نۇرى تۈركەل ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئامېرىكادىكى سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى نۇرى تۈركەل ئەپەندىم ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 25-ماي ئوسلوغا كەلمەكچى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا «samiske huset» (سامىلار ئۆيى)دە نۇرى تۈركەل ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. سۆھبەت تېمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كىشىلەر قىزىقىۋاتقان ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن باشقا ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ئىشتىراك قىلغان ئەمەلدارلارغا جازا تەدبىرى بېرەمدۇ؟ ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۈرىشىنى قوللامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا ئۆز چۈشەنچىسىنى قويۇش بىلەن سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. سۆھبەت نەق مەيداندىن تارقىتىلمايدۇ.
ۋاقتى: 2019-يىلى 25-ماي
سائەت 19:00 دىن 21:00 گىچە
ئورنى : ئوسلودىكى سامىلار ئۆيى
Samisk Hus Oslo
Dronningensgate 8 b, 0151 Oslo

Legg igjen en kommentar