نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى ۋە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ يىللىق خۇلاسىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

12-ئاينىڭ 16-كۈنى كولبوتن (kolbotn) زالىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى ۋە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ يىللىق خۇلاسىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
سائەت 10:00 دىن 14:00 گىچە ئېچىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى، رەئىس بەختىيار ئەپەندىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى. 
دەسلەپكى بۆلىكىدە كومىتېتنىڭ باش كاتىپى ئادىلجان ئەپەندىم ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى، ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ يېزىپ تاپشۇرغان يىللىق خۇلاسىسىغا ۋە ئېلىپ بېرىلغان ئەمىلى خىزمەتلەرگە ئاساسەن، سان-سىپىرلىق مەلۇماتلار بىلەن تولۇق تەييارلانغان خۇلاسە دوكلاتىنى ھەيئەت ئەزالىرىغا ئاڭلاتتى. ھەيئەت ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن چەكلىك ۋاقىتتا قىسقا ئەمما مېغىزلىق قىلىپ، خۇلاسە دوكلاتىغا ئۆز پىكىر تەكلىپلىرىنى بەردى. ئۆتكەن بىر يىلدا ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېر مەسىلىسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، بېسىم قىلىش، پاراكەندە قىلىشتەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش جەھەتلەردە بولسۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، «غايىب مەھبۇسلار» تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، نورۋېگىيەدە «ئۇيغۇر ئانا تىلى يىلى» ۋە باشقا تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشلاردا بولسۇن، كۆپ ئەجىرلەر قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىلەر كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، لېكىن ۋەتەن ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە قىرغىن قىلىنىشىدەك رېئاللىق ئالدىدا، ھەيئەت ئەزالىرى بىردەك ئېچىنىش ۋە ئازاب ئىچىدە قىلىنغان خىزمەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشتى. 

كېيىنكى بۆلىكىدە رەئىس بەختىيار ئەپەندىم 2019-يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، ھەر-بىر ھەيئەت ئەزاسىغا ئەمىلى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى. ھەيئەت ئەزالىرىمۇ كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى قانداق ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ-پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.يىغىندا ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىشى ۋە قوشۇلۇشى بىلەن مۇھىم قارارلار ئېلىندى. بۇ قارارلارنىڭ بىرى، كومىتېتنىڭ باش مەسلىھەتچىسى سەمەت ئەپەندىمنىڭ «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ مۇدىرلىقىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، گۈلنار خانىم «ئۇيغۇر ئانا تىل»مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىغا ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل ھەيئەت ئەزالىقىغا بېكىتىلدى.

يىغىن مەزگىلىدە كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئەپەندى ئۆتكەن بىر يىلدا خىزمىتى ئالاھىدە بولغان ھەيئەت ئەزالىرىنى مۇكاپاتلىدى.

 

ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ 2018-يىللىق خۇلاسە پائالىيىتى سائەت 15:00 دىن 18:00 غىچە داۋام قىلغان بولۇپ، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر يەنى ھەر قايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى ھاياجانغا سالدى. پائالىيەت جەريانىدا ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ «ئانا تىل» ئۆگىنىشىگە مېھنەتسىز ئەجىرلەر سىڭدۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئالاھىدە رەھمەتلەر بىلدۈرۈلۈپ، گۈلدەستىلەر سوۋغا قىلىندى. بۇ بىر يىلدا مەكتەپ مۇدىرلىقىدا بولغان سەمەت ئەپەندىمگە تون كىيدۈرۈلدى. «ئانا تىل مەكتىپى»نى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان، ياردەمدە بولغانلارغا رەھمەتلەر ئېيتىلىش بىلەن، كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئەپەندىمگە، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى فەرۇخ ئەپەندىمگە، جامائەت ئەربابلىرىدىن مەمتىمىن ھاجىم، ئابدۇرېشىت ئەپەندىلەرگە گۈلدەستىلەر سوۋغا قىلىندى. پائالىيەتتە جامائەتچىلىك يەنە خانىملىرىمىزنىڭ تەييارلاپ كەلگەن مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگدى.,

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى ھاياجانغا سالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى ھاياجانغا سالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى ھاياجانغا سالدى. كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئەپەندىمگە، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى فەرۇخ ئەپەندىمگە، جامائەت ئەربابلىرىدىن مەمتىمىن ھاجىم، ئابدۇرېشىت ئەپەندىلەرگە گۈلدەستىلەر سوۋغا قىلىندى "ئانا تىل" ئۆگىنىشىگە مېھنەتسىز ئەجىرلەر سىڭدۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئالاھىدە رەھمەتلەر بىلدۈرۈلۈپ، گۈلدەستىلەر سوۋغا قىلىندى. بۇ بىر يىلدا مەكتەپ مۇدىرلىقىدا بولغان سەمەت ئەپەندىمگە تون كىيدۈرۈلدىئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى ھاياجانغا سالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى ھاياجانغا سالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشلار پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنى ۋە جامائەتچىلىكنى ھاياجانغا سالدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى

 

Legg igjen en kommentar