لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا ئائىت يېڭى مەلۇماتلار

لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا ئائىت يېڭى مەلۇماتلار

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق
2019-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

چەت ئەلدە خىتاي دۆلىتىدىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان «زىمىستان قىش» دېگەن تور ژۇرنىلى بار. بۇ ژۇرنالنىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدە كۆپلىگەن خىتاي پىدائىي مۇخبىرلىرى بار. بۇ مۇخبىرلار ئىزچىل تۈردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرلانغان تۈرمىلەردە ئىشلەيدىغان ساقچىلاردىن بىۋاسىتە ئاخبارات ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تور ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا تارقالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر ۋىدېئونى شۇلار قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئاشۇ ۋىدېئونى تارتقان كىشى يېقىندا غايىب بولغانلىقى، ھەمدە «زىمىستان قىش» ژۇرنىلىنىڭ يەنە 40 نەپەردەك مۇخبىرلىرىمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى يېقىندا خەۋەر قىلىندى.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «Lizayli» ئىسىملىك مۇخبىرى ئۆتكەن يىل 17-دېكابىردا «ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغىنىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار مەخپىي يۆتكىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىدا تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلار بايان قىلىندى [1]:

• خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ تارقىتىۋېتىشنى رەسمىي قارار قىلدى
• بۇنى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر خادىم ئاشكارىلىدى
• قىيناش ۋاسىتىسى بىلەن ئادەم ئۆزگەرتىش، ۋە ئۇ ئەھۋالنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇش قارار قىلىندى
• ئىچكىرىدىكى ساقچى ئىدارە باشلىقلىرىغا ئالدى بىلەن يۆتكىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يەر ھازىرلاش بۇيرۇق قىلىندى
• بىكارلانغان تۈرمىلەر بىر قېتىم تەلتۆكۈس يېڭىلاندى
• تۈرمىلەرگە 4 قات ئىشىك، ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئۆلتۈرەلەيدىغان توكقا ئۇلانغان بىر توكلۇق تۆمۈر ئىشىك، ۋە چاققىلى بولمايدىغان ئەينەك ئورنىتىلدى
• تۈرمىلەر ئەتراپتىكىلەردىن قاتتىق مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، مەسىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك ئىشلارنى سىرتتىكىلەرنىڭ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس
• تۈرمىدىكى ھەممە ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلسىمۇ سىرتتىكىلەر بىلمەيدۇ
• نەچچە 10 مىڭ تۈرمە ساقچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردىكى ساقچىلاردىن لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىنىپ كەلدى
• تەربىيىلەش ساھەسى ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ «قايتىدىن ياساپ چىقىش» ئۇسۇللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
• ئىچكىرىدىكى ساقچىلار ئۆگەنگەن تاكتىكىلار ئىچىدە «مەن خىتاي» دېمىگەنلىرىگە توك ئۇلاش جازاسىمۇ بار
• بەزى ساقچىلارنىڭ توك كالتىكى كونىراپ كەتكەندە، ئۇلار توك پەلىيى ۋە توك ئورۇندۇقى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنى قىينايدۇ
• توك پەلىيىنىڭ ئازابى توك كالتىكىدىن جىق كۈچلۈك
• توك كالتىكىنىڭ توكى ئادەم تېرىسىنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدۇ، ئەمما توك پەلىيىنىڭ توكى ئادەم نېرۋىسىغىچە بارىدۇ
• توك كىيىمىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ
• ئۇيغۇرلار «مەن خىتاي» دەپ ئېتىراپ قىلمىغۇچە، توكتا قىيناش توختىتىلمايدۇ
• ئاشۇنداق قىيناش نەتىجىسىدە قامالغان ئۇيغۇرلار «مەن خىتاي، مەن ۋەتەننى سۆيىمەن، كومپارتىيە ياخشى» دەيدىغان بولىدۇ
• قامالغانلار ئىچىدە 70 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكىلەرمۇ بار
• قامالغانلارنىڭ پۇت قولى بىر كۈن، 24 سائەت تۆمۈر زەنجىر-كىشەندە باغلاقلىق تۇرىدۇ
• يۇيۇنغاندىمۇ پۇت-قولىدىكى تۆمۈر زەنجىر-كىشەنلەر ئېلىۋېتىلمەيدۇ
• ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشكە يول قويۇلمايدۇ، ھەمدە خىتايچىنى ئۆگىنىپ بولالمىغانلار قاتتىق ئۇرۇلىدۇ
• قامالغانلار ئولتۇرغاندا ھەرىكەتسىز ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى مەخسۇس كۆزىتىپ تۇرىدىغان ساقچىلار بار. بۇمۇ ئادەم قىيناشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى
• بىر ساقچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە قاماقتىكى ھەممە ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلسىمۇ ھېچ كىم بىلمەيدىكەن.

«زىمىستان قىش» دېگەن ژۇرنال ئۆتكەن يىل 27-دېكابىردا «ئۇيغۇرلارنى مەخپىي يۆتكەشكە ئائىت يېڭى ئۇچۇرلار» دېگەن تېمىدا يەنە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىنىڭ خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىلىرى بار بولۇپ، مەن خىتايچىنى ياكى ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ ماقالىدا تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلار بايان قىلىندى [2,3]:

• ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى ۋە مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ
• بۇ خىزمەتنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە مەسئۇل ئىدارىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
• يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىچكىرىگە ئاپىرىپ بېرىشقا مەسئۇل بولۇپ، قالغان ئىشلارنى يەرلىك تۈرمە ئورگانلىرى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈۋالىدۇ
• ئاندىن ئۇيغۇرلار مەخسۇس تەييارلانغان قاتناش قوراللىرىدا تۈرمىلەرگە يۆتكىلىنىدۇ
• بەزىلىرى مەخسۇس تەييارلانغان يەرلىك پويىزلاردا يېرىم كېچە بولغاندا يۆتكىلىنىدۇ
• ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى توسۇلىدۇ، ھەمدە ساقچىلارنىڭ سەپەر جەريانىدا سۆزلىشىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ
• ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، تۈرمىلەرگە ئاپىرىدىغان تۈرمە ساقچىلىرى ئالدى بىلەن بىر خىل ئالاھىدە تەربىيىلىنىشنى تاماملايدۇ
• يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆتىدىغان يەرلەردىكى بارلىق كوچا تەشۋىقات تاختايلىرى ۋە يول ئىسمى تاختايلىرى ئېلىۋېتىلىدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستى يېپىپ قويۇلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە بارغانلىقىنى بىلىۋېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ
• ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش جەريانىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش 1-دەرىجىلىك مۇھىم ۋەزىپە
• ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنمايدۇ
• ساقچىلارنىڭ تۈرمىلەردە تېلېفوندا سۆزلىشىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، خىزمەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرى ئىشكاپتا قۇلۇپلاقلىق تۇرىدۇ
• ئىككى تۈرمە ساقچىسى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش ئىشى توغرىسىدا بىر قېتىم پاراڭلىشىپ قويغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتلىرىدىن چىقىرىۋېتىلدى
• تۈرمىدىكىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە قىيىن
• تۈرمىلەردە يۆتكەپ ئەكېلىنگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك جىنايەتچىلەردىن ئايرىم تۇرىدۇ
• يەرلىك جىنايەتچىلەر كۈندۈزى سىرتقا ئاپتاپ يېگىلى چىقالايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار سىرتقا قەتئىيلا چىقىرىلمايدۇ
• ئۇيغۇرلار تۈرمە كامېرلىرىدىكى كىچىك ئورۇندۇقتا قىمىرلىماي ئولتۇرىدۇ، ئۆز-ئارا سۆزلىشەلمەيدۇ، ئۆز-ئارا شەرەت قىلىشالمايدۇ، ئۇلارنى ساقچىلار ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدۇ
• بىرەر ئۇيغۇر ئۆلسە، ئالدى بىلەن يەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە خەۋەر قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئائىلىسىگە خەۋەر قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ
• ھازىر جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىگە يۆتكىۋېتىلىش خەۋپى ئاستىدا
• يېقىندا يېشى 60 ۋە 70 تىن ئاشقان 200 نەپەر ئۇيغۇر ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس تۈرمىسىگە ئاپىرىلدى
• ئىچكىرىگە ئاپىرىلغان بىر ئۇيغۇر بىر يەردە ماشىنا بىلەن ئورا كولاۋاتقان ئەھۋالنى كۆرۈپ، «بىزنى مۇشۇ يەرگە تىرىك كۆمۈۋېتىدىغان ئوخشايدۇ»، دەپ ئويلاپ، قاتتىق قورقۇپ كەتكەن. ھازىر پۈتۈن خىتاي دۆلىتىگە تارقىتىلىپ سولانغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنى ئەنە شۇنداق.

ئۆتكەن يىل 18-سېنتەبىردە ئەل-جەزىرە تېلېۋىزورىنىڭ پروگرامما باشقۇرغۇچىسى دوكتور مەھدى ھەسەن نۇرى تۇركەل ۋە بىر خىتاي ھۆكۈمىتى مەركىزىي ئەقىل ئامبىرىنىڭ ۋېكتور گاۋ ئىسىملىك رەئىسى بىلەن تېلېۋىزور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، ۋېكتور گاۋ «ھەممىسىنى قوشقاندا شىنجاڭدا 6 ياكى 7 مىليون ئۇيغۇر بار»، دېدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك كادىرلىرى بۇنداق چوڭ ئىشتا ئۆزى خالىغانچە سۆزلىيەلمەيدىغان بولغاچقا، مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا قاتتىق چۆچۈدۈم. ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6 ياكى 7 مىليونغا چۈشۈرۈپ قويماقچى ئوخشايدۇ»، دەپ قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان يېشى 15 ياشتىن يۇقىرى ئۇيغۇرلار ۋە يېتىملەر مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى ھازىر 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە بولغان ئارىلىقتا، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. جازا لاگېرلىرىدىكى ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە تارقىتىپ، شۇ يەردە ئۆلگۈچە ئىشلىتىپ يوق قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى 6 ياكى 7 مىليونغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئۇلار قوللىنىۋاتقان باشقا ئىستراتېگىيەلەرمۇ بار. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنە ئايرىم توختىلىمەن.

ھازىر چەت ئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ناھايىتى قاتتىق ئەندىشىگە پاتقان بولۇپ، نۇرغۇن قېرىنداشلار مۇنداق سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ:

–نېمە ئۈچۈن تۈركىي قېرىنداشلار ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟
–نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان دۇنياسى ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟
–نېمە ئۈچۈن غەرب دۇنياسى ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟
–نېمە ئۈچۈن دۇنيا ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟

ئەسلىدە بىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزدىن «نېمە ئۈچۈن چەت ئەلدىكى شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلار ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟» دەپ سورىساق توغرا بولىدۇ. چەت ئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىر باياناتنامە ئېلان قىلدى. ئەمما چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىرلىشىپ، ئاشۇنداق ئىشتىن بىرەرنى تېخىچە قىلىپ بولالمىدى. ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھازىرمۇ زادىلا مىدىرلىماي، سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان، ياكى بىر ياقتا قاراپ تۇرۇۋاتقانلار خېلى كۆپ. شۇ نەرسە ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا ئېنىق بولسۇنكى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي تازىلاش قۇرۇلۇشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەي تۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلاردىن ياردەم سوراش سالاھىيىتىمىز بولمايدۇ.

 

Lagérdiki uyghurlarni xitay ölkilirige yötkesh qurulushigha a’it yéngi melumatlar

Erkin sidiq
2019-yili 1-ayning 9-küni

Chet elde xitay dölitidiki xelqlerning diniy erkinliki we kishilik hoquqi üchün küresh qilidighan «zimistan qish» dégen tor zhurnili bar. Bu zhurnalning xitay döliti ichide köpligen xitay pida’iy muxbirliri bar. Bu muxbirlar izchil türde ichkiri ölkilerde uyghurlar üchün hazirlan’ghan türmilerde ishleydighan saqchilardin biwasite axbarat igilep, ularni özining tor zhurnallirida élan qilip kéliwatidu. Yéqinda tarqalghan sherqiy türkistandiki bir lagérning ichki ehwali heqqidiki bir widé’oni shular qolgha chüshürgen bolup, ashu widé’oni tartqan kishi yéqinda ghayib bolghanliqi, hemde «zimistan qish» zhurnilining yene 40 neperdek muxbirlirimu qolgha élin’ghanliqi yéqinda xewer qilindi.

Mezkur zhurnalning «Lizayli» isimlik muxbiri ötken yil 17-dékabirda «nahayiti köp sandiki uyghurlarning qamalghinini yoshurush üchün ular mexpiy yötkiliniwatidu» dégen témida bir parche maqale élan qildi. U maqalida töwendiki muhim nuqtilar bayan qilindi [1]:

• xitay hökümiti yéqinda sherqiy türkistandiki jaza lagérlirigha qamalghan uyghurlarning ichidiki 500 mingdin artuq kishini ichkiri ölkilerge yötkep tarqitiwétishni resmiy qarar qildi
• buni xéylongjang ölkilik saqchi idariside ishleydighan bir xadim ashkarilidi
• qiynash wasitisi bilen adem özgertish, we u ehwalni qattiq mexpiy tutush qarar qilindi
• ichkiridiki saqchi idare bashliqlirigha aldi bilen yötkilidighan uyghurlarni orunlashturushqa yer hazirlash buyruq qilindi
• bikarlan’ghan türmiler bir qétim teltöküs yéngilandi
• türmilerge 4 qat ishik, uningdin bashqa adem öltüreleydighan tokqa ulan’ghan bir tokluq tömür ishik, we chaqqili bolmaydighan eynek ornitildi
• türmiler etraptikilerdin qattiq mexpiy tutulghan bolup, ichide yüz bergen ishlarni, mesilen adem öltürüshtek ishlarni sirttikilerning bilishi mumkin emes
• türmidiki hemme uyghur öltürülsimu sirttikiler bilmeydu
• nechche 10 ming türme saqchiliri sherqiy türkistan’gha ewetilip, u yerdiki saqchilardin lagérdiki uyghurlarni bashqurush we bir terep qilish taktikilirini öginip keldi
• terbiyilesh sahesi uyghurlarni xitay jem’iyitige mas kélidighan qilip «qaytidin yasap chiqish» usullirinimu öz ichige alidu
• ichkiridiki saqchilar ögen’gen taktikilar ichide «men xitay» démigenlirige tok ulash jazasimu bar
• bezi saqchilarning tok kaltiki konirap ketkende, ular tok peliyi we tok orunduqi ishlitip uyghurlarni qiynaydu
• tok peliyining azabi tok kaltikidin jiq küchlük
• tok kaltikining toki adem térisining nérisigha ötmeydu, emma tok peliyining toki adem nérwisighiche baridu
• tok kiyimimu bar bolup, u adem öltüreleydu
• uyghurlar «men xitay» dep étirap qilmighuche, tokta qiynash toxtitilmaydu
• ashundaq qiynash netijiside qamalghan uyghurlar «men xitay, men wetenni söyimen, kompartiye yaxshi» deydighan bolidu
• qamalghanlar ichide 70 yashtin yuqiri yashtikilermu bar
• qamalghanlarning put qoli bir kün, 24 sa’et tömür zenjir-kishende baghlaqliq turidu
• yuyun’ghandimu put-qolidiki tömür zenjir-kishenler éliwétilmeydu
• uyghurche sözlishishke yol qoyulmaydu, hemde xitaychini öginip bolalmighanlar qattiq urulidu
• qamalghanlar olturghanda heriketsiz olturidighan bolup, ularni mexsus közitip turidighan saqchilar bar. Bumu adem qiynashning bir xil usuli
• bir saqchi xitay hökümitining meqsiti pütün uyghur millitini yoq qilish ikenlikini étirap qildi. Uning déyishiche qamaqtiki hemme uyghurlar öltürülsimu héch kim bilmeydiken.

«zimistan qish» dégen zhurnal ötken yil 27-dékabirda «uyghurlarni mexpiy yötkeshke a’it yéngi uchurlar» dégen témida yene bir parche maqale élan qildi. Bu maqalining xitayche we in’glizche nusxiliri bar bolup, men xitaychini yaki in’glizchini bilidighan qérindashlargha uni bir qétim oqup béqishni tewsiye qilimen. U maqalida töwendiki muhim nuqtilar bayan qilindi [2,3]:

• uyghurlarni yötkesh xizmitining kölimining chongluqi we murekkeplik derijisi ademni chöchütidu
• bu xizmetni ichkiri ölkilerning türmilerge mes’ul idariliri élip bériwatidu
• yuqiri derijilik rehberlik organliri uyghurlarni sherqiy türkistandin ichkirige apirip bérishqa mes’ul bolup, qalghan ishlarni yerlik türme organliri özlirige ötküzüwalidu
• andin uyghurlar mexsus teyyarlan’ghan qatnash qorallirida türmilerge yötkilinidu
• beziliri mexsus teyyarlan’ghan yerlik poyizlarda yérim kéche bolghanda yötkilinidu
• uyghurlarning nege kétiwatqanliqini bilip qélishining aldini élish üchün ularning közliri tosulidu, hemde saqchilarning seper jeryanida sözlishishi qattiq cheklinidu
• uyghurlarni ötküzüwélip, türmilerge apiridighan türme saqchiliri aldi bilen bir xil alahide terbiyilinishni tamamlaydu
• yötkelgen uyghurlar ötidighan yerlerdiki barliq kocha teshwiqat taxtayliri we yol ismi taxtayliri éliwétilidu, yaki ularning üsti yépip qoyulidu, shu arqiliq uyghurlarning nege barghanliqini biliwélishining aldi élinidu
• uyghurlarni yötkesh jeryanida mexpiyetlikni saqlash 1-derijilik muhim wezipe
• uyghurlarning a’ilisidikilerge ularning ichkirige yötkelgenliki xewer qilinmaydu
• saqchilarning türmilerde téléfonda sözlishishi pütünley cheklen’gen bolup, xizmet jeryanida ularning téléfonliri ishkapta quluplaqliq turidu
• ikki türme saqchisi uyghurlarni yötkesh ishi toghrisida bir qétim parangliship qoyghanliqi üchün xizmetliridin chiqiriwétildi
• türmidikilerning yashash muhiti teswirligüsiz derijide qiyin
• türmilerde yötkep ekélin’gen uyghurlar yerlik jinayetchilerdin ayrim turidu
• yerlik jinayetchiler kündüzi sirtqa aptap yégili chiqalaydu, emma uyghurlar sirtqa qet’iyla chiqirilmaydu
• uyghurlar türme kamérliridiki kichik orunduqta qimirlimay olturidu, öz-ara sözlishelmeydu, öz-ara sheret qilishalmaydu, ularni saqchilar her waqit közitip turidu
• birer uyghur ölse, aldi bilen yerlik xelq ishliri idarisige xewer qilinidu, andin ular a’ilisige xewer qilish-qilmasliqni qarar qilidu
• hazir jaza lagérliridiki uyghurlarning hemmisi ichkirige yötkiwétilish xewpi astida
• yéqinda yéshi 60 we 70 tin ashqan 200 neper uyghur ichki mongghulning ordos türmisige apirildi
• ichkirige apirilghan bir uyghur bir yerde mashina bilen ora kolawatqan ehwalni körüp, «bizni mushu yerge tirik kömüwétidighan oxshaydu», dep oylap, qattiq qorqup ketken. Hazir pütün xitay dölitige tarqitilip solan’ghan barliq uyghurlarning körüwatqan küni ene shundaq.

Ötken yil 18-séntebirde el-jezire téléwizorining programma bashqurghuchisi doktor mehdi hesen nuri turkel we bir xitay hökümiti merkiziy eqil ambirining wéktor gaw isimlik re’isi bilen téléwizor söhbiti ötküzgende, wéktor gaw «hemmisini qoshqanda shinjangda 6 yaki 7 milyon uyghur bar», dédi. Xitay hakimiyitining dölet derijilik kadirliri bundaq chong ishta özi xalighanche sözliyelmeydighan bolghachqa, men bu gepni anglighanda qattiq chöchüdüm. Hemde shuningdin bashlap «xitay hökümiti sherqiy türkistandiki uyghurlarning nopusini 6 yaki 7 milyon’gha chüshürüp qoymaqchi oxshaydu», dep qattiq ensireshke bashlidim. Hazirghiche ashkarilan’ghan melumatlargha asasen, men jaza lagérlirigha qamalghan yéshi 15 yashtin yuqiri uyghurlar we yétimler merkezlirige yighiwélin’ghan uyghur balilirining sani hazir 3 milyondin 5 milyon’ghiche bolghan ariliqta, dégen xulasige keldim. Jaza lagérliridiki ashu uyghurlarni ichkiri ölkilerdiki türmilerge tarqitip, shu yerde ölgüche ishlitip yoq qilish xitay hökümitining sherqiy türkistandiki uyghur nopusini 6 yaki 7 milyon’gha chüshürüp qoyush istratégiyisining biri bolushi mumkin. Hazir ular qolliniwatqan bashqa istratégiyelermu bar. Men bu mesile üstide yene ayrim toxtilimen.

Hazir chet eldiki barliq uyghurlar nahayiti qattiq endishige patqan bolup, nurghun qérindashlar mundaq so’allarni sorawatidu:

–néme üchün türkiy qérindashlar hazirqi uyghur paji’esige süküt qilip turidu?
–néme üchün musulman dunyasi hazirqi uyghur paji’esige süküt qilip turidu?
–néme üchün gherb dunyasi hazirqi uyghur paji’esige süküt qilip turidu?
–néme üchün dunya hazirqi uyghur paji’esige süküt qilip turidu?

Eslide biz eng aldi bilen öz-özimizdin «néme üchün chet eldiki shunche köp uyghurlar hazirqi uyghur paji’esige süküt qilip turidu?» dep sorisaq toghra bolidu. Chet eldiki bir qisim xitay ziyaliyliri xitay hökümitining uyghurlargha qaratqan irqiy qirghinchiliq qurulushigha naraziliq bildürüp, bir bayanatname élan qildi. Emma chet eldiki uyghur ziyaliyliri birliship, ashundaq ishtin birerni téxiche qilip bolalmidi. Oqughan uyghurlar ichide hazirmu zadila midirlimay, sükütte turuwatqan, yaki bir yaqta qarap turuwatqanlar xéli köp. Shu nerse hemmimizning kallisida éniq bolsunki, chet eldiki uyghurlarning 90 pirsentidin köpreki xitay hakimiyitining uyghurlar üstidin yürgüzüwatqan irqiy tazilash qurulushigha qarshi heriketke ötmey turup, biz uyghurlarning bashqilardin yardem sorash salahiyitimiz bolmaydu.

Legg igjen en kommentar