د ئۇ ق ئاخباراتى : بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31 – يىللىقىنى خاتىرلەيمىز !

بۇيىل 5 – ئاپرىل بولسا يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى ھىساپلانغان بارىن ! ئىنقىلابىنىڭ 31 – يىللىق خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت

بۈگۈنگە قەدەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىز، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ھەم ئاۋام خەلقىمىز ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە نامايىش ۋە باشقا شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدىن دۇنياغا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇيىل يەنە بارىن ئىنقىلابىنى كوللىكتىپ ھالدا خاتىرىلەشتىن مەھرۇم قالدۇق، بۇخىل تىراگىدىيە ھەممىمىزنىڭ يۈرۈكىنى چوڭقۇر ئازاپلايدۇ.

كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۆيلىرىمىزگە قاپسىلىپ قالغان بولساقمۇ، ئەلۋەتتىكى بارىن شەھىدلىرىمىزنى ھەممىمىز قەلبىمىزدە خاتىرىلەيمىز ۋە ئەزىز شەھىدلىرىمىزنىڭ روھى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە كەڭ ئاۋام خەلقىمىزنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ شارائىتى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31 – يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بارىن قەھرىمانلىرىمىزغا بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قايتا نامايەن قىلىشقا چاقىرىمىز !

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز، خىتاي كوممونىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئېغىر زۇلمى، سىياسى بەسىمى، ئىرقىي كەمسىتىشى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى يوقۇتۇش سىياسىتىگە قارشىي قوزغۇلۇپ، كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجداتلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تېز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايەن قىلغان ئىدى.

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 31 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئىسسىق قانلىرنى پىدا قىلغان زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى پۈتۈن شەھىدلىرىمىزنى ئەسلەيمىز.

مىللىتىمىزنىڭ شەرىپىنى قوغداش يولىدا كۇرەش قىلغان، خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە جازا لاگىرلىرىدا زۇلۇم چىكىۋاتقان، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە سېلىنىۋاتقان، ئامما مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمىغا ئەسلا باش ئەگمىگەن قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىزغا ئاللاھدىن غەيرەت ۋە سەبىر تىلەيمىز.

بارىن ئىنقىلابى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ فاشىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شانلىق بىر ئىنقىلاپ ئىدى. شۇندىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ سۇنمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.

بىز ھەر يىلى بۇ شانلىق ئىنقىلابىمىزنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇ – ئارمانى يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان شەھىدلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزغا ئىھتىرام بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغان مىڭلىغان ئاتا – ئانىلار ۋە نارىسىدە بالىلارغا جانابى ئاللاھتىن ئۇ دۇنيالىق رەھمەت تىلەيمىز. خىتاي زىندانلىرىدا ۋە جازا لاگىرلىرىدا ھېلىمۇ ئەزىيەت چېكىۋاتقان پىداكار ئەزىمەتلەرگە ئەرك تىلەيمىز.

بارىن ئىنقىلابى، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرۈشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ شانلىق كۈرەش داستانىنى ئەبەدىيەن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئەتىدۇ ۋە زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئەزىز شەھىدلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىدۇ!

ھۆرمەت بىلەن :
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2021-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى

Legg igjen en kommentar