار ناھايىتى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. مەن دېدىم: 0 ئايدىن 12 ئايغىچە ئەللەيلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى يەتكۈزىسىلەر، باللارنى تەكشۈرۈپ، كونترول قىلىپ تۇرىسىلەر. بۇ خىزمىتىڭلارنىڭ بىزنىڭ بالىلارنى ساغلام بېقىشىمىزغا بەك ياردىمى بولىدۇ. لېكىن سىلەر مۇشۇ دەسلەپكى بىر يىلدا ئانىلارغا بوۋاق بالىلارنىڭ تىلنى قانداق ئۈگىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىلىملەرنىمۇ يەتكۈزسەڭلار بەك ياخشى بولىدىكەن. چۈنكى نۇرغۇن چەتئەللىك ئانىلار بۇ ھەقتىكى ساۋاتلارنى بىلمىگەچكە، بالىلىرىنىڭ كېيىنكى تىلى، بولۇپمۇ ئانا تىلى ياخشى چىقمايدۇ. ئۇ چاغدا تىرىشسىمۇ بەزى نۇقتىلاردا سەل كېچىككەن بولۇپ قالىدۇ دېدىم. ئۇلار بىر ياشتىن باشلاپ، بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ، كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن بوۋاق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ ئاتا ئانىنىڭ بالىغا قانداق ياردەمچى بولالايدىغانلىقىنى دەپ، ئۈگەتسە ئەسلىدە بەك ياخشى بولىدۇ. ئاندىن ئۆزلىرى كېيىن ئاسانلا بالىلارغا تىلى كېچىكىپ چىققان دەپ دىئاگنوز قويىدۇ. مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى ھەتتا بەزىلىرى قوش تىللىق بالىلارنىڭ بىر تىللىق بالىلارغا قارىغاندا شارائىتىنىڭ ۋە ئېھتىياجىنىڭ ئالاھىدە بولىدىغانلىقىغا، بۇلار ئىككى تىل ئۈگىنىدىغانلىقى ئۈچۈن باشقا بالىلارغا قارىغاندا دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇزۇنراق ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقى دىگەندەك بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئىشلارغا قارىتا چۈشەنچىسى بەك تېيىز ۋە كەمچىل. مەن بۇ ھەقتە بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەك كۆپ سۆھبەتلەشتىم ۋە ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.
كېلەركى قېتىملاردا 0 ياشلىق بالىلاردىن باشلاپ، بىز بالىلارغا قانداق ياردەمچى بولىمىز دىگەن تىمىدا مەزمۇنلارنى يوللىنىدۇ.
ئاخىرىدا قوشۇپ قويىدىغىنىم: مەن ئالدىنقى قارارلىق دەرىسخانىلاردا مۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كەلدىم. بەزى ئانىلار مۇنداق ھىسسياتتا بولغان. يەنى مەن بالامنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلىرىدا توغرا قىلماپتىكەنمەن دەپ كۆڭلى بەك يېرىم بولغان ئانىلار ماڭا،سىز ھەجەپ ياخشى قىپسىز. دەپ ئايرىم گەپ قىلغان ئانىلار بولغان. بۇنى ھەم دەپ قوياي. بۇ مەزمۇنلارنى سىلەرگە يەتكۈزىۋاتقىنىم ھەرگىزمۇ بۇ ئىشلاردا مېنىڭ ھەممىنى گۈل كەلتۈرۈپ، مۇشۇ دەرستە بايان قىلىۋاتقاندەك قىلىۋەتكىنىمنى بىلدۈرمەيدۇ. مەنمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى كېچىكىپ ھېس قىلغان. دەل شۇ سەۋەپتىن ئۈگەنگەن، ئىزدەنگەن. سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغانلىرىمنىڭ بەزى بىرلىرىنى مەن ئۆزۈممۇ قىلىپ كىتەلمىگەن. لېكىن ئىزدىنىشلەر جەريانىدا ئېرىشكەنلىرىمنى، ھەر خىل مەنبەلەردىن ئۈگىنىپ توپلىغانلىرىمنى ۋە ئۆزۈم يەكۈنلىگەن تەجىربىلىرىمنى ئىسراپ قىلىۋەتكۈم كەلمىگەچكە، رەتلەپ ئۇيغۇر ئاپىلارغا يەتكۈزەي دەپ ئويلىدىم. شۇڭا ئۆزۈمنى مۇئەللىم دەپ ئەمەس، بىر تەجىربە تونۇشتۇرغۇچى دەپ تونۇشتۇرۇپ كەلدىم.
بۈگۈنكى بالىلرىمىزنىڭ شارائىتى باشقىچە، ئېھتىياجلىرىمۇ ھەم شۇنداق. ئاتا ئانىلارنىڭ قىلىدىغان مۇھىم خىزمەتلىرى بار. بىزگە بۇرۇندىن پەرزەنت تەربىيەسى دىگەن ئۇقۇم ناتونۇش بولمىسىمۇ، لېكىن دەسلەپكى يىللار ئائىلە مائارىپى دىگەن ئۇقۇمنى بىز بەك تار دائىرىدە چۈشىنىپ كەلگەن. ئەمدىلەتىن بىز بۇنى دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزىمىزدە ئەسلىدە بولغان ئېسىل ئەنئەنىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۈگىنىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە دەرىسخانىلار ئېچىلدى. بىزگە ھازىر بۇ ئۇقۇملار ئانچە ناتونۇش بولمىسىمۇ ، ئۈگىنىش سەپىرىمىز ئەمدى باشلاندى دەپ ئويلايمەن. بالىلىرىمىز باشقا بىر دەۋىردە ياشايدۇ، بىز ياشىغان دەۋىردىن تەرەققىي قىلغان بىر يېڭى دەۋىردە. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۇلار شۇ دەۋىرنى يارىتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى تەربىيە خىزمىتىدىمۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر يېڭىلىقلار بولىدۇ. شۇڭا بىز ھەممىمىز ئۈگەنگۈچىلەر، ئىزدەنگۈچىلەر. ياپۇنىيەلىك بىر پىداگوگنىڭ مۇنداقراق بىر سۆزىنى ئوقۇغۇنۇم يادىمدا بار.
ھەر بىر ئاتا- ئانا بالىسى تۇغۇلغان ئاشۇ پەيىتتە خۇددى بىر بوۋاق بالىغا ئوخشايدۇ، ئاندىن شۇ بالا بىلەن بىللە چوڭ بولىدۇ. يەنى شۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانى ھەم بىر ئۈگىنىش جەريانىدۇر.
شۇڭا ئانىلار بايامقىدەك تۇيغۇلاردا بولۇپ قالساق، كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزگە مەن ھېلىھەم ئۈلگۈرىمەن دەيلى.

كېلەركى مەزمۇن يوللانغىچە ھەممەيلەن ئامان بولايلى

Legg igjen en kommentar