نورۋېگىيەدە «خانىم-قىزلار سۆھبەت پائالىيىتى»ئۆتكۈزۈلدى
3-ئاينىڭ 8-كۈنى «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خانىم قىزلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا «خانىم-قىزلار سۆھبەت پائالىيىتى»ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت كولبۇتون مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خانىم-قىزلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. 
پائالىيەتتە «ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن گۈلنار خانىم بىلەن دىلنۇر خانىملارنىڭ مۇھىم لېكسىيىلەرنى بېرىشى بىلەن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خانىم-قىزلارنىڭ، بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدا، دىنىمىزدا ئاياللارغا بۇيرۇلغان ئەمەللەر ۋە ئۇ ئەمەللەرنى تەتبىقلاش ھەققىدە،نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتتە قولى گۈل خانىم-قىزلارنىڭ تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇرچە تائاملىرىغا ئېغىز تېگىلدى. 
بۇ قېتىمقى «خانىم-قىزلار سۆھبەت پائالىيىتى» ئىنتايىن كۆڭۈللۈك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سائەت 18:00 گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەت كەچ سائەت 22:00 گىچە داۋام قىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان خانىم-قىزلار بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى. ئىلگىرى ۋەتەندە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، پېشقەدەم مائارىپچى تۇرغۇنئاي خانىم بۇ پائالىيەتنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئۇچۇرۇشۇش، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى. نورۋېگىيەدىكى ياش خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن تۆلەۋاتقان بەدەللىرىنى، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتەك قەيسەرلىكىنى ئاڭلاپ تەسىرلەندىم.ئانا تىلىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن مىننەتسىز بەدەل تۆلەۋاتقان سىڭىللىرىمدىن پەخىرلەندىم! ئاللا يولۇڭلارنى يەنىمۇ ئوچۇق قىلسۇن، ئەقلىڭلار تېخىمۇ زىيادە بولسۇن!
