ئازادلىقىمىز ئۈچۈن ئاتلىنايلى

ئازادلىقىمىز ئۈچۈن ئاتلىنايلى
نامايىش نۇتقى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار: بۈگۈن بىز يەنى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، نورۋېگىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى،
مۇستەقىللىق تەلەپلىرىمىزنى دۇنياغا جاكارلاۋاتىمىز! ھەممىمىزگە ئايانكى، ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك, خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى قانۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، غالجىرلارچە ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، دىنى ئېتىقادىغا، مىللىي كىملىكىگە، غۇرۇرىغا تاجاۋۇز قىلماقتا. مەسىلەن:
1. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى چەكلەندى. ساياھەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىققانلار تەھدىت بىلەن قايتۇرۇپ كېلىنمەكتە. بۇ يىل 2017-يىلى 2-ئىيۇلدىكى مىسىردا بولغان ۋەقە بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى. ئۇندىن باشقا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، نوپۇس تەكشۈرۈش، تۇغقانلىرىنى تىزىمغا ئېلىش نامى بىلەن تېلېفون ئۇرۇپ ياكى ئۇچۇر يوللاپ تەھدىت سالماقتا!
2. قانۇنسىز يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى قىلماقتا! ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا، “كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى”، “قايتا تەربىيىلەش بازىسى”، “رادىكاللىقنى يوقىتىش مەركىزى” دېگەن ناملاردا غەيرىي رەسمىي تۈرمىلەرنى قۇرۇپ، مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى قانۇننىڭ ھېچ بىر ماددىسى بىلەن ھۆكۈم چىقارماي، تۇتۇپ تۇرماقتا!
3. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىماقتا! ئىسلامى كىيىملەر، سۆزلەر، ئاتالغۇلار چەكلەنمەكتە، ھەتتا ئىسلامى ئىسىم قويۇشمۇ، تويدا نىكاھ ئوقۇشمۇ چەكلىنىپ، غورۇرىمىزغا قاتتىق تاجاۋۇز قىلماقتا!
4. ئانا تىلىمىزنى يەنى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن ھەتتاكى مەكتەپ قورۇلىرى ئىچىدىمۇ چەكلىمەكتە! خىتاي ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا: ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى قوللىنىش ئەركىنلىكى بار دەپ جار سالغان بولسىمۇ، بۇ قانۇنلىرى ھازىر قۇرۇق قەغەز، خالاس!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ھازىر بىز يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دېگەن ھەل قىلغۇچ بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، زۇلۇمنىڭ قاتمۇ -قات ئېشىپ بېرىشى، بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تېخىمۇ تاۋلاپ چىڭىتقۇسى! شەرقىي تۈركىستان ھازىر بىزدىن قان كېچىپ كۈرەش قىلىشنى، ئۇلۇغ مەقسەتلەر ئۈچۈن بىرلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا! تۈرمىلەردىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ياش ئوغۇل-قىزلىرىمىز بىزنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ! ئىنشائاللا، بۇ كۈنلەرگە ئاز قالدى قېرىنداشلار!
تارىخقا نەزەر سالساق، ھېچبىر دىكتاتور، قانخور ھاكىمىيەت رەزىل سىياسەت ۋە يالغانچىلىق بىلەن تارىخ سەھنىسىدە ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرەلمىگەن. خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئەمدى 68 يىل بولۇشىغا، چىرىكلىك، ھوقۇق تالىشىپ قان تۆكۈش، ئىقتىسادى يالغانچىلىق پاتقاقلىرىغا پېتىپ، جان تالاشماقتا، بۇ بىزنىڭ تارىخ يارىتىدىغان پۇرسىتىمىزدۇر!
قېرىنداشلار، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن باتۇر، ئەقىللىق، جەسۇر ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن تارتىپ ھازىرقى زاماندىكى ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىمىزغىچە ھېچ بىر زامان قەھرىمانسىز ئەمەستۇر! شەرقىي تۈركىستان ئوغۇل-قىزلىرى ھېچقاچان بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدۇ ۋە ھەر زامان تەييار تۇرماقتا!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بۈگۈنكى مۇشۇ نامايىشقا قاتناشقان قېرىنداشلارغا رەھمەت! ئاللا سىلەرگە ئىككى دۇنيالىق ئەجىر -ساۋابلارنى بەرسۇن، ھەممىمىزنى پات ئارىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مەيدىمىزنى كېرىپ، مۇستەقىللىق تەنتەنىسى قىلغان سورۇنلاردا كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!
2017-يىلى 1-ئۆكتەبىر ئوسلو
سالى ئوغلى
