ئوسلو خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
5-فېۋرال كۈنى «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22-يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
مەركىزى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە بولغان «مىللىي گۆرۈش»، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2-فېۋرالدىن باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا، جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش تەشكىللىدى. بۈگۈن «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتىنىڭ ئوسلو شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەمەت تەمەل ئەپەندى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.
«مىللىي گۆرۈش»، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتىنىڭ ئوسلو شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەمەت تەمەل ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ ئوسلو شۆبىسى ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ تۇرۇپتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە نامايىش قىلىۋاتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاينىڭ بېسىمى 40-50 يىلدىن بۇيان داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىتى ۋە دىنى خىتايغا ئوخشىمىغاچقا ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماقتا. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي زۇلۇمى چىدىغۇسىز ھالغا كەلدى. بىز خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۈگۈن نامايىش قىلىۋاتىمىز».
5-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېدون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى پاتىگۈل غوپۇر خانىم ھاۋانىڭ ناھايىتى سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، كۆپ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.
RFA/Erkin Tarim
