دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
نورۋېگىيەدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار:
2018- يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاش، نارەسىدە بالىلارنى ئىگە-چاقىسىز قالدۇرۇش، قىزلىرىمىزنى مەجبۇرى خىتايلارغا ياتلىق قىلدۇرۇشتەك مىللەت قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدىكى خورلۇق، زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلدى. چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلارنى ئويغاتتى. جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۈرلۈك شەكىلدە نامايىش قىلىش، ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى، گۇۋاھلىق بېرىشلەر قانات يايدى. مۇھاجىرەتتىكى ئازابلىق نىدالار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. 2019- يىلى ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئېغىر كۈنلەر كۈتمەكتە! ئۇيغۇرلار شۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ بېسىمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟ جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ تەشكىلاتلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىز ئارزۇ قىلغاندىكىدەك ياردەملىرىگە ئېرىشەلەمدۇق؟ سۈكۈتتە ياتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن، ئادالەتنى ياقلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرەر ئىش قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ …
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، خەلقئارالىق ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ نورۋېگىيەدىكى ھۆكۈمەت زىيارىتى جەريانىدا يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە 2019-يىللىق د ئۇ ق نىڭ خىزمەت پىلانىنى نورۋېگىيە جامائىتىگە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كولبوتۇن پائالىيەت زالىدا سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ پائالىيىتىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز.
پائالىيەت ۋاقتى: 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 14:00 دىن 19:00 گىچە
پائالىيەت ئورنى: كولبوتۇن زالىدا (Strandliveien 1, 1410 Kolboton)
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
05.01.2019
Norwégiyediki barliq eziz qérindashlar:
2018- yili wetinimiz sherqiy türkistanda xitay hökümitining 3 milyondin artuq uyghurlarni asas qilghan yerlik milletlerni jaza lagérlirigha solash, nareside balilarni ige-chaqisiz qaldurush, qizlirimizni mejburi xitaylargha yatliq qildurushtek millet qobul qilghusiz derijidiki xorluq, zulum, assimilyatsiye siyasiti yürgüzüldi. Chékidin ashqan zulum muhajirettiki wetendashlarni oyghatti. Jaza lagérlirigha qarshi türlük shekilde namayish qilish, imza toplash pa’aliyetliri, guwahliq bérishler qanat yaydi. Muhajirettiki azabliq nidalar uyghurlar mesilisining xelq’ara metbu’atlarning qiziq nuqtisigha aylinishigha tesir körsetti. 2019- yili uyghurlarni yenimu éghir künler kütmekte! uyghurlar shu éghir künlerning bésimigha qandaq taqabil turushi kérek? Jaza lagérlirida, türmilerde yétiwatqan milyonlighan qérindashlirimizning hörlükke chiqishi üchün némilerni qilishimiz kérek? Teshkilatlar némilerni qilishi kérek? Yawropa döletlirining biz arzu qilghandikidek yardemlirige érishelemduq? Sükütte yatqan musulman döletlirining uyghur musulmanliri üchün, adaletni yaqlap xitay hökümitige qarshi birer ish qilishi mumkinmu? …
Dunya uyghur qurultiyining re’isi, xelq’araliq wakaletsiz milletler teshkilatining mu’awin re’isi, siyasiy pa’aliyetchi dolqun eysa ependimning norwégiyediki hökümet ziyariti jeryanida yuqiriqi bir qatar mesililer we 2019-yilliq d u q ning xizmet pilanini norwégiye jama’itige bildürüsh meqsitide 2-ayning 3-küni kolbotun pa’aliyet zalida söhbet orunlashturuldi. Shu munasiwet bilen norwégiyening herqaysi rayonliridiki barliq qérindashlirimizni bu pa’aliyitimizge teklip qilimiz.
Pa’aliyet waqti: 2019-yili 2-ayning 3-küni sa’et 14:00 din 19:00 giche
Pa’aliyet orni: kolbotun zalida (Strandliveien 1, 1410 Kolboton)
Norwégiye uyghur komitéti
