«بېسىم ۋە كونترول» ناملىق دوكلاتتىكى تەھدىتكە ئۇچرىغۇچى خەلقلەر قاتارىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇن ئالدى

نورۋېگىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەھدىتكە ئۇچرىغۇچى خەلقلەر توغرىسىدا ھازىرلىغان دوكلاتتا ئۇيغۇرلار مۇھىم تېما قىلىنغان.

يېقىندا نورۋېگىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ «پروبا ئىجتىمائىي ئانالىز ئىنستىتۇتى» ئۆز دۆلىتىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەسلى دۆلىتىدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ھازىرلاپ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنغان. دوكلاتتا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىگە بەلگىلىك سەھىپە ئاجرىتىلغان.

«بېسىم ۋە كونترول: نورۋېگىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي، روھىي ۋە دىنىي جەھەتلەردىن ئەسلى دۆلىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى» ناملىق مەزكۇر دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «نورۋېگىيەدىكى بىر قىسىم كۆچمەنلەر توپىنىڭ ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتنىڭ بېسىم ۋە كونترول قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ دوكلاتتا ئۇلار ئۇچراۋاتقان مۈشكۈلاتلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر دۇچ كېلىۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەر بايان قىلىنىدۇ.»

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ بېسىملارنىڭ تۈرلىرىنىڭ ھەر خىللىقى، كىشىلەرنىڭ دىنىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن نورۋېگىيەدىن ياتلاشتۇرۇلۇشقا قىستالغانلىقى، ئەسلى دۆلەتنىڭ بۇ يەردىكى كونسۇللىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىمى، بۇلارنىڭ ئاىلە-تاۋابىاتلىرىنىڭ ئەسلى دۆلەتتە قولغا ئېلىنىشى، ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىشى ۋە تۈرلۈك جازا، تەھدىتلەرگە ئۇچراش ئەھۋاللىرىمۇ دوكلاتتىن ئورۇن ئالىدۇ.»

دوكلاتتا ئۇيغۇرلار، چېچەنلەر، تۈركلەر، ئېفىيوپىيەلىكلەر، ئېرتىرىيەلىكلەردىن ئىبارەت نورۋېگىيەدىكى 5 كۆچمەن گۇرۇپپىنىڭ ئەسلى دۆلىتىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ بېسىم ۋە نازارىتىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى ئانالىز ھەم تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، دوكلات «پروبا ئىجتىمائىي ئانالىز ئىنستىتۇتى» نىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ساھەدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئەسلى دۆلىتىدىن كەلگەن بۇ خىل بېسىم ۋە كونترول نورۋېگىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئاىلە-تاۋابىاتلىرى ئۇچراۋاتقان تۇتقۇن قىلىشلار، تەھدىتلەر، بېسىملار بۇلارنى تۈرلۈك چۈشكۈنلۈك ھەم تەشۋىشلەرگە گىرىپتار قىلغان. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەن.

بىزنىڭ نورۋېك تىلىدا ھازىرلانغان بۇ دوكلاتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىش ئىمكانىمىز بولمىدى. ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ «پروبا ئىجتىمائىي ئانالىز ئىنستىتۇتى» بۇ دوكلاتنى ھازىرلاش جەريانىدا «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىنمۇ پايدىلانغان. «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ پروگرامما ياردەمچىسى مۇھەتتەر ئىلقۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەزكۇر دوكلاتتا ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش مەسىلىسى كونا تېما ھەمدە بۇ خىل ئەھۋال پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ بىر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ھازىرلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنۇشى يېڭىلىق ھېسابلىنىدىكەن.

مەركىزى نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ دوكلات ھەققىدە توختالغاندا، كۆپلىگەن تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ خىتاي تەھدىتى مەسىلىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرىدىن 1-قول ماتېرىيال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان «بېسىم ۋە كونترول: نورۋېگىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي، روھىي ۋە دىنىي جەھەتلەردىن ئەسلى دۆلىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى» ناملىق 58 بەتلىك بۇ دوكلات 18-ئاۋغۇست كۈنى يەنە نورۋېگىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ «پروبا ئىجتىمائىي ئانالىز ئىنستىتۇتى» سەھىپىسىدىمۇ ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.

20- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى 2020-8

Legg igjen en kommentar